ئىسىم - فامىلىسى: شىگېنىي ۋېيۋېر
ئىنگلىزچە ئىسمى: Sigourney Weaver
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى: 1.82
بەدەن ئېغىرلىقى: 55 كىلوگرام
Sigourney Weaver ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان، دادىسى ئاتاقلىق فىلىم ئىشلىگۈچى ئىدى. ئاپىسى بولسا ئۆي ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ۋاز كەچكەن ئارتىس ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ناھايىتى باياشات تۇرمۇش شارائىتىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئازراقمۇ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق - سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن. دادىسىنىڭ كەسپى بىلەن ئالاقىسى بولسا كېرەك، ئۇ ئون ياشقا كىرگۈچە جەمئىي 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆي كۆچكەن. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن خېلى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇش مەزگىللىرىدە ئۇنى سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرى زاڭلىق قىلاتتى. ئۇ ساۋاقداشلىرىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن دائىم دېگۈدەك قىزىقچىلىق رولىنى ئويناپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايتى. 1963 - يىلى ئۇ " 了不起的盖茨比 " فىلىمىدە رول ئالغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسمىنى ھازىرقى ئىسىمغا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىغا تۇنجى ئۇل سالغان.
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن: 仲夏夜之梦، 欲望号街车، 异形، 冰风暴
|