چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>نىياز كېرىم شەرقى
 

خەتتات نىياز كېرىم شەرقى 1948-يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىلا ئۇ خەتتاتلىق جەھەتتىكى تالانتى بىلەن مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ دېققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇ بارلىقىنى خەتتاتلىق سەنئىتىگە بېغىشلاپ، « ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى توغرىسىدا» ناملىق بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ ئەسىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا بىرىنچى دەرىجىلىك « سەنئەت غۇنچە ماكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە تۆت قېتىم شەخسىي « خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى» ئاچقان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ ھەمدە مۇكاپاتلىنىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرگە.
ئۇ تۈزۈپ چىققان « ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» ، « ھۆسىن خەت نۇسخىلىرى» ۋە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە « خەت يېزىش مەشىقى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.
خەتتات نىياز كېرىم شەرقى مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا « ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى خەتتاتلىق جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىجابىي ۋارسلىق قىلىپلا قالما، بەلكى چەتئەلنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلىق نەزىرىيە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيەت – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


خەتتات نىياز كېرىم شەرقى 1948-يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىلا ئۇ خەتتاتلىق جەھەتتىكى تالانتى بىلەن مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ دېققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇ بارلىقىنى خەتتاتلىق سەنئىتىگە بېغىشلاپ، « ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى توغرىسىدا» ناملىق بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ ئەسىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا بىرىنچى دەرىجىلىك « سەنئەت غۇنچە ماكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە تۆت قېتىم شەخسىي « خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى»ئاچقان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ ھەمدە مۇكاپاتلىنىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرگە.
ئۇ تۈزۈپ چىققان « ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» ، « ھۆسىن خەت نۇسخىلىرى» ۋە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە « خەت يېزىش مەشىقى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.
خەتتات نىياز كېرىم شەرقى مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا « ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى خەتتاتلىق جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىجابىي ۋارسلىق قىلىپلا قالما، بەلكى چەتئەلنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلىق نەزىرىيە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيەت – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ