چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>پەرىزات غېنى
 
     پەرىزات غېنى - بۆرتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا ، داڭلىق رېژىسسور ھۆرىيەت ئىسمايلىۋا رېژىسسورلۇق قىلغان 6 - قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « ئاخىرقى كۆل » دە باش رول نۇسرەتنىڭ رولىغا تاللىنىدۇ . ئۇنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ياراتقان بۇ تۇنجى ئېكران ئوبرازى ئۇنى تېزلا كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئارقا - ئارقىدىن « گۈزەل دەقىقىلەر» « ماھىرەنىڭ ھەسرىتى » « نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا» « شىنجاڭ قىزلىرى » « بىغۇبار گۈل » « راك مۇقامى» « كۈلكىگە يوشۇرۇلغان يىغا » « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە » « مۇز تاغ باغىرىغا كەلگەن مېھمان » « دەريا ساھىلىدىكى قىزلار» « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئىلىپ ، ئۆزىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يىتلىۋاتقان ئوبراز يارىتىش ماھارىتى ۋە تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا رول ئالغان « شىنجاڭ قىزلىرى » ، « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە »، قاتارلىق كۆپ قىسمىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ياراتقان ئوبرازلىرى پىشقان بىر كىنو ئاكتىيورنىڭ رول ئىلىشتىكى ئاجايىپ تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رول ئالغان « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە » تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش رول ئايگۈلنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشى كىنو ئاكتىيورلىرىنىڭ رول ئىلىشتىكى ئاجايىپ يۇقىرى بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن ئارتىسقا ئايلاندى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇ باش رول ئالغان « شىنجاڭ قىزلىرى » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا پەرىزات غەنىنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى.يېقىندا ئۇ رول ئالغان "مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر" ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا باھارگۈلنىڭ ئوبرازىنى بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ،ئوتتۇرا ياشقىچە بولغان ھەرقايسى باسقۇچلىرىنى جانلىق،تەسىرلىك ،يۇقىرى ماھارەت بىلەن يارىتىپ،ئۆزىنىڭ كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىكى ئورنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ يەنە رول ئىلىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار ئېلانلىرى ۋە « mtv » لاردا رول ئالدى.
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ