ئاساسىي تېما : ئاددىي ۋە مۇرەككەپ~!~!ئاۋاتلىقى:44ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مۇشۇنداقلا خوشما؟.......
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 423
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 423 نوقتا
پۇل : 4230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:207(سائەت)

 ئاددىي ۋە مۇرەككەپ~!~!


      بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ئاددىي، پەقەت كىشىلەرنىڭ ئويىلا مۇرەككەپ. ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئويىمۇ ئاددىي، پەقەت مەنپەئەت تەقسىماتى مۇرەككەپ.

      شىرە ئۈستىدە نۇرغۇن ئالما بولسا، كىشىلەر بۇنىڭ قانچە تال ئالما ئىكەنلىكىگە ئىرەن قىلمايدۇ، ئەمما قولىغا قانچىلىك تەگكىنىگە ئىرەن قىلىدۇ. خىزمەت ئورنىدا نۇرغۇن ئىش بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىگە ئىرەن قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىشلىگەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ؛ ئىنسانلاردا چوڭ مېڭە بولسىمۇ پايدا - زىياننى مىسقاللاپ ھېسابلىغاچقا، كۆزى كىچىك بولۇپ قالغان.

      ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي، مەنپەئەت تەقسىماتى مۇرەككەپ بولغاچقا، بىر-بىرىنى ئەخمەق قىلىش ھەم بىر - بىرى بىلەن پۇت تېپىشىپ كەلگەن. مۇرەككەپ پانىي دۇنيا ئەمەلىيەتتە بەك ئاددىي، ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتى مۇرەككەپ بولغاچقا، قىساس ئېلىش شەكىللەنگەن.

       ئادەم كىچىك ۋاقتىدا ھېسسىياتى ئاددىي بولىدۇ، چوڭ بولغاندا بولسا مۇرەككەپ بولىدۇ، نامرات چېغىدا ئاددىي، تۇرمۇشى باياشاتلىققا ئېرىشكەندە مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۆزىنى ئاددىي، باشقىلارنى مۇرەككەپ كۆرىدۇ.

كۈنجۈت ناۋات بەرسەڭمۇ ئىشەككە،ئىشەك بەرىبىر ئىشەكتۇر ئىشەك ~!~!~!~!
مەن ھەرقانداق ئادەمگە ئىشىنىمەن،پەقەت شۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى جىنغا ئىشەنمەيمەن~!~!

Posted: 2009-03-13 15:57 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation