Aishwarya Rei بولسا 1973 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھىندىستاننىڭ كارناتاكادا بىر ئەنئەنىۋى ھىندىستان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپتە مودېللىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1994-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا خېنىمى» مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھىندىستاندا 10 نەچچىدەك كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ چىققان. 2003 - يىلى 56 - نۆۋەتلىك فرانسىيە گانا كىنو بايرىمىدا تارىختىن بۇيان بىرىنچى ھىندىستانلىق خەلقئارالىق كىنو باھالىغۇچى بولۇپ تەكلىپ قىلىنغان. 2004 - يىلى ئۇ ھوللېۋۇدقا كېلىپ كىنو ئىشلەشنى باشلىغان. ھوللېۋۇدتا بىرىنچى قېتىم ئىشلىگەن كىنوسى «كېلىن ۋە خۇراپات» بىلەن ئامېرىكىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان ھەم دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ تەرىپلەنگەن. 2007 - يىل 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۇ ھىندىستانلىق ئەر چولپان Abhishek Bachchan بىلەن توي قىلغان.
|