ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىل ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى تىياتىر پاكولتىتى ئاكتىيولۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1992-يىلدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز سەنئەت ساھەسىدە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن خەلىققە ياخشى ناخشىلارنى سوۋغا قىلىپ كەلدى، تۇنجى ئىجادىيىتى «ۋاپاسىز يار» «گۈل» قاتارلىق ناخشىلىرى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتسىدىن 5 نى، MTV پىلاستىنكىسىدىن «شوخ بالا»، «سېغىنىش» قاتارلىق مەخسۇس پىلاستىنكىسىنى ئاممىغا سوۋغا قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە سۆيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. نۇرغۇن قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىدە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. «زۇمرەت بۇلاق» ناملىق ناخشا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى ۋە مەركىزى رادىئو ئىىستانىسىسىدا 2-دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. 1996- يىلدىن تا ھازىرغىچە ئاۋاز ئەرتىسلىك كەسپىدە ئۈچ مىڭ قىسىمغا يېقىن تېلۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولاردىكى باش رول ۋە ئاساسىي روللارغا ئاۋاز بەرگەن.ئاۋاز بەرگەن نۇرغۇن فىلىملىرى مەملىكەت بويىچە چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئاۋاز بەرگەن فىلىملاردىن كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى «كۈل قىز» نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتىپ فىلىمنىڭ كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بۇلىشىغا كۈچ قوشقان. ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىل ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.
|