ئىسىم - فامىلىسى: ئال پاسىنو
ئىنگلىزچە ئىسمى: Al Pacino
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1940 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى: 1.70
بەدەن ئېغىرلىقى: 70 كىلوگرام
ئال پاسىنو دۇنيا كىنوچىلىقى تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان كىنوچىلىق ساھەسىدە توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تاپقان.ئۇ ئامېرىكا كىنوچىلىقىدىكى مەبۇدە دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىچىكىدە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى بىلەن بىرگە ياشىغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا كىنو كۆرۈشكە ئامراق بولۇپ، كىنولاردىكى ئارتىسلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراشقا بەكلا ئامراق ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەكتەپنىڭ ئوپېرا ئەترىتىگە قاتناشقان.بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇنلىغان كىنو - فىلىملەردە رول ئالغان شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز مەشھۇر زاتلارنىڭ بىرى.
رول ئالغان فىلىملەردىن: 教父، 毒海鸳鸯، 冲突، 热天午后
|