تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
لىرىك شائىرە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن 1944 – يىل 7 – ئايدا قەشقەر كونىشەھەر (ھازىرقى توققۇزاق ) ناھىيسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا تۇغۇلدى . تۇرسۇنئاينىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇئەللىمى ئەمەت ئىبراھىم ئەدەبىيات جەھەتتە كۆپ بىلىمگە ئىگە پېشقەدەم ئىدى . ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا پات – پاتلا دۇنيادىكى داڭلىق ئەسەرلەر ، داڭلىق يازغۇچى ، شائىرلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى . بىر كۈنى ئۇ ھاياجان بىلەن توققۇز ياشلىق ھىندى قىزى سىدانىڭ ‹‹ دوستلۇق ›› دېگەن تېمىدا بىر ھېكايە يېزىپ جەلقئارادا مۇكاپاتلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ، بۇ سۆز تۇرسۇنئاينىڭ قەلبىگە كۈچلۈك تەسىر قىلدى . چۈنكى ئۇمۇ دەل شۇ چاغدا توققۇز ياشتا ئىدى . ئۇ مۇئەللىمدىن قانداق قىلسا ئاشۇ ھىندى قىزىدەك ئەسەر يازالايدىغانلىقى ھەققىدە سورىدى . مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇشنىڭ زۆزۈرلۈكىنى ئېيتتى .
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ 1958 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كېلىشى ئۇنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەدەبىيات يولىغا مېڭىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى .
1959 – يىلى ، تۇرسۇنئاينىڭ ‹‹ گۈل تاقايمەن كۆسۈڭگە ›› ، ‹‹ شياڭشۆلى ›› دېگەن شېئىرلىرى ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىغا بېسىلدى . ھەر قايسى نەشرىياتلاردا ‹‹ جىنەستە ›› ( 1981 – يىل ) ، ‹‹ بۇلبۇل ناۋاسى ›› ( 1983 – يىل ) ، ‹‹ گۈلنىھال ›› ( 1984 – يىل ) ، ‹‹ چىغىر يول ›› ( 1989 – يىل ) قاتارلىق شېئىر ، داستان توپلاملىرى نەشىر قىلىندى . ئايال شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ‹‹ ئانىلار قەلبى ›› ( 1982 – يىل ) ‹‹ بۇلبۇللار نەزمىسى ›› ( 1986 – يىل ) قاتارلىق توپلاملارنى نەشىرگە تەييارلىدى . ‹‹ مېھرىگىياھ ›› دېگەن شېئىرى بىلەن ‹‹ سەپەر ناخشىسى ›› ناملىق داستانى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش – مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2 – ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى .
تۇرسۇنئاي 1962 – يىلدىن 1972 – يىلىغىچە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ، 1972 – يىلدىن 1976 – يىلىغىچە خوتەن ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىنىدە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى . 1976 – يىل 12 – ئايدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى ‹‹ تارىم ›› دا تەھرىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . تۇرسۇنئاي ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 5 –، 6 – قۇرۇلتىيىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 3 –، 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. ھازىر ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 4 – نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئايال زىيالىيلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى .