ئىسىم - فامىلىسى: بېن ئافليېك
ئىنگلىزچە ئىسمى: Ben Affleck
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1972 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى: 1.92
بەدەن ئېغىرلىقى: 78 كىلوگرام
بېن ئافليېك ھوللېۋۇد كىنوچىلىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ يىگىتلەرگە خاس قامەت، سېھرىي كۈچكە ئىگە. شۇنداقلا ئالاھىدە ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن ھەر خىل روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندايدۇ. ئۇ " 心灵捕手 " فىلىمىدە رول ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىم شۇ يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوسكار مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ دادىسى بىر فوتوگراف، ئاپىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى. 7 ياش ۋاقتىدا ئۇ " The Dark End of The Street" فىلىمىدە كىچىك بالنىڭ رولىغا چىققان. 1984 - يىلى ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ دادىسى بىلەن بىرگە تۇرغان. كىچىكىدىنلا بۇ كەسىپكە قىزىققان بېن ئافليېك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدە، ئۇ پەقەت يېرىم مەۋسۇملا ئوقۇغان ھەم بۇ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويۇشقا بەل باغلاپ لوس ئانژېلېسقا كەلگەن. 1992 - يىلدىن باشلاپ رەسمىي سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ " 校园风云 " فىلىمىدە رول ئالغان.
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن: 爱上了瘾، 心灵捕手، 世界末日، 驯鹿游戏، 珍珠港
|