ئىسىم - فامىلىسى: پارتىك ستېۋارت
ئىنگلىزچە ئىسمى: Patrick Stewart
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1940 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئەنگلىيە
بوي ئېگىزلىكى: 1.78
بەدەن ئېغىرلىقى: 70 كىلوگرام
كەسپى: ئارتىس
پارتىك ستېۋارت ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ دادىسى ئەسكەر، ئاپىسى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئىدى. 12 يېشىدا ئۇ بىر قېتىملىق 8 كۈنلۈك ئويۇن قويۇش دەرسىگە قاتناشقان. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ بىر گېزىتخانىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئوغرىلىقچە بىر قانچە فىلىملەردە رول ئالغان. باشلىقى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ راسا ئەدىپىنى بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرىلىغان.1959 - يىلى تۇنجى بولۇپ " 金银岛 " فىلىمىدە مورگېننىڭ رولىنى ئالغان.
ئۇ رول ئالغان فىلىملەردىن: X战警، 绝命大反击، 古堡守护灵، 星舰迷航记، 黑暗时代
|