چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>تۇرسۇن قۇربان
 

تۇرسۇن قۇربان 1942 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1950 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1953 – يىلىدىن 1959 – يىلىغىچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1959 – يىلىدىن 1964 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى تولۇق كۇرس كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆز كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ فاكۇلتېتنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى كافېدراسىغا تەقسىم قىلىنغان. مەزكۇر ئورۇندا 2003 – يىلىغىچە ئالىي مائارىپ تىل – ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىلى لېكتورلۇق، 1986 – يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. تۇرسۇن قۇربان 40 يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا جان – دىل بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىلمىي پائالىيەت، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجە يارىتىپ مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن مول تۆھپىلەرنى قوشقان.
   ئۇ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ماۋ جۇشى شېئىرلىرى، بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان قاتارلىق ئاساسىي دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ دەرسلەرنىڭ كونسىپىك، دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش قوللانمىلىرىنى تۈزۈش، تەييارلاش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قانچە قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
   تۇرسۇن قۇربان ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ئىشلىرى بىلەنمۇ ئاكتىپ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا بېغىشلانغان ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە دائىر ئەسەرلىرى، ئىلمىي ماقالە ۋە تۈزگەن، يازغان دەرسلىك كىتابلىرى خېلىلا زور سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ.
   ئۇنىڭ نوپۇلۇق ئىلمىي ژۇرنال، گېزىتلەردە، ئىلمىي ماقالىلەر توپلاملىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلىرى 125 پارچىگە يېقىن، گېزىت – ژۇرنال، توپلاملاردا ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئوبزورلىرى، سەنئەت ئوبزورلىرى، ئاخبارات ئوبزورلىرى، مۇھاكىمە ماقالىلىرى 210 پارچىغا، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى تەخمىنەن 1250 پارچىغا يېقىن.
   تۇرسۇن قۇرباننىڭ ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدىكى نەتىجىلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئېتىراپ قىلىشقا ئىگە بولۇپ، مەلۇم تەسىر قىلغاچقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب – ژۇرنال، لۇغەتلەردە تونۇشتۇرۇلغان.
   ئۇنىڭ 10 پارچە شېئىرى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، بىر پارچە شېئىرى 1983 – يىلى تۈركىيە ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئانتولوگىيىسى›› گە كىرگۈزۈلگەن.
   تۇرسۇن قۇربان بىر قانچە قېتىم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نازارەت دەرىجىلىك ھەر خىل ئىلمىي ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان.
   تۇرسۇن قۇربان ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ش ئۇ ئا ر خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، ش ئۇ ئا ر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر غۇنچە مۇكاپاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى بالىلار ئەدەبىياتى كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى.
   تۇرسۇن قۇربان گەرچە ھازىر ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەن بولسىمۇ، ‹‹مائارىپ ۋە بالىلار ئەدەبىياتى›› (2 – قىسمى) ناملىق ئىلمىي كىتابىنىڭ كۆپ قىسىم ماقالىسىنى تەييارلاپ، نەشرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا. يەنە ‹‹مەكىتلىك بالا›› ناملىق بالىلار باللادالىرى توپلىمىنىڭ ئورگىنالىنى تەييارلىماقتا.
   بىز ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!
( مەزكۇر تەرجىمىھال ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەن قىسمى 2006 – يىللىق 3 – سانىدىن قىستارتىپ ئېلىندى )


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ