تاركان تېۋەت ئوغلى 1972-يىلى 17 -ئۆكتەبىردە گېرمانىيىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئالزېي شەھەرچىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تاركان ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىغاندا ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئالاھىدە مۇڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تاركاننى مۇزىكا جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ . 1986 -يىلى تاركاننىڭ ئائىلىسى گېرمانىيىدىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ . تاركان تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن «كاراميۇرسېل»مۇزىكا جەمئىيىتىدە نوتا دەرسلىرى بويىچە بىلىم ئالىدۇ. تاركان دەسلەپتە چىنارجىك چايخانىلىرىدا تۈرك خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. 1999 -يىلى تاركان يېقىن شەرىقتە ئاممىباپ ناخشا چولپىنى سۈپىتىدە WORLD MUSIC AWARD مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ « يەنە سېنىڭسىز »، « ACAYIPSEN »، « سېنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمەن»، «كارما» ۋە«دۇدۇ» قاتارلىق ناخشا پلاستىنكىلىرى بار.
|