چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>قەھرىمان روزى
 
قەھرىمان روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30- دېكابىردا باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھازىر باي ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى 30پارچىدىن ئارتۇق نەسرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.1993 -يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان ياش ئەدىبلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر پارچە شېئىرى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،1994-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە شېئىرى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1996-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» (قەشقەر) ژورنىلى ئويۇشتۇرغان «ئانا يۇرت- ئالتۇن دىيار» تېمىسىدىكى شېئىر- نەسر مۇسابىقىسىدا ئىككى پارچە نەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور بۇلۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن. 2008-يىلى «ئاي قوشىقى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى17- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە شاڭخەي- ئاقسۇ ھەمكارلىقىدىكى «پۇجياڭ لوڭقىسى» بويىچە بىر ياخشى ئەدەبىي ئەسەر-شېئىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «تارىم ناۋاسى»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سېنى ئۇنتالمايمەن»، «تاغ بوۇلاقلىرى»، «غايىپ بولغان قەھرىمان»...قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا شېئىر- نەسىرلىرى تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان. جۇڭگو يازغۇچىلار نەشىرياتى نەشر قىلغان خەنزۇ يېزىقىدىكى «شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ «نەسىرلەر توپلىمى»دا نەسرلىرى، خەنزۇ يېزىقىدىكى «سالغا تېشى» ناملىق بىرلەشمە توپلامدا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، يەنە بىر تۈركۈم شېئىر- نەسرلىرى خەنزۇچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، 5 پارچە شېئىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ 1999- يىلى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن. قەھرىمان روزى ئەرچىن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرى(ئېغىز ئەدەبىياتى)جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ