تولۇق نەشىرىنى: [-- تۆھپىكار چولپان-كامىل تۇرسۇن --]

باس باس مۇنبىرى -> چولپانلار سەھنىسى -> تۆھپىكار چولپان-كامىل تۇرسۇن [بېسىش چىقىرىش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

مۇزىكا 2009-02-01 14:06
[attachment=19300]

شىنجاڭ كىنوچىلىقىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ توختاۋسىز ئىلگىرلەۋاتقان، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشىپ خەلققە نادىر فىلىملەرنى تەقدىم قىلىۋاتقان سەنئەتكارلىرىمىز ئاز ئەمەس.
تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسىدىكى كامىل تۇرسۇن ئەنە شۇنداق تۆھپىكارلارنىڭ بىرى. ئۇ ھايات مۇساپىسىدە ھازىرغا قەدەر ئاددىي بىر كىنو تاماشىبىنىدىن تەرجىمە فىلىم ئاۋاز ئارتىسى، تەرجىمە فىلىم بۆلۈم مەسئۇلى، سىتۇدىيە پارتكوم شۇجىسى، كىنو سەنئەتكارى، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى بولۇشتەك شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.
– مەن 1983– يىلى 7 – ئايدا بالىلىق چاغلىرىمدا شەكىللەنگەن كىنوغا بولغان ھېرىسمەنلىك، كىنو ئارتىسلىرىغا بولغان ھۆرمەت، كىنو ئىجادىيتىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشنىڭ تۇرىتكىسىدە كەسىپ ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ بۆشۈكى – تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىگە ئەدەبى تەھرىر بولۇپ يۆتكەلدىم. شۇ چاغقىچە مەن بىر كىنو تاماشىبىنى، كىنو مەستانىسى، كىنو چولپانلىرى شەيداسى ئىدىم. سىتۇدىيگە كەلگەندىن كېيىن بۇ جايدىكى سەنئەتكارلار بىلەن تېزلا ئىناق – ئىجىل بولۇپ كەتتىم ھەم كىنو سىتۇدىيسىنىڭ فىلىم ئىشلەش خىزمىتىدىكى ھەرقايسى ھالقىلار بىلەن مۇكەممەل تونۇشۇپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھالقا تەرجىمە فىلىم كەسپى بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ نۇرغۇن ھېكايە فىلىملىرى سىتۇدىيدە ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھەرمىللەت تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشەتتى. مەن كۈندۈزلۈك خىزمىتىمنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ جاپالىق خىزمىتى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئاۋاز بىرىش زالىغا كىرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان ئىدىم.
1983– يىلى 9– ئاينىڭ بىر كۈنى ئىدى. مەن كەچتە ياتىقىمدىن چىقىپ تەرجىمە فىلىمگە ئاۋاز بىرىدىغان زالغا بىرىپ ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم دە زال ئىچىگە قەدەمنى ئىھتىيات بىلەن ئىلىپ ئاستا كىردىم. چوڭلۇقى 200 كىۋادىراتمىتىر كىلىدىغان بۇ زالنىڭ تاملىرىغا پۈتۈنلەي قىزىل دۇخاۋىدىن پەردىلەر تارتىلغان، يەرگە تولدۇرۇپ گېلەم سىلىنغان بولۇپ، تامغا يۆلەپ قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئون نەچچە كىشى ئۈن – تىنسىز جىمجىت ئولتۇراتتى، زالنىڭ ئوتتۇرا يان تەرىپىدىكى مىكروفۇن ئالدىدا ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، بادام دوپپا كەيگەن بىر يىگىت ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، پۈتۈن دېققىتىنى ئالدىدىكى ئېكرانغا مەركەزلەشتۈرۈپ تىك تۇراتتى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى تامدىكى ئېكراندا كىنو كۆرۈنۈشلىرى پات – پات تەكرارلىنىپ تۇراتتى. بۇ تەرجىمە فىلىمگە ئاۋاز بىرىش ئالدىدىكى رېپىتىسكەن. شۇ تاپتا ئېكراندا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كومېدىيلىك ھېكايە فىلىم « تەييارتاپنىڭ يېڭى تەرجىمھالى» دىكى بىر مەيدان كۆرۈنۈش تەكرارلىنىۋاتاتتى.
دېققەت – تەرجىمە فىلىم رېژىسسورىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن زال ئىچىدىكى جىمجىتلىق ئۈستىگە يەنە جىمجىتلىق قوشۇلدى، مېكروفۇن ئالدىكى يىگىت ئېكراندىكى دىئالوگنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن توختىدى.
ئاۋاز ئېلىنسۇن ! – رېژىسسور بۇيرۇق قىلدى.
مىكروفۇن ئالدىدا تىك تۇرغان ھىلىقى يىگىت بۇ فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ دۇشىياۋ شىنىڭ ئىنتايىن كومېدىيىلىك تۈستە قىزىقارلىق قىياپەت بىلەن ئىيتقان بىر جۈمىلە سۆزىگە ئاۋاز بەردى.
پاھ ... ! قالتىس قاملاشقان ئاۋازغۇ بۇ... بارىكاللا ! يارايسەن دىدىم ئىچىمدە.
زالدىكى پىشقەدەم ۋە ياش ئاۋاز ئارتىسلىرىمۇ ئۆز ئورنىدا زۇۋان سۈرمەي ئاۋاز ئارتىسىنىڭ ھەربىر سۆزى، ھەرىكىتىنى تولۇق كۆزىتىپ ئۇنىڭغا قايىل بولۇشقان ھالدا ئۆزلۈكسىز باش لىڭىشماقتا ئىدى. بۇ ئارتىس ئاۋازىنىڭ جانلىقلىقى، تېلىنىڭ ئوچۇق راۋانلىقى، ئوقۇش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى، ھېسىياتىنىڭ چىنلىقى بىلەن زال ئىچىدىكى 10 نەچچە كىشىنى، جۈملىدىن مىنىمۇ مەپتۇن قىلىۋالدى.
ئۇ ئاۋازنى شۇنچە كىلىشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەردىكى زالدا ئولتۇرغانلار ئۇنى ئاۋاز ئارتىسى ئەمەس، بەلكى فىلىمدىكى كەپسىز، شوخ دۇ شىياۋشىنىڭ ئۆزى دەپ بىر ئىغىزدىن تەرىپلەشتى. زال ئىچىدىكىلەرنى ئۆزىگە بۇنچە مەھلىيا قىلىۋالغان بۇ ئارتىس – تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسىنىڭ ياش ئاۋاز ئارتىسى كامىل تۇرسۇن ئىدى.
شۇ ئاخشىمى ئاۋاز بىرىش خىزمىتى كىچە سائەت 2 لەردە ئاخىرلاشتى. ئەتىسى مەن پۇرسەت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتىم.
تونۇلغان سەنئەتكار كامىل تۇرسۇن 1958– يىلى 11 – ئايدا قەشقەر شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1976 – يىلغىچە قەشقەر شەھرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان .ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىلا زىرەك ،تىرىشچان ، شوخ بالا بولۇپ ئوقۇۋاتقان چىغىدىن باشلاپلا شىئىر يادلاش ، دىكىلماتىسيە قىلىش ، ناخشا ئىيتىشقا ئۆزىنى بىغىشلىغان .
سەنئەتكار كامىل تۇرسۇن شۇ ۋاقىتلاردىلا ھەقىقى بىر كىنو مەستانىسى بولۇپ ئۇ ھەر بىر مەيدان كىنونى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئىكرانغا چىققان كۆرنۈشلەرنى ، دىئالۇگلارنى دوراپ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋىتەتتى . ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان فىلىم «قەھرىمان ئوغۇل – قىزلار » بولۇپ موشۇ فىلىم ئۇنڭدا كەلگۈسى كىنو ئارتىسى بولۇش ئىستىكىنى قوزغىغان .1976 – يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا فىلىم تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئارتىسلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئىشىۋاتقان مەدەنىي تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئارتىس تاللاشقا قەشقەرگە ئادەم ئەۋەتكەندە، كىچىكىدىن تارتىپ كىنو ئارتىسى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان كامىل تۇرسۇن، ئاۋاز ئارتىسى قوبۇل قىلىدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، قەشقەر شەھەرلىك 3– ئوتتۇرا مەكتەپكە كىلىپ ئاۋاز ئارتىسى تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشتى.
ئۇ ئىمتىھاندا قىلچە ھودۇقماي، تەمتىرمەي دىكىلىماتسىيەنى ئىنتۇناتسيە بىلەن ئوقۇپ، ھەرخىل ياشتىكى كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا ھېسىيات بىلەن سۆزلىگەندىن سىرىت، ئۆزى كۆرۇپ، سۆزى يادقا بولۇپ كەتكەن « قەھرىمان ئوغۇل – قىزلار» فىلىمىدىكى قەھىرىمان ۋاڭ چىڭ بىلەن ياشانغان سىياسى كومېتسار ۋاڭ ۋېنچىڭنىڭ دىئالوگىنى ئۆز ئەينى بىلەن ئورۇنداپ، ئىمتىھاندىن غەلبىلىك ئۆتتى.
ئۇ 1976– يىلى 4– ئايدا ئۆزى بىلەن قاتاردا قوبۇل قىلىنغان ئاۋاز ئارتىسلىرى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسىگە كەلدى. سىتۇدىيدە ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن پىشقەدەم تەرجىمە فىلىم رىژىسسورلىرى، ئارتىسلىرىنىڭ دەرىسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن تەرجىمە فىلىم ئىشلەش خىزمىتىگە قاتناشتى.
ئۇ سىتۇدىيگە كەلگەن ۋاقىتتا تەرجىمە فىلىم بۆلۈمى «ئادا – جۇدا بولۇش» ناملىق ھېكايە فىلىمگە ئاۋاز بىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىدى. تەرجىمە فىلىم رىژىسسورى ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم بۇ فىلىمدىكى 60 ياشلىق بوۋاينىڭ ئاۋازىنى تەقسىم قىلدى. شۇ چاغدا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن كامىل تۇرسۇن ئاۋاز بىرىش زالىدا مېكروفۇن ئالدىدا كىلە – كەلمەيلا تەمتىرەپ كەتتى. ئۇ ھودۇققانسىرى تېخىمۇ قاملاشتۇرالمىدى. شۇنداقلا ھەۋەسنىڭ بىر ئىش ئەمەلىيەتنىڭ يەنە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنپ يىتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەسىپداشلىرى ۋە رېژىسسولارنىڭ ياردىمى بىلەن قاتتىق تىرىشتى. نەتىجىدە رېژىسسورلارنى ئۈمىدلەندۈردى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئۇ تەرجىمە فىلىم خىزمىتىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئاۋاز ئارتىسلىرى ۋە رېژىسسورلىرىدىن رەجەپ تاجى، شازادەم مۇقىت، ئەخمەتجان مامۇت، مۇھەممەت ئەلى قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇيغۇر خەلىقى ۋە ئۇيغۇر تېلىنى بىلىدىغان باشقا قىرىنداش مىللەتلەرگە مەنىۋى ئوزۇق بەخىش ئېتىدىغان بۇ خىزمەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدى.
«ھېجران يېشى» ناملىق فىلىم تەرجىمە قىلىنغاندا رېژىسسور كامىل تۇرسۇنغا فىلىمدىكى ئەر باش پىرسۇناژ لى مەيشۈننىڭ ئاۋازىنى بىرىشگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كامىل تۇرسۇننىڭ جاپالىق تىرىششى ئارقىسىدا بۇ فىلىم مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىدۇ.
كامىل تۇرسۇن تەرجىمە فىلىمگە ئاۋاز بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان « بەخىت ناخشىسى» فىلىمىدە تۇيغۇن؛ ھېندىستاننىڭ « كارۋان» فىلىمىدە چاۋان؛ «قۇللۇقتىن – گېنىراللىققىچە » فىلىمىدە گېنىرال لو شىياۋ؛ پاكىستاننىڭ « كىشىلىك دۇنيا» فىلىمىدە قەيسەر، مۇختەر ئىككى كىشىنىڭ؛ « شىئەن ۋەقەسى» فىلىمىدە گېنىرال جاڭ شۆلىياڭ؛ « قېچىشتىن ئەلا غەلبە» فىلىمىدە خاچچىر ؛ «ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانى» فىلىمىدە كاپىتان جاۋارىيە؛ « سەھرادىكى كۆڭۈل رېشتى» فىلىمىدە يۈ ماۋشىڭ؛ « كۆۋرۈك ئاستىدا» فىلىمىدە جۇ ۋېيخۇا؛ « توي زېننىتى» فىلىمىدە ئەر لو؛ « ئەنسىر يىللاردىكى تېۋىپ» فىلىمىدە شۈي خەنچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازىنى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بەرگەندىن سىرىت ئۇ يەنە «جۇ ئېنلەي» ، « جىياۋ يۈلۇ» ، « مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋەر»، « بۈيۈك ھەل قىلغۇچى جەڭ»، « يالقۇنتاغدا تاۋلانغان ئەزىمەتلەر»، «چولاق باتۇر» ، «قارلىق تاغدىكى پالۋان» ، « ئاخىرىقى كۆل» ، « مۇدىرىمىز دىلبەر» قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو، تېلېۋىزىيە – تىياتىرلىرىدا باش پېرسۇناژغا ئاۋاز بىرىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئۇنىڭ جاپالىق تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن نۇرغۇن فىلىملەردە شۇ فىلىمدىكى بىر نەچچە ئوبرازغا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز بىرىپ كەسىپداشلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈندى.
ئۇ 1985– يىلى 2– ئايدا تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى تەرجىمە فىلىم بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئۇ بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ نەقەدەر ئىغىرلىقىنى ھېس قىلىپ كەسىپداشلىرىغا باشلامچى بولۇپ، تەرجىمە فىلىمنىڭ سانى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقاردى.
1985 – 1986– يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا تەرجىمە فىلىم بۆلۈمى ئۇيغۇر ۋە قازاق تېللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىم سانىنى 600 چاس، ھەتتا 700 چاسقا يەتكۈزۈپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورىت ياراتتى.
كامىل تۇرسۇن تەرجىمە فىلىم خىزمىتىدە يۈكنىڭ ئىغىرىنى تاللاپ، ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى ئىككىگە بۆلۈنگەندە كۈندۈزلۈك ۋە ئاخشاملىق ئىككى گۇرۇپپىدا ئوخشاشلا تەڭ ئىشلىدى. ئۇ بارا – بارا تەرجىمە فىلىم رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئىلىپ 1976– يىلدىن ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق تەرجىمە فىلىمگە ئاۋاز بەرگەندىن سىرىت يەنە « جاھالەتتىن يورۇلۇققا»، « شىياجىياڭدىكى كۆلەڭگە»، «سەرگەردان ۋە ئاققۇ»، «جىياۋ يۈلۇ» ، «مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋىر»، « چولاق باتۇر»، « يالقۇنتاغدا تاۋلانغان ئەزىمەتلەر»، « خوراز سوقۇشتۇرۇش»، « قارلىق تاغدىكى پالۋان»، « ئاخىرىقى كۆل» قاتارلىق 100 ئارتۇق تەرجىمە فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئىلىپ مۇۋاپقىيەت قازاندى.
ئۇ يەنە 1982– يىلدىن باشلاپ « رەنانىڭ تويى» فىلىمىدە رول ئىلىپ تۇنجى ئېكران ئوبرازىنى باشلىدى. ئۇ 1989– يىلدىن ھازىرغىچە ئۈچ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دېرىكتورنىڭ ھېكايىسى» دە مۇئاۋىن دېرىكتور ئادىل؛ « مۇھەببەت باھارىنىڭ باشقىچە ئاتېلىشى» فىلىمىدە مۇئاۋىن پىرافىسور ئېدىرىس؛ ئىككى قىسملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « ئىككىنچى كۈز» فىلىمىدە باش پىرسۇناژ رەجەپ؛ ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « مەدەتكار» دا ئامانەت قەرىز كوپراتىۋى كادىرى باھاۋۇدۇن؛ بېيجىڭ ئۈن – سىن نەشىرىياتى ئىشلىگەن 21 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جۇڭگولۇق ياللانما خادىملار» دا چەتئەللىك باش دېرىكتور كاتېر ؛ « ئۆتەڭ مېھرى» دە ئىدارە باشلىقى؛ « سۈت ساتقۇچى ئايال» دا ئابدۇللا؛ «باياۋانغا كەلگەن مىھمان» دا قوشۇمچە رول؛ « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دە قوشۇمچە رول؛ ئاپتونۇم رايونلۇق ئېنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى ئىشلىگەن تەربىيۋى فىلىم « ئىمتىھان مەيدانىدىكى بىسەرەمجانلىق» دا باش رول؛ « خېسلەتلىك ياڭيۇ» دا گېئولوگ؛ تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇدىرىمىز دىلبەر» دە دىلبەرنىڭ يولدىشى؛ « بۇ يىل قىش سوغۇق ئەمەس» دە قان پونكېتى باشلىقى؛ ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « غەزەبلەنگەن زەرەپشان» دا ساقچى باشلىقى؛ « قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» دە باندىتلار كاتتىۋىشى ئوسمان؛ ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « قار كۆپ ياغقان قىش» دا ئىمىن ئوبرازىنى يارتىپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئۇندىن باشقا، « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « ئاخىرىقى كۆل»، « خېسلەتلىك ياڭيۇ»، « غەزەبلەنگەن زەرەپشان»، « چىن قەلىب» قاتارلىق كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا فىلىم مۇدىرى، باش پىلانلىغۇچى، نازارەتچى، باش نازارەتچى بولۇپ، فىلىمنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.
كامىل تۇرسۇن خىزمەتتىكى يۇقىرقى نەتىجىلىرى بىلەن كۆپلىگەن شان – شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولدى. 1985– يىلى 9– ئايدا ئاپتونۇم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر تېلىغا كىنو تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ئىلغار شەخىسلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى» دا تەرجىمە فىلىم خىزمىتىدىكى تۆھپىسى بىلەن ئىلغار شەخىس، ئۇ باش رولغا ئاۋاز بەرگەن، ھىكايە فىلىم « تەييارتاپنىڭ يېڭى تەرجىمھالى» مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىم بولۇپ مۇكاپاتلاندى.
يەنە 1991– يىلى، 1999 – يىلى ئۇدا ئىككى قېتىم ئاپتونۇم رايون بويىچە تەرجىمە فىلىم خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، 1999 – يىلى تۆت مېنىسترلىك ئاچقان مەملىكەتلىك تەرجىمە فىلىم يىغىنىدا ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۇ قاتناشقان بەزى فىلىملەر مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.
كامىل تۇرسۇن ھازىر جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيتىنىڭ دائىمى مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو كىنو ئارتىسلىق سەنئىتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ كىنو ئارتىسلىق سەنئىتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك 1– دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى.
كامىل تۇرسۇن 2003 – يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسىدىن خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ يۆتكەلدى. ئۇ ھازىر بۇ ئۆمەكنىڭ خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ھەسسىلەپ تىرىشماقتا.

بىغەم قىز 2009-02-01 14:23
كامىل تۇرسۇن ئاكىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن.

تەشنا 2009-02-01 23:18
بىر بىلەن كەسپىنى قىلىۋاتقان ئادەمنى «باشلىق» قىلىپ باشقا بىر كەسپكە يۆتكەش قىززىق ئىشتە ...


تولۇق نەشىرىنى: [-- تۆھپىكار چولپان-كامىل تۇرسۇن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v6.0 Code © 2003-05 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us