چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ھوشۇر ئىسلام
 

پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام 1942-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان. دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاساسلىقى كومپيۇتېردا كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
ھوشۇر ئىسلام دۆلەتنىڭ «863» پىلانىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر تەتقىقات تۈرى (جەمئىي 6 قارار)گە، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندى تۈرى، 7-بەش يىللىق، 8-بەش يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قاتارلىق 15 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 تۈر خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن، تۆت تۈر دۆلىتىمىزدىكى ئىجادىيەت بولۇپ باھالانغان. بىر تۈردە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىر تۈردە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 3 تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. 7 پارچە دەرسلىك تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان.


ھازىر دۆلەتنىڭ «863» پىلان تۈرى، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن فوندى تۈرى ئىچىدىكى 6 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. ھوشۇر ئىسلام مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى. ئۇدا 3 يىل ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ باھالانغان، دۆلەتنىڭ «8-بەش يىللىق» پىلانى يۇقىرى تېخنىكا بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، دۆلەتنىڭ گۇئاڭخۇئا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىر جۇڭگو يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى.


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ