ئۆمەرجان سىدىق- 1971 - يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992 - يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى تاماملاپ، «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھازىرغىچە «تۇرپان گېزىتى»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 2009- يىلى 12 - ئايدا كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا يەنى مۇدىر مۇھەررىرىلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1989 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 800 پارچىغا يېقىن شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ھەرخىل تېمىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 1995-يىلى ئۇ نەشرگە تەييارلىغان ( رازاق تۆمۈر بىلەن بىرگە) «پەرۋاز قىل تۇرپان»، «ئاتەش نەپەسلەر» ناملىق ئىككى كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، ئۇ يازغان «قايدىسەن دىلدار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 2001 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «بۇ شۇنداق مۇھەببەت، بۇ شۇنداق ئازاب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى تارىخىي ئوچېرىكى 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلنغان. بۇ كىتاب ھەققىدە تۇرپاندا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتورغا تون كىيگۈزۈلگەن. «قاناتلىق ئىنسان» ناملىق 4-كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى 8-ئايدا نەشرىدىن چىققان. 2005-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ 5-كىتابى «سېھىرلىك زېمىن -تۇرپان»، 2007 - يىلى 12 - ئايدا 6 - كىتابى «ياغاچچىلىق تېخنىكىسى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 2010 - يىلى 3 - ئايدا يەنە ئىككى كىتابى - شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قوش تىللىق ئۇنىۋېرسال قوللانما «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز» بىلەن ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى «بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە» شىنجاڭ ئېلېكترون نەشرىياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار نەشر قىلغان «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «كۆمۈلمەس ئىزلار»، «مېھنەت چېچەكلىرى» ، «شانلىق 40 يىل»، «يۈرەك سوۋغىسى»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسلى»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «يارغول قەدىمكى شەھىرى»ناملىق تېكىستى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل - ئەدەبىيات»دەرسلىكىنىڭ 4 - يىللىق 1 - قىسىمىغا، «ئىدىقۇت ئوغلى»ناملىق تارىخىي ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل - ئەدەبىيات»دەرسلىكىنىڭ 6 - يىللىق 1 - قىسىم كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە <3 ئەڭگۈشتەر> » ناملىق ئەسىرى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «مەرىپەت»(سلاۋىيانچە)ناملىق ژۇرنالنىڭ 2007 - يىللىق 8 - ئايلىق سانىدا سۈرىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى - ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»ناملىق مەجمۇئەنىڭ شېئىرىيەت 4 - تومىغا ئاپتورنىڭ تۆت پارچە شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. 2010 - يىلى تۈركىيىلىك تونۇلغان سەيياھ، شائىر دۇرسۇن ئۆزدەن ئۆزىنىڭ «قايناق» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تۈركچە «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر»ناملىق كىتابىنىڭ تىتولىغا ئاپتورنىڭ كارىز ناملىق شىئېرىنى تۈركچە تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىشلىگەن «ئوت يۇرتى ئەدىبلىرى»، «كىتابلار ھەققىدە سۆھبەت»، «مەدەنىيەت بوستانى»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»، «بېزەكلىك گۈلزارى»، «ياشلىق مىلودىيىسى» قاتارلىق مەخسۇس پروگراممىلاردا ئىش - ئىزلىرى بىلەن، «ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «تۇرپان ژۇرنىلى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا شېئىر، ھېكايىلىرى ئاڭلىتىلغان، كۆرسىتىلگەن. «ئىدىقۇتتا باھار»، «مېھنەت ناۋاسى»، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن 2008 - يىللىق «قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى» قاتارلىق سىنارىيىلىرى تېلېۋىزىيە بەدئىي سەنئەت فىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن، «ئىدىقۇتتا باھار»فىلىمى DCV پلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەنگەن. 30 دىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ھەر دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە سەھنىلەردە ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان.