چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
 

تىرىشچان شائىر ۋە يازغۇچى ، ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1951 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىرىيە ناھىيىسىنىڭ چىرىيە يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1957 – يىلىدىن 1966 – يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ، 1972 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە شىنجاڭ داشۆنىڭ تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۈنۋانى بىلەن ئۇيغۇر ، خەنزۇ تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان مەزكۈر ژۇرنال رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ .


      ئەبەيدۇللا ئىبراھىم كۆپ مەھسۇلاتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ، ئۇنىڭ ئىلگىرى – ئاخىر ‹‹ كۆكلەم ›› (مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 1981 – يىل ) ، ‹‹ يۇلغۇن چېچىكى ›› ( شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى ، 1982 – يىل ) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى ، ‹‹ ھەسەن ۋە ھۈسەن ›› ( شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى ، 1983 – يىل ) ناملىق داستانلار توپلىمى ، ‹‹ ئۈچ بولكا ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1985 – يىل ) ،‹‹ ئاجايىپ كۆزلەر ›› ( شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ، 1986 – يىل ) ‹‹ سېرىق سەبدە ›› (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1988 – يىل )قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى ، ‹‹ تۈندىكى چاقماق ›› (شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 1988 – يىل )ناملىق تارىخىي رومانى ، ‹‹ نازىگۈل ›› ، ‹‹ سىرلىق كارۋان ›› قاتارلىق دراما ۋە كىنو سىنارىيىلىرى نەشىر قىلىنغان . ئۇ يەنە خەنزۇچىدىن ‹‹ ماركوپولو ›› ، ‹‹ ئاجايىپ ۋەقەلەر ›› ، ‹‹ئەجدىھانىڭ ئۆچ ئېلىشى ›› قاتارلىق كىتابلارنى ، قىرىق پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە ئوبزورلارنى تەرجىمە قىلغان .


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ