چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>ئەسقەر كۆك بۆرە
 

   ئەسقەر ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ئاتاقلىق مۇزىكانت. ئۇ بارلىقىنى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا ئاتىغان ھەمدە دۇنيادىكى نادىر مۇزىكىلار بىلەن ھازىرقى زامان مودا مۇزىكىلىرى ۋە راك مۇزىكىلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن ئاسىيا قىتئەسىدىن چىققان بىردىن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق مۇزىكانتۇر.
   ئۇنىڭ جۇشقۇن، قىزغىن ئىجادىيەتلىرىدىن ئالاھىدە بولغان مۇزىكا ئامىللىرىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىجاىدىيەتلىرىدىن « لۇپتۇللا »، « كەپە »، « جىرلا » قاتارلىق ئىجادىيەتلىرى مەملىكەت ئىچىدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشتى.
   ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرىدىن ئۇنىڭ بىر مۇزىكانتقا خاس تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
    ئۇ قۇرغان كۆك بۆرە ئانسانبىلى جۇڭگودىلا ئەمەس، يەنە ياپونىيە ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىدە بەلگىلىك نام - شۆھرەتكە ئىگە بولغان.  بۇ ئانسانبىل مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سەنئەت جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
    شىنجاڭ مۇزىكىرىلىرى جۇشقۇن، مول مۇزىكا ئامىللىرى ۋە ئۆزىگە تارتىش كۈچىنىڭ زور بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەسقەرنىڭ پۈتۈن ئىجادىيەتلىرى مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇزىكىنى چۈشۈنۈشى، ئەسقەرنى چۈشۈنۈشى، كۆك بۆرە ئانسانبىلىنى چۈشۈنۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.


     ئەسقەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


    ئەسقەر   _   شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ئۇيغۇر.



    ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى مۇساپىسى:



     ئۇ 1980 - يىلدىن باشلاپ  گىتتار ئۆگەنگەن. 1982 - يىلى كىنو ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە بۆلەنگەن.  1986 - يىلى ليۇۋجياڭشۈن بىلەن بىرلىكتە گىتتار مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان ھەم دۇمباقچىلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ مۇزىكا ئەترىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
   1987 - يىلى « سەيئاشى » ئانسانبىلىنى قورغان. 1989 - يىلى « ياۋا بالا » تولغۇنما ئانسانبىلىنى قۇرغان. 1991 - يىلى كۆك بۆرە ئانسانبىلىنى قۇرغان. 1992 - يىلى ئەسقەر ھەرمىللەت مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ چۈشۈنۈش ئۈچۈن جەنۇبقا بېرىپ مۇزىكا ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. 1994 - يىلى 8 - ئايدا ئەسقەر ياپونىيە بىلەن شياڭگاڭ شېرىكلىشىپ ئىشلىگەن « ھەرپ پلاستىنكا » سىنى ئىشلىگەن ھەمدە پۈتۈن يەر شارى بويىچە بەش  چوڭ پلاستىنكا شىركىتىنىڭ بىرى  بولغان   BMG   شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ « ئەمانىڭ يېشى » ناملىق پلاستىنكىسىنى تارقاتقان.  1996 - يىلى 2 - ئايدا « لۇپتۇلا » ناملىق ئىجادىيىتى ياپونىيە SONY پلاستىنكا شىركىتى نەشر قىلىپ تارتقانقان ئاسىيا جەۋھەرلىرى «  MAX ASIA  » دا لىنتىغا ئېلىنغان  ھەمدە شۇ يىلى ئۆزىنىڭ « كۆك بۆرە » ناملىق تۇنجى پلاستىنكىسىنى تارقاتقان. 1997 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چوڭ تىپتىكى مۇزىكا  مەخسۇس فىلىمى « مۇزىكا تارقىتىش بېكىتى » تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ 150 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدە تارقىتىلغان . 2000 - يىلى « بەخت » ناملىق پلاستىنكىسى تارقىتىلغان. شۇ ئايدا بۇ پلاستىنكا جۇڭگو بويىچە تۆتىنچى پەسىللىك ئون مۇنەۋۋەر ناخشا دېگەن نامغا ئېرىشكەن . 2001 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو رادىئو - تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت مۇكاپاتى مەملىكەت بويىچە تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .     2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2002 - يىللىق باھار بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈل ئېچىش سەنئەت پروگراممىسىدا تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگودىكى ئالاھىدە مۇزىكانت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيە NAK  تېلېۋىزيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.  2004 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزيە ئىستانسىسى « جۇڭخۇا مىللەتلىرى » پروگراممىسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان. 2005 - يىلى 7 - ئايدا « خۇايى ئاكا - ئۇكىلار » پلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئۆزىنىڭ 3 - پلاستىنكىسىنى ئېلان قىلغان. 2006 - يىلى 1 - ئايدا ئاسىيا جۇڭېلياڭ تەتقىقات يىغىنى تارقاتقان مۇنەۋۋەر ئانسانبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2 - ئايدا جۇڭگو مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسىغا تايىنلەنگەن.


    تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى:



    1988 - يىلى « غەربىي دىياردىكى ئۇسۇل مەستانىسى » ناملىق فىلىمدە ئاساسلىق رول ئالغان ھەمدە فىلىمدىكى بارلىق ناخشىلارنى ئۆزى ئېيتقان. شۇنداقلا تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا كېلىپلا كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىگە ئېرىشكەن. 1989 - يىلى « شاتلىققا چۆمگەن دۇنيا » ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. 1990 - يىلى «ئەرلەر تانسىخانىسىدكى ئايال چولپان » ناملىق فىلىمدە ئاساسلىق رول ئالغان. 1994 - يىلى « ئوينا » ناملىق   MTV سىنى ئىشلەشكە  ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان. 2005 - يىلى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى « خەنۋۇئىمپرىيىسى» ناملىق فىلىمنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن ھەم ناخشىلىرىنى ئۆزى ئېيتقان. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى « نەسىردىن ئەپەندى » فىلىمىنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن. شۇ يىلى 4 - ئايدا ۋاڭ لىخۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۈننەندە ئۆتكۈزۈلگەن « ۋاخاخا » ئېلانىنى سېنارىيىگە ئېلىشكە قاتناشقان.


    ناخشا كېچىلىكلىرى:



    ئەسقەر 1991 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1992 - يىلى ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭدا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزدى. 1994 - يىلى 5 - ئايدا گۇاڭجۇ، شېنجىن، خەينەن قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويدى. 2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچى خەلق سارىيىدا « بەخت » ناملىق ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.
   2003 - يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارالىق قىزىل كىرس جەمئىيىتى جۇڭگو كېڭەشمىسى بېيجىڭ خەلقئارا مەڭتىپىدە ئۆتكۈزگەن « شىنجاڭدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە  ئۇچرىغان خەلقلەرگە ئىئانە توپلاش » ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشتى.  2004 - يىل 4-  ئايدا فرانسىيىدە خەلقئارالىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلىغان.



   خەلئارادا ئويۇن قويغان ئىش پائالىيەتلىرى



  1995 - يىلى « جۇڭگو پاپونىيە ياش ئۆسمۈرلەر تىنچلىق دوستلۇق مۇساپىسى » پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1998 - يلى 3 - ئايدا فىلىپىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان. 1999 - يىلى پورتگالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مىللەتلەر مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان. 2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2004 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان.


     تېلېۋىزىيە كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى:


    2001 - يىلى ۋە 2001 - يىللىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن « بىزنىڭ ناخشىمىز » ناملىق سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان. 2002 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت بايرىمىغا تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان. 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن سەككىز ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ باھار بايراملىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.


    ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان سەنئەت پروگراملىرى



    1997 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى chennel[v] ئۆتكۈزگەن « ئالاھىدە جۇڭگو » ناملىق سەنئەت پروگراممىسىنىڭ 10 - قىسمىغا قاتناشقان ھەم « جىرلا » دېگەن ناخشىسىنى تاماشىبىنلارغا سۇنغان. 2001 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مىكسىكا زۇڭتۇڭىنى كۈتۈۋېلىش ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2002 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تەكلىپكە بىنائەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەرب قانىلىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە نۇمۇر كۆرسەتكەن. 2003 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئېچىلغان جۇڭگو خاڭجۇ كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەم ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە نومۇر كۆرسەتكەن. 2005 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قورۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 


  ئەسقەر كۆك بۆرە ئانسانبىلى


  كۆك بۆرە ئانسانبىلى 1991 - يىلى يىل ئاخرىدا قۇرۇلغان. ئانسانبىل قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بۇ ئانسانبىلغا ئەزا بولغانلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە  :


 ئەسقەر -----<كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىنى قۇرغۇچىسى ، ئاساسلىق ناخشىچى ، گىتتارچى، داڭلىق مۇزىكانت .


 ئەنۋەر ------باس گىتتارچى ، قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى ۋە ئېلېكترونلۇق گىتتارچى، كۆزگە كۈرۇنگەن مۇزىكانت .


   جۇئەي جۇن ----گىتتارچى ، 1987-يىلى ئەسقەر بىلەن تۇنجى مۇزىكا ئانسانبىلى<سەي ئاشى > مۇزىكا ئانسسانبىلىنى تەشكىللىگەن ، 1989-يىلىئەسقەر بىلەن <ياۋايى بالا > ناملىق روك مۇزىكا ئەترتىنى تەشكىللىگەن . كېيىن <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئەتىرتىگە قاتناشقان .


   ئەنۋەر < ئۇزۇن پاچاق >----  گىتتارچى ، 1994 - 1992 - يىلغىچە كۆك بۆرە ئانسانبىلىگە قاتناشقان. ھازىر تېلېۋىزىيە رېژىسسورلىقىنى قىلىۋاتىدۇ.


  نيې خەيجۇن<ماۋزى >----دۇمباقچى.  1994-يىلى <كۆك بۆرە > مۇزىكا ئانسانبىلىگە  كىرگەن <كۆك بۆرە > مۇزىكا ئانسانبىلىدە ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان دۇمباقچى، كېيىن  < ئەپەندى مۇزىكا ئەتىرتىدە>تۇرغان .


    قەھرىمان قەييۇم ----گىتتارچى قۇشۇمچە ناخشىچى ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانت 1995-يىلى <كۆك بۆرە > مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن .. كېيىن< ئەپەندى مۇزىكا ئەتىرتىدە..قېرىنداشلار مۇزىكا ئەتىرتىدە >تۇرغان. كۆپ قېتىم ئەسقەر بىلەن ھەمكارلاشقان. ھازىر ئۇ ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىپ <يۈرەك ساداسى > <ھايات يولى >قاتارلىق ئىككى پلاستىنكىسىنى چىقرىپ ئاڭلىغۇچىلارنڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .


    ئابلاجان ئاۋۇت ------ئېلېكترونلۇق  رىيالچى،  قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچى ...1995-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە  كىرگەن .. كېيىن <.<..قېرىنداشلار مۇزىكا ئەتىرتىدە..ۋە كىرورەن مۇزىكا ئەتىرتىدە > تۇرغان ...ئۇنڭ <چىن نۇرى> <ياڭراق ناخشام >< مېنى ئۇنۇتما >قاتارلىق پلاستىنكىلىرى تا ھازىرغىچە ئاڭلىغۇچىلارنڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.


 مەردان -----ئاساسلىق گىتتارچى .....1996-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە  كىرگەن ..كېيىن < قېرىنداشلار مۇزىكا ئەتىرتىدە ۋە كىرورەن مۇزىكا ئەتىرتىدە ئەپەندى مۇزىكا ئەتىرتىدە > تۇرغان.


  ئابلا <تاقىر باش >  ----- ئېلېكترونلۇق  رىيالچى ، قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچى ، 1998-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە  كىرگەن .


  چىن جى فېڭ ---باس گىتتارچى ...1999-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن ..


نۇرمەمەت ----داپچى، 1999 - يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن .


 ئەركىن ئابدۇللا----- گىتتارچى قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى .2001-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئاسانبىلىگە كىرگەن .


    پەيزۇللا پولات -----باس گىتتارچى،  قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى ...2001-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن . ئۇنڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم <كۆك بۈرە >مۇزىكا ئانسانبىلى بىلەن ھەمكارلاشقان ...<.<..قېرىنداشلار مۇزىكا ئەتىرتىدە..ۋە كىرورەن مۇزىكا ئەتىرتىدە ئەپەندى مۇزىكا ئەتىرتىدە > تۇرغان ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم چىقارغان <ئۇلۇغ> ناملىق پلاستىنكىسىمۇ بار .


    تۇرسۇن --- -مىللىيچە چالغۇچى،  قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى، 2002-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن .


  تۇرسۇن ----گىتتارچى،   2003-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكائانسانبىلىگە كىرگەن .


    ئەكبەر <بو شى > ---- گىتتارچى، قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى، 2002-يىلى <كۆك بۆرە > مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن..گىتتار سەۋىيىسى يۇقىرى كۆپ قېتىم كۆك بۈرە >مۇزىكا ئانسانبىلى بىلەن ھەمكارلاشقان . ئۇ نۇرغۇنلىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ  قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن .


زاڭ خوڭفېڭ-----ئېلېكترونلۇق رىيالچى،  2003 - يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئەترىتىگە كىرگەن .


 مۇتەللىپ----مىللىيچە چالغۇچى، قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى،  2003-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە كىرگەن .


ئادىل----مىللىيچە چالغۇچى،  قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى،  2003-يىلى <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىگە  كىرگەن .


دىلبەر ----<ئايالى > قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى ...1992-يىلدىن ھازىرغىچە <كۆك بۆرە >مۇزىكا ئانسانبىلىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ