چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>پاشا ئىشان
 

پاشا ئىشان 12 ياش چېغىدىلا بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ياڭراق ، يېقىملىق ئاۋازى ، سەنئەتتىكى تەبىئى تالانتى ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ‹‹ تەڭرىتاغ بۇلبۇلى ›› دەپ نام ئالغان . ئۇ سەنئەت مۇساپىسىدا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .


پاشا ئىشان 1940 – يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان . ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئاجايىپ نەغمىچىلەر ، ئۇستا ناخشىچىلار بار بولۇپ ، ئۇنىڭ قەلبىگە سەنئەتنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرىنى ئەنە شۇ ناخشىغا ھېرىسمەن خەلق چاچقان .


1952 – يىلى ، پاشا ئىشان غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى مۇشۇنداق ئاۋازى ياڭراق بىر قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، كىچىك پاشانى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئەكەلگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن پاشا ئىشان ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن .


1953 – يىلى پاشا ئىشان چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىدىكى پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالىمىنى پىدائىيلارغا يەتكۈزگەن . 1955 – يىلى پاشا ئىشان ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا فېستۋالىغا قاتنىشىپ ، ‹‹ئازات زامان›› ، ‹‹سېنى ئەسلەيمەن›› قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ، بۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان ۋەتىنىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن . 1961 – يىلى ئۇ جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھېندونزىيە ، بېرما ، نېپال ، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان
سەنئەت ئىشلىرىغا تىنماي تۆھپە قوشۇۋاتقان پاشا ئىشانغا 1985 – يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ‹‹ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس ›› دىگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. ئۇ مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ 7 – ، 8 – نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشا مەشىق قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ .


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 2004 – يىلى ئۇنىڭغا‹‹ تەڭرىتاغ تۆھپىكارى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن .


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ