ئىسىم - فامىلىسى: ئېمىنېم
ئىنگلىزچە ئىسمى: Eminem
تۇغۇلغان ۋاقتى:1972 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى: 1.77
بەدەن ئېغىرلىقى: 68 كىلوگرام
كەسپى: ناخشىچى
Eminem نامرات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئالتە يېشىدا ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ. تۇرمۇشى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشى ۋە خورلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ ناخشا ئېيتىشقا ئىشتىياق باشلىغان چاغلىرىدىن تارتىپ جەمئىيەتكە بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان ھەم ناخشىلىرىغىمۇ بۇ خىل ئاڭ سىڭىپ كەتكەن.
|