چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئابدۇشۈكۈر كېرەم
 

ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ،  ئەر  ، ئۇيغۇر ، 1949–يىلى 10–ئايدا شىنجاڭ قومۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان .1970–يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى پۇتتۇرگەن .1981–يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ماي بوياق رەسىم كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان .ھازىر شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ كەسپىي رەسسامى .شىنجاڭ گۈزەل –سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ فوتو–سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك رەسسام .



رەسسامنىڭ  ‹‹ ئۇدۇم قالدۇرۇش›› ناملىق بۇ  ۋەكىل خاراكتىرلىك  ئەسىرى 1981 يىلى ئۈرۈمچىدە سىزىلغان



        ئابدۇشۈكۈر كېرەمنىڭ   ‹‹ئۇدۇم قالدۇرۇش ››، ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››، ‹‹مەشرەپ ››،‹‹چاقپەلەك ئۇسۇلى ››،‹‹كۆچەت تىكىش ››، ‹‹ھۈنەرۋەن ››،‹‹قارا چىراق ئۇسۇلى ››،    ‹‹بۇركۈت ئۇسۇلى ››،‹‹پامىرلىقلار ››،‹‹ئۇستىكار ››قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان .بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە ساقلىنىۋااتىدۇ .‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››ناملىق ئەسىرى 1995–يىلى تۇركىيىدە ئۆتكۈزۇلگەن خەلقارالىق نۇرۇز پېتىسىۋالىدا يىغىن گىرىبى قىلىنغان ھەم گېزىت –ژورناللاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان .1993–يىلى شەخسى ماي بوياق ئەسەرلەر توپلىمى نەشىردىن چىققان .1995–يىلى جۇڭگو  گۈزەل –سەنئەت سارىيىدا  ماي بوياق ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2001–يىلى ئۈرۇمچىدە  ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2002–يىلى ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››تېمىسىدا  فوتو–سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2003–يىلى ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››ۋە  ‹‹قومۇللۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ –ئادەتلىرى›› تېمىسىدا  فوتو –سۈرەتلەر توپلىمى نەشىردىن چىقتى .‹‹خوجايىن ››،‹‹قىزىم ›› قاتارلىق ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل –سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ .ئۇ ماي بوياق رەسىم ،ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ،ئىبرو رەسىم سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ھەم تۇرمۇش فىلىملىرى ئىشلەشتىمۇ بىر  قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن .


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ