ئاساسىي تېما : ئانىڭىزنىڭ چىنىسىدە گۆش بارمـــــۇ ؟ئاۋاتلىقى:88ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2809
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2835 نوقتا
پۇل : 28350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3038(سائەت)

 ئانىڭىزنىڭ چىنىسىدە گۆش بارمـــــۇ ؟


      مەن ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىمەن ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىمەن . كۈندىلىك ئايىغى چىقمايدىغان خىزمەتلەردىن باشقا ماڭا تېگىشلىك ۋاقىت چىقىپ ،  بۇ ۋاقىت مېنىڭ قانغۇدەك ئۇخلىۋېلىشىمغىمۇ يەتمەيدۇ . يۇرتۇمنى ۋە يۇرتىمدىكى ئاتا- ئانامنى ئەسلىگۈدەك ، يوقلىغىدەك ۋاقىت نەدە تۇرۇپتۇ ؟ يېزىدىكى ئاتا- ئانامنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئويلىغىنىمدا ، شەھەردە خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ، يۇرتۇمنى ئاستا- ئاستا ئۇنتۇش ئۈچۈن باھانە - سەۋەپ ئىزدەشكە باشلىدىم .
          ئاتا- ئاناممۇ ھازىر ياخشى تۇرۋاتىدۇ ، مېنىڭ ئانچە ئەنسىرەپ كېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . « ھەر ئايدا ئاز - تولا پۇل ئەۋەتىپ قويسام ، شۇ پۇلغا گۆش ئېلىپ يېسە بولىدىغۇ ! » دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم . ئانام كېسەلچان بولۇپ ، تېنى ئاجىز ئىدى . شۇڭا شورپا ئىچىپ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا ئانامغا 1000 يۈەن ئەۋەتتىم . تۇنۇگۈن كەچتە قوشنام « تېلىفون كەلدى » دەپ مېنى چاقىردى . تېلىفوننى ئېلىپلا مېھرىبان ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىردىنلا يۇرتۇمنى سېغىنغاندەك بولدۇم . تېلىفوندا ئانام بىلەن تىنىچ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ، ئانام ماڭا : « سەن ئەۋەتكەن 1000 يۈەن پۇلنى خەجلەشكە كۆزۈم قىيماي ساقلاپ قويغان ئىدىم ، كەنتىمىزگە تېلىفون سىمى تارتىپتۇ ، ئاۋازىڭنى دائىم ئاڭلاپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇ پۇلغا ئۆيگە تېلىفون ئورناتتۇق ، سېنى بەك سېغىنىپ كەتتىم » دېدى . ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئاتا- ئانامنى سېغىنىپ تۇردۇم . بىراق مېنىڭ ئۇلارغا بولغان سېغىنىشىم خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە تۇرمۇشتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن سۇسلاپ قالدى . ئۇلار شۇنچىلىك جاپالىق تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپمۇ مېنى ھەرگىز ئەستىن چىقارمىدى ، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يۇلۇمغا قاراپ كۆزى تۆت بولدى . بىراق مەنچۇ ؟
         تېلىفوننى قۇيىۋېتىپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى ، مېھرىبان ئانامنىڭ سۆزلىرى ھېلىھەم قۇلىقىمدا . تېلفۇن ئاۋازنى يەتكۈزەلىسىمۇ مېھرى- مۇھەببەتنى يەتكۈزەلمەيدۇ ، بىراق مەن تېلىفوندا ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئىسسىق ئوت ئورىۋالدى . ئانام مېنىڭ يىغلىغىنىمنى بىلمەيدۇ ، مەن ناھايىتى خىجىل بولدۇم . « ھەر ئايدا ئاز - تولا پۇل ئەۋەتتىم ، باشقىلارنىڭ بالىلىردەك ئاتا- ئانامدىن پۇل سورىمىدىم » دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلارغا كۆپ قەرىزدار ، ئۇلارغا قانچىلىك قىلسام ئازلىق قىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاتا- ئانامنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن « سېنىڭ چىنەڭدە گۆش بار ، ئاناڭنىڭ چىنىسىدە گۆش بارمۇ ؟ » دېگەن خەتنى يېزىپ تامغا چاپلاپ قويدۇم . مەن ئۇلارغا كۈندە گۆش ئاپىرىپ بېرەلمىسەممۇ ، بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن چۈشكەندە ئاتا- ئانىنى يوقلاپ قويۇش ، دەم ئېلىش كۈنلىردە ئۇلارنى يوقلاپ قويۇش ، مانا بۇ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ روھى ئوزۇق ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم .
          ئاھ ئاتا- ئانىلار سىلەر بىر ئۆمۈر بالا مېھرىگە قانماي ئۆتىدىكەنسىلەر ، بىزچۇ ؟ بىز سىلەرنىڭ ئاشۇ ئىلتىپاتىڭلارغا قانچىلىك جاۋاپ قايتۇرالىدۇق  ، سىلەرنىڭ ھاردۇقۇڭلارنى قانچلىك چىقاردۇق ، بىز سىلەرنى قانچىلىك يوقلىيالىدۇق ؟


مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-13 14:12 | [پۈتۈكچى]


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 332
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 332 نوقتا
پۇل : 3320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:58(سائەت)

 

     

ئەنقا

Posted: 2009-03-13 14:38 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation