چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>توختى ئايۇپ
 

 پروزا ساھەسىدە ئوبدان ھوسۇل بېرىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى توختى ئايۇپ 1945 – يىلى كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1953 – يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغاندىن كېيىن، 1957 – يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1963 – يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ 1970 – يىلىغىچە كۇچا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1970 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹نەق ئەكسىلئىنقىلابچى›› دەپ قارىلىپ، 1979 – يىلىغىچە تۈرمىدە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا ۋە جەمئىيەتتە جاپالىق، سەرسانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1979 – يىلى ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1981 – يىلى 2 – ئايغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە، 1987 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى.


   توختى ئايۇپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىشى ۋە ئاخىرىدا ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كېلىشىگە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت سۆيەرلىكى، ئۆز ئوغلىنىمۇ ئاشۇ روھتا تەربىيىلىگەنلىكى سەۋەب بولدى. ئۇ ئوقۇش يېشىغا توشقىچە ئانىسىنىڭ ئوقۇپ بېرىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرق كلاسسىك شائىر، يازغۇچىلىرىنىڭ بىرمۇنچە نادىر ئەسەرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتى. بۇلار ئىچىدە ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغىنى پۇشكىننىڭ مەشھۇر شېئىرىي چۆچىكى ‹‹بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك›› بولدى . مۇنداق ئەدەبىي مۇھىت توختى ئايۇپنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان كۈچلۈك ھەۋىسىنى قوزغىدى . ئۇ شېئىر مەشىقلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىلا باشلىدى. دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئەدەبىيات توغرىسىدا بىرقەدەر سىستېمىلىق بىلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى 1962 – يىلىدىن ئېتىبارەن ‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى .
   توختى ئايۇپ 1966 – يىلغا قەدەر ئاساسەن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا يىگىرمە پارچىدەك شېئىرى ئېلان قىلىندى. تۇنجى ھېكايىسى ‹‹ماخۇچىنىڭ قەلبى›› 1965 – يىلى ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىياتى›› (ھازىرقى ‹‹تارىم››) ژۇرنىلىنىڭ 4 – سانىدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.


   يازغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى 1980 – يىلى ‹‹بەخت يېشى›› ناملىق ھېكايىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن گېزىت – ژۇرناللاردا ئۇنىڭ ھېكايە – پوۋېست، شېئىرلىرى، دراما، كىنو سىنارىيىلىرى توختىماي ئېلان قىلىندى. كۆپلىگەن ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى، بىر قىسىم ھېكايىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. ‹‹ھايات قەدرى››، ‹‹مارجان بۇلاق››، ‹‹ئارمان›› قاتارلىق ھېكايىلەر، پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىندى.


   بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز!

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ