شارۇلخان 1962- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۇنى تۇغۇلغان، ئۇ ﻫىندىستاننىڭ « تام خەنىكىسى » دىگەن نامىغا ئېرىشكەن. ئۇ ﻫازىر ﻫىندىستاننىڭ 1- نۇمۇرلۇق ئەر چولپانى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى پۇتۇن يەر شارىغا داڭلىق چولپان بۇلۇپ قالدى. ﻫىندىستان باۋلەيۋۇ كىنولىرىنىڭ پۇتۇن يەر شارىدىكى تاماشىبىنلىرى 3 مىليارت 600 مىليۇن بۇلۇپ، خاۋلەيۋۇ كىنولىرىنىڭ تاماشىبىنلىرى بولسا 2 مىليارت 600 مىليۇن، مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا شارۇلخاننى يەر شارىدىكى بىرىنى ئورۇندىكى كىنو چولپىنى دىيىشكە مۇناسىپ.
ئۇ 1995- يىلى باش رول ئالغان كىنولىرىنىڭ ئومۇمى كىرىمى 250 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ ﻫازىر ﻫىندىستان كىنو ساﻫاسىدىكى قۇدىرەتلىك بىر شەخىس بۇلۇپ قالدى. ئۇ رول ئالغان ﻫەر قانداق بىر كىنو مۇۋاپىقىيەت قازانماي قالمايدۇ. ئۇ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان ﻫەر قانداق مەﻫسۇلات سېتىلماي قالمايدۇ. ﻫەتتا ئۇ ﻫازىر ئۆز ئالدىغا بىر دىن قورالايدىغان تەسىرگە ئىگە . ئۇ 2004- يىلى ئامىرىكا دەۋىر ژورنىلى باﻫالاپ چىققان 20 نەپەر « ئاسىيا قەﻫىرىمانلىرى » نىڭ ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن . 2004- يىلى ياۋۇرپادا ئىككى ئايغا يېقىن ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۇزگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قاتناش توسۇلۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ كىنولاردا رول ئېلىپلا قالماي يەنە رېژىسورلۇق بىلەن شۇغۇللانماقتا.
بىزگە ئۇنىڭ تۇنۇش بولغان كىنولىرىدىن : قانلىق شەمشەر، كىلىن يۆتكەش، بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ، پادىشاﻫ، رىقابەت .............. قاتارلىق كىنولار بار.
-----------
ئىتىقادى : ئىسلام دىنى
توي قىلغان ۋاقتى : 1991- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۇنى
ئايالى : گورى چىبىر ( 1970 -يىلى10- ئاينىڭ 8- كۇنى تۇغۇلغان )
ئوغلى : ئاريان ( 1997- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۇنى تۇغۇلغان ).
قىزى : سۇخانا ( 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۇنى تۇغۇلغان ) .
يېقىن دوستلىرى : كاجول دىۋگان، جۇلى چاۋلا ، كاران جاﻫار ( رىژىسور )
|