چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >> ئابدۇكېرەم ئابلىز
 

     ئابدۇكېرەم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھازىرغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇكېرەم ئابلىز ھازىرغىچە << ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى >> ، << تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى>> ، << باشقا قونغان ئامەت قۇشى >> ، << ئاخىرقى كۆل >> ، << دوزاخقا سەپەر >> ، << داپ >> ، << چار خوراز >> ، << ساراڭ >> ، <<ئادىمىي ھايۋان >> ، << ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت >> ، << ئازغۇن >> ، << ساراڭنىڭ خىيالى >> قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدە ئاساسلىق رول ئالغان.
ئاتاقلىق كۈلدۈرگە چولپىنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ كىچىك ئارخىبى


تۇغۇلغان ۋاقتى : 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى


ھازىرقى خىزمەت ئورنى : تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى
بوي ئېگىزلىكى : 1.87 مېتىر
ئېغىرلىقى : 78 كىلوگرام
قىزىقىشى : رول ئېلىش نېمە دېدىڭ!!!


مىجەزى : خۇشچاقچاق
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرى
كەسپتىن سىرتقى ھەۋىسى : ئۇچار قۇشلارنى بېقىش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭگى : زەڭگەر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلى : قىزىل ئەتىرگۈل ئويلۇنۇپ باقاي - ھە!!


ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى : << كىم ئاخرىغىچەكۈلسە، شۇ ھەقىقىي كۈلگەن بولىدۇ >>
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى : لەغمەن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل : باھار پەسلى
ئۆزىگە ئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا : ئون ئىككى مۇقام
ئۆزىگە تەسر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ << ئىز >> رومانى تاماشىبنلىرىمنىڭ كۈلكىسى - مېنىڭ زور بەختىم!


ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : ئايالى بىلەن تۆمۈرخان روزى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى : بويتاقلار ئائىلىسى
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان رېژىسسور : تۇيغۇن ئەھمىدى
ھۆرمەت قىلىدىغان كومپوزېتور : مەخمۇت سۇلايمان
ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىللەت : يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ماڭا قايلىسىلا، گەپ بار ئوخشىمامدا؟


تۇنجى رول ئالغان فىلىمى : << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى >>
تۇنجى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى : << سەھرادىن كەلگەن دادا >>
ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبراز : << دوزاخقا سەپەر >> فىلىمىدىكى دىلشات ئوبرازى
ئۆزىدىن ئەڭ رازى بولغان ئىشى : << ساجىت >> ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقى
ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى : قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەرھۇم كومىدىيە ئارتىسى ئابدۇقادىر ھاجىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولالمىغانلىقى.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ