چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئابدۇسالام توختى
 

 پىشقەدەم شائىر ، مائارىپچى ئابدۇسالام توختى 1934–يىلى 11–ئايدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1941–يىلىدىن 1951–يىلىغىچە غۇلجا شەھەر ‹‹ئۈمىد مەكتىپى›› دە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان. 1953–يىلى 8–ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1956–يىلىغىچە ئۈرۈمچى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىندە تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1956–يىلىدىن 1973– يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك بۆلۈمى ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1979–يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىگە ئەزا بولغان . شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ ، ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو مائارىپ نەشرىياتلىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تۈركىي تىللار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ ئالىي مۇھەررىر.


   شائىر ئابدۇسالام توختى 1952–يىلى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان ‹‹ئالغا›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹مېنىڭ ئەقىدەم›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹ۋەتەن››، ‹‹ئۆكتەبىر تېڭى››، ‹‹بىز بەختلىك بالىلار››، ‹‹قوش يۈرەك››، ‹‹تۆمۈريول قەھرىمانلىرىغا››، ‹‹پارتىيە ھەققىدە مۇخەممەس››، ‹‹نۇر چېچىپ ئاتقاندا تاڭ››، ‹‹جەڭچىنىڭ مۇھەببىتى››، ‹‹خەلقىمگە››، ‹‹ئانا تۇپراق›› قاتارلىق ئۈچ يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە رۇبائىيلىرى، ‹‹تىيانشان قىسسىسى››، ‹‹ئۇلۇغ گراژدان›› قاتارلىق داستان ۋە باللادالىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹‹‹ماۋجۇشىنىڭ جىڭگاڭشەنگە قايتا چىقىشى› ناملىق شېئىرنى ئوقۇغاندىن كېيىن››، ‹‹ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيەسىدىكى بەزى مەسىلىلەر›› قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1981–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹گۈلدەستە›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى ‹‹تاڭ ناخشىلىرى››، ‹‹شانلىق يىللار››، ‹‹باھار سوۋغىسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى››، ‹‹غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر››، ‹‹توي چاچقۇسى›› قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ‹‹ئۆكتەبىر تېڭى››، ‹‹تاماشا قىل باھارىمنى››، ‹‹پارتىيە ھەققىدە مۇخەممەس››، ‹‹ئىتتىپاقلىق ناخشىسى›› قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە بەزى شېئىرلىرى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ‹‹دوستلۇق شەنىگە››، ‹‹ئۆكتەبىر تېڭى›› دېگەن شېئىرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ‹‹قىزىل ئۆزبېكىستان›› گېزىتىگە بېسىلغان ۋە ‹‹شىنجاڭ شائىرلىرى›› دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ‹‹پارتىيە ھەققىدە مۇخەممەس›› ناملىق شېئىرى 1981–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، ‹‹ئىتتىپاقلىق ناخشىسى›› ناملىق ناخشا تېكىستى 1983–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا تېكىستلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


   جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتى تۈزگەن 1981–يىلى شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن تاللانغان ئەسەرلەر›› دېگەن بەش توملۇق كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىدىكى ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى›› قىسمىدا شائىر ئابدۇسالام توختى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدا تونۇشتۇرۇلغان . ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.


   ئابدۇسالام توختىنىڭ شېئىر ۋە داستانلىرى سوتسىيالىستىك ۋەتەننى، ‹‹ئىستىقبال بېغىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان›› خەلق ئاممىسىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ئۇلۇغلاش روھى بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ ، ئۇلاردا دەۋر ساداسى جاراڭلايدۇ. خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەلىپى ۋە ئارزۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.


   ئابدۇسالام توختى كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ پاك ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، شۇ پاك ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، ئەسەرلىرىنى بەلگىلىك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان.


   شائىر ئابدۇسالام توختى ئەدەبىي تەرجىمىگىمۇ زور ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ ‹‹ماۋ جۇشى شېئىرلىرى›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، ‹‹دەيمەن لېي فىڭ ئاكامغا››، ‹‹يېۋگىنى پوتېئىر شېئىرلىرىدىن تاللانما››، ‹‹قىزىل بايراققا مەدھىيە››، ‹‹ئىنقىلابىي ناخشىلار››، ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان›› قاتارلىق كىتابلارنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مەشھۇر يازغۇچىلاردىن دۇفۇ، لۇيۇ، لۇشۈن، گومورو، لاۋشى، چېن يى، زاڭ كېجيا، خى چىفاڭ، گۇ شاۋچۈەن، شېكىسپىر، پۇشكىن، چېخوۋ، ئۆمەر ھەييام قاتارلىقلارنىڭ 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، رۇبائىي ۋە ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.


   ئابدۇسالام توختى پىشقەدەم شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭ مائارىپىغا ۋە شىنجاڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ناھايىتى نۇرغۇن ئەجرى سىڭگەن پىشقەدەم مائارىپچى، پىشقەدەم نەشرىياتچى. ئۇ ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇتلەق كۆپ ۋاقتىنى ۋە زېھنىي كۈچىنى ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن بېغىشلاپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇ ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىيات دەرسلىكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، پايدىلىنىش قوللانمىلىرى، ھەر خىل تىل ۋە ئەدەبىيات پروگراممىلىرى ۋە باشقا كەسپىي دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە، ئۇلارنى مەلۇم بىر ئىلمىي سىستېمىغا سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەشكىللەش ۋە كەسپىي خادىملارغا ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە ئۆزى شەخسەن قەلەم تەۋرىتىپ، نۇرغۇنلىغان دەرسلىك كىتابلارنى تۈزدى ۋە تەھرىرلىدى. ئۇ كۆپلىگەن دەرسلىكلەرنىڭ ئاپتورى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ، ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 300 خىلدىن ئارتۇق دەرسلىك قوللانمىلىرىنى تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇردى، يىگىرمە نەچچە خىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ چىقتى. ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە تۈزگەن كىتابلار شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك قىزغىن ئالقىشىغا ئىگە بولدى. مەسىلەن، ئۇ 1984–يىلى تۈزگەن ‹‹ئېلىپبە›› دەرسلىكى 1988–يىلى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كىتابلارنى باھالاش پائالىيىتىدە 3–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.


   پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تۆھپىلىرىگە تېگىشلىك باھا بېرىپ، ئۇنىڭغا 1985–يىلى ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىنى بەردى.


   پىشقەدەم شائىر، پىشقەدەم مائارىپچى ۋە نەشرىياتچى ئابدۇسالام توختى پارتىيە، خەلق ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ساداقەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە ۋە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن قىزغىن شۇغۇللانماقتا. بىز ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ