چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئىسكەندەر سەيپۇللا
 
ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا 1937 - يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچى، تۇرپانلاردا ئوقۇغان؛ ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا سەنەتكە ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، توي - تۈكۈنلەر بولغاندا ناغرا - سونايچىلارغا ئەگىشىپ، يىراق - يىراقلارغا بارىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بارابان، گارمون، ناغرا قاتارلىق سازلارنى چېلىشنى ئۈگىنىشكە باشلايدۇ. كېيىن ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزاق ئۈتمەي يەنى 1951 - يىلى مەكتەپ ئۇنى غەربىي شىمال سەنەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.
ئىسكەندەر سەيپۇللا ئۈزىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى 1952 - يىلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باشلايدۇ. ئۇ، 1954 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۈمىكىگە تەقسىم قىلىنىدۇ .
ئىسكەندەر سەيپۇللا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تالانتىنى نامايان قىلىپ، ناھايتى تېزلا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ سەنەت ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. موسكۋادا ئۈتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ھازىرغىچە 600 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا - مۇزىكا ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان " تارىم ناخشىسى"، " سېنى ئەسلەيمەن" ، " كۈڭۈل ئارزۇسى" ، " يار - يار" قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلار كۈپ يىللاردىن بېرى سەنەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالغان.
ئىسكەندەر سەيپۇللا دراما، ئوپېرا، خور قاتارلىق كۈپلىگەن سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ۋە " بەخت ناخشىسى" ناملىق كىنونىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىشقا قاتنىشىدۇ . "تارىم ناخشىسى" ،"بەختىيار ئەۋلاد"، "باغچا بالىلىرى ناخشىسى" ، "بالىلار ناخشا – ئۇسسۇللىرى" ، "سۈيگۈ ناخشىسى" قاتارلىق بەش پارچە كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ جامائەتچىلىككە سۇنىدۇ. ئۇنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ناخشىلىرى مىنىستىرلىك تەرىپىدىن تەستىقلانغان رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇشى كىتابلىرىغا كىرگۈزىلىدۇ. " تارىم ناخشىسى"، " سېنى ئەسلەيمەن"، " ئورمان ناخشىسى"، " مىھرىبان ئانا" ، "مېھرىم ھەمرايىڭ بولسۇن"، " بوغدا كۈلى" ، "دەريا بويىدا"، "يۇرتقا قايتىش" قاتارلىق ئەسەرلىرى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتوتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
تالانتلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللانىڭ سەككىز پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە ئۈتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ. "بەختىيار ئەۋلاد" ناملىق ناخىشلار توپلىمى 1982 - يىلى مۇسكۋادا ئۈتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىتابلىرى كۈرگەزمىسىگە قويىلىدۇ ۋە شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇق كىتابى بولۇپ باھالىنىدۇ .  
ئۈزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلوبىغا ئىگە ئىقتىدارلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا سەنەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە، ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە " ئىلغار خىزمەتچى" بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ .
دۈلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ئىسكەندە سەيپۇللا جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بالىلار سەنەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇنچە مۇكاپاتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ