ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار،ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىغا زور تۆھپە قوشۇپ،مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ،خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن تالانتلىق ئۇستاز ئارتىسىمىز زۇنۇنقىز ئىلاخۇن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.بىز مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەتتە بۇلىشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن تىلەيمىز.
ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 1936 – يىلى 6 – ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1951 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆلكىلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زۇنۇنقىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە ئەگرى – توقاي سەنئەت ھاياتى باشلاندى. ئۇ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ، « غېرىپ – سەنەم » ، « يىتىملار يېشى » ، « توي » ، « كۈرەش يولى » ، « گۈلنىسا » ، « غۇنچەم » قاتارلىق ئوپېرا ، درامىلاردا باش روللارنى ئېلىپ كەسىپتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى .
ئەپسۇس ، زۇنۇنقىز 1960 – يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1970 – يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان « سول » چىلىق شامىلىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ 10 يىلدىن ئارتۇق كەسپىتىن ئايرىلىپ قالدى . 1979 – يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلەشكە باشلىدى ھەم 1980 – يىلى 3 – ئايدا بۇ ئۆمەك تەييارلىغان « غېرىپ – سەنەم » ئوپېراسىدا ئىلگىكى « سەنەم » ئەمەس ، بەلكى غېرىپنىڭ ئاپىسى « مېھرىبانۇم » بولۇپ سەھنىدە قايتا جۇلالاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ زۇنۇنقىز « چىن مودەن » ، « تاشۋاي » ، « سىز بىزگە ئىشىنەمسىز » ، « كېلىنلەر قوزغىلىڭى » قاتارلىق كۆپلىگەن دارمىلاردا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوبراز يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
زۇنۇنقىز يالغۇز تىياتىر ساھەسىدىلا ئەمەس ، كىنو – تېلېۋىزىيە ساھەسدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكاردۇر . ئۇ 1959 – يىلە ئىشلەنگەن « بوستانلىقتا تەنتەنە » ناملىق فىلىمدا رول ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنى باشلىغاندا . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « زوزۇڭتاڭ » ، ھېكايە فىلىم « مەلىكە ئاماننىساخان » ، 9 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « تىمتاس گۇگۇم » ، قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى « كەچۈر ئانا » ، ، « يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى » ، 5 قىسىملىق تېلېۋىزىيى تىياتىرى « يىراق يېزىغا مۇھەببەت » ۋە ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن « ئۆچكەن يۇلتۇز » ، « تەڭرى گۇۋاھ » ، ، « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ » ، « سەرسان روھ » ، « چىن سۆيگۈ » ،« كۆزۈمدە لىق ياش » ۋە20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « شىنجاڭ قىزلىرى » دا ئوخشىمىغان كەچۈرمىش ۋە خاراكتېرىگە ئىگە .
ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار،ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىغا زور تۆھپە قوشۇپ،مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ،خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن تالانتلىق ئۇستاز ئارتىسىمىز زۇنۇنقىز ئىلاخۇن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.بىز مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەتتە بۇلىشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن تىلەيمىز.
زۇنۇنقىز ئىلاخۇن ھەدە ئىكران ئارقىلىق ياراتقان مىھرىبان ئانا ئوبرازىڭىز مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۆچمەيدۇ،ياتقان يىرىڭىزنىڭ جەننەتتە بۇلىشىغا تىلەكداشمىز.