چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئىمىر مۇھەممەد يىڭسارى
 
ئىمىر مۇھەممەد يىڭسارى 1942- يىلى يىڭسار ناھيىسىنىڭ ئەگۈس يېزىسى ئەمەت ئېرىق مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1949- يىلدىن 1960- يىلغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، يىڭسار ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلنىپ، 20 يىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ ئەدەبىيات، پەلسەپە پەنلىرىنى بەرگەن. شۇ جەرياندا 1963- يىلى شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.1980- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىگە يۆتكەپ كىلىنىپ، تولۇق سىفەن ۋە ئالىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئەدەبىيات، خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى، دۇنيا ئادەبىياتى قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ 1994- يىلى پىنسىيەگە چىققان، ئۈنۋانى لىكتۇر.  شۇ جەرياندا ئۆتۈلگەن دەرىس مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن پەلسەپىۋىلىك ھېكمەتلەر، خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى مىسالغا ئېلىپ «مەسلىھەت» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاپ 34 مىڭ 800 تىراژدا بېسىلدى. ئوقۇتقۇچىلىق، سىنىپ تەربىيچىلىك خىزمىتىنى يەكۈنلەپ «ئوقۇتقۇچى ۋە ئىزدىنىش» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان بولۇپ توققۇز مىڭ تىراژدا نەشىر قىلىنغان. 1985- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ «ئەدەبىيات» دەرىسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. بۇ دەرىسلىك 2003- يىلغىچە ئۆتۈلگەن. 180 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلەر، 2-3- قىسىم ماقال-تەمسىل كىتاۋىدا قەيت قىلىنغان ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت مەشئىلى» دېگەن كىتاۋىدا خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن 5200 تىراژدا نەشىر قىلىنغان(تارىخ) «مەردان ۋە چولپان» پوۋېستى قەشقەر ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىنغان. «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا»، «ئەدەبىياتتىكى ھېكايىلەرنى قانداق ئۆتۈش توغرىسىدا»، «سىنىپ تەربىيچىلىك ھەققىدە» قاتارلىق 12 ئىلمىي ماقالىسى ھەر دەرجىلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. «بولمىسا»،«قالتىس»، «ئانا يۇرت» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. «تۇردى مۇقام»، «پەزىلەتنامە ۋە كاسىپلار ھەققىدە»، «مۇقام بۇلىقى»، «تۇرغۇن موللا قوشاقلىرى» نەشىرياتقا سۇنۇلغان. ياشىنىپ كىسەل بولۇپ قالسىمۇ تىرىشىپ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بۇ خىزمەتنى باشتىن-ئاخىر «ئۇلۇغ خىزمەت» دەپ قاراپ، كەسىپنى سۆيۈپ ئىشلەپ كەلگەن پىشقەدەم باغۋەنلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دەرىسلىككە كىرگۈزۈلگەن شائىر، يازغۇچى، ئالىملارنىڭ جەدۋەللىك ماتىريالىنى ۋە 12 مۇقامغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىر، ئەدىپلەرنىڭ جەدۋەللىك ئەسەر سانلىرىنى رەتلەپ چىققان. كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قىسقا ۋاقىتتا پايدىلنىپ مەنپىئەتلىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلان قىلدۇق.
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ