چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>مۇھەممە شاۋۇدۇن
 

 شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىقتىدارلىق تەھرىر مۇھەممەد شاۋۇدۇن 1942 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كۇچانىڭ شەھەر ئىچىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . 1949 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە كۇچا شەھەر ئىچىدىكى 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1956 – يىلىغىچە ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1956 – يىلىدىن 1960 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئىنىستىتۇت ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتكە چىقىرىۋېلىپ، مەكتەپ گېزىتىگە تەھرىرلىككە قويغان. 1961 – يىلىدىن 1962 – يىلى 7 – ئايغىچە ئىنىستىتۇت قارمىقىدىكى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1962 – يىلى 8 – ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› گە يۆتكەلگەن. 1977 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1979 – يىلى يەنە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كېيىن ئۇيغۇر مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.


   شائىر مۇھەممەد شاۋۇدۇن 1952 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا شېئىر – قوشاق يېزىشنى باشلىدى. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى ‹‹چېنىق ئىنىم›› 1957 – يىلى باھاردا ‹‹شىنجاڭ پېئونېرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىر، داستان، نەسىر، ئوچېرىك، ئاخبارات ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ‹‹يۈرەك ناخشىلىرى››، ‹‹بۇ يوللار، ئۇزۇن يوللار›› ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىندى. ‹‹ئالىم بىلەن ئايىم›› ناملىق داستانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئوبزورچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خېلى كۆپ نەزەرىيىۋى، ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزور يازدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى›› دېگەن شېئىرىي رومان قاتارلىق ئون نەچچە كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نەشرگە تەييارلاپ بەردى.


   شائىر 1962 – يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئون يىلغا مەدھىيە››، ‹‹شىشادىكى جەڭ››، ‹‹ياڭ كەيخۇي ھەققىدە ناخشا››، ‹‹لېي فىڭ ھەققىدە ھېكايىلەر››، ‹‹ھاجى مۇرات›› دېگەنگە ئوخشاش جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدىبلىرىنىڭ بىر نەچچە يۈزلىگەن ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. ‹‹جۇ ئېنلەينىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى شېئىرلىرى››، ‹‹تيەنئەنمېن شېئىرلىرى››، ‹‹ئەي چىڭ شېئىرلىرى››، ‹‹قىزىل چىراغ›› ئوپېراسى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئىشتراك قىلدى. ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى داۋامىدا ياش تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.


   شائىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز!

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ