چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>رەيھانگۇل بەكتۇر
 

بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)،  ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە  شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان.  باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان.  دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە  ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (ولورودا بوئۇلدەر) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا  بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گوئوگلەدىن  ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىق خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن.


ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ  يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇئادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.


رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (ئىنتەرناتىئونال فەستىۋا)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ (چىنەسە ستۇدەنت ئاسسوىئاتىئون) ياردىمى بىلەن  ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( ئۇيغۇر فاشىئون شوۋ) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان.


رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە رف ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ  ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (ئاسسىستانت پروفەسسور) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگانگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.


دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئەلەتروماگنەتىس)، ئانتېننا (ئانتەنناس)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش(مىروۋاۋە ىرۇئىت دەسىگن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( ئەلەتروماگنەتىس)، مىكرو دولقۇن ( مىروۋاۋە) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىربىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا ، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان.


رەيھانگۈل يەنە  ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:


1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن  ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك (پەرسون نەئەدس تو بە پھيسىاللي ئاتىۋە تو كەئەپ ھىس ئور ھەر مىند ئاتىۋە).


 2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.


يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ