چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>دىلنار ئابدۇللا
 
شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت گۈلزارلىقىدا ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر قىزىل گۈل بار . ئۇ بولسىمۇ دىلنار ئابدۇللادۇر . دىلنار ئابدۇللا 1966 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . ئۇ 1973 - يىلى 9 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى . سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دىلنار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى . سەنئەتنى سۆيەتتى . شۇڭا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىدىكى تەبىئىي سەنئەت تالانتى بىلەن 1978 - يىلى 9 - ئايدا مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى . بۇ چاغدا دىلنار ئەمدىلا 12 ياشتا ئىدى .
دىلنار ئابدۇللا 1982 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن تىنىمسىز ئىزدىنىشكە ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا باشلىدى ھەم ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى بىلەن تىزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ، خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رەڭدار بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ئېلىمىز ھەم خەلقئارادا تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . " ئۇستازغا " ، " ئاتا " قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىگە زوق بېغىشلىدى .
دىلنار ئابدۇللا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەمەلىيىتى ئارقىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى . 1985 - يىلى ئۇ شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئورۇنلىغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل " مۇز تاغدىكى ئوت " 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئۇ 1995- يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە " ئەمگەك نەمۇنىچىسى " بولۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەڭ ئالىي مۇكاپات " مەدەنىيەت جەۋھىرى مۇكاپاتى " غا ئېرىشتى . 1997 - يىلى ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ ، " ئەڭ ئالىي ئورۇنداش " مۇكاپاتىغا ، شۇ يىلى شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ ، " ئالتۇن " مۇكاپاتقا ئېرىشتى . 1998 - يىلى ئاۋمىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە " ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا نائىل بولدى . يەنە شۇ يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايون بۇيىچە " 8- مارت قىزىل بايراقدارى " بولۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئېتىپاقلىقى بۇيىچە " نەمۇنىچى شەخس " بولۇپ مۇكاپاتلاندى . 2001- يىلى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن " تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتى " غا ئېرىشتى . 2001 - يىلى 4 - ئايدا چاۋشيەندە ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا ئۇ ئورۇنلىغان " داۋانچىڭ قىزى " ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل " ئالتۇن " مۇكاپاتقا ئېرىشتى .
دىلنار ئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسۇل سەنئەتكارى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خادىمى ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى . ئۇ 2002 - يىلى " جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش " نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى .
10 يىلغا يېقىن كىنوچىلىق ساھەسىدە ئىشلەپ ، " سىم - سىم يامغۇردىكى ئەسلىمە " ، " بويتاقلار ئائىلىسى " ، " مەھەممەت ھەققىدە پاراڭ " دېگەندەك كۆپلىگەن فىلىملەرنى سۈرەتكە ئالغان ياش ئوپېراتور نىجات ئىسمائىل بىلەن ياش ئۇسۇل سەنئەتكارى دىلنار ئابدۇللامۇ رومانتىك ھېسسىياتقا ئىگە گۈزەل مۇھەببەت دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغاچقا ئىككىسى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۆز - ئارا تونۇشاتتى . 1978 - يىلى دىلنار سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى . 1981 - يىلى نىجاتمۇ بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا باردى . ئۇلار بېيجىڭدا بىر قانچە قېتىم ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئاستا - ئاستا بىر - بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى . ھەر ئىككىسى بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئالىيجانابلىق ھەم ۋاپادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان چىن مۇھەببەتنىڭ گۈزەل باھارىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە 1987 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 -كۈنى ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھازىر ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ئوماق قىزلىرى بار ، چوڭىنىڭ ئىسمى ۋېنىرا ، كىچىكىنىڭ ئىسمى ئۇزنار ، ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ