ئاساسىي تېما : مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغائاۋاتلىقى:67ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 685
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 689 نوقتا
پۇل : 6890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:174(سائەت)

 مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا

                
                         ئون ئەسىر
(مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا)

ئەستىن ئايرىغۇچى دەھشەتلىك ئون ئەسىر
ئۇنى بىزگە ساقلاپ بېرىپتۇ بېجىرىم،بىنۇقسان.
شان_شۆھرەت سەتھىدە ئالتۇندىن ئەسىر
زېمىننىڭ باغرىغا تارىتار ئېھسان.
تاغلار تىلىڭلار يوق،كۆزۈڭلار بەسىر
ئۆزۈڭلەردىن ئېگىزنى كۆرمەيسىلەر،ئۆرتىنەر ۋىجدان.

مىڭ يىلدىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بىلەن باغلاندىن ئازادە،
قىستىلىپ قىينالمايدۇ كۆكسۈمدە قىياس.
ھۆججەتلىك دەلىللەر مەغرۇر شاھزادە،
مەڭگۈگە يېشىل رەڭ بۇندا ئېھتىراس.
چىن سۆزلەر گۈلسىمان ھامان گۈلزادە،
تارىخنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە ھەننىۋاسى راست.

تۇلپار تۇياقلىرىدىن ياڭرايدۇ دۈپۈرلەر،
مۆجىزە ئىنساننى كۈتەر ھەر رابات.
ئۆتۈكەن يايلاقلىرىدا ئارچا ھۈپۈلدەر،
مەرھابا ئۇستاز دەپ تەۋرەيدۇ باغداد.
گىلەم خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىدا سىياھ گۈپۈلدەر،
مىڭ يىلدىن كېيىنكى بىزلەر يايرايمىز ھەيھات.

مىليون رەت ئاتىخان بولماق بىر ئۇنىڭغا خاس،
بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ ھەرگىز.
كەلگۈسى كەملەرگە بەتلەنگەن كۆز_ئالماس،
ئوتقاشتەك ۋالىلدار تاشلاردا ھەر ئىز.
دانالار ھەمىشە جان خەجلەپ ھارماس،
قۇرلاردىن ئۈنگىنى سەۋسەن ۋە نەرگىس.

چېچەكلەپ جاۋاھىرغا ئايلانغان ئەرەب زۇۋانى
قاندىكى ئىززەتكە سالىدۇ نەشتەر.
بارسىغان،بالاساغۇندا ئەقىل تۇمانى،
ئوغلۇڭنى بەيگىگە قوشتۇڭمۇ قەشقەر؟
تاشتىكى قىراۋدەك ئېرىيدۇ قەرنەلەر گۇمانى،
كۈۋەزلىك كۆيىدۇ بولۇپ بىر پەش،پەر!

قارا يالغا كەچمە ئوغۇل، كەلمەي قارا كۈن،
دېگەنلەرنى يول ئاغزىغا يازغانتى ئەجداد.
قۇلاقلارغا كىرمەس ئىدى دەۋەتكار سەس_ئۈن،
ئېقىنلارغا سىڭەر ئىدى،ئىلتىجا_پەرياد.
يۈكسىلەتتى تىكەنلەرگە بۆلەكچە تەمكىن،
بولۇشاتتى مەنزىللەرنىڭ چىڭلىقى بەربات.

ئاسىيا چۆللىرى بەختىڭ بار ئاجايىپ،بەختىڭ بار چەكسىز،
مازۇزمەن،ئاياغدىن لېۋىڭدە قالىدۇ بۆسە.
نۇر ئىزدەپ يۈرگەنلەر تەلەيلىك ھەدسىز،
ئۇپۇققا چۆكىدۇ نارلىرى چۆكسە.
ئاشۇنداق سىيماغا پۈكۈلىدۇ تىز،
ئاشۇنداق ئاياغنى ئۆپلۈكۈڭ ئۆپسە.

باغرىمغا بېسىلغان بىر دىۋان،بىر دەستۇر ھامان،
باغرىمدا دەۋرەيدۇ ئۇممان  ئىپتىخار.
قاشتېشىدەك سۈزۈك سۆزلەر قىلىدۇ يىلتىزىنى بايان،
تاۋغاچ يودالىرى ئېدىرلاردا چاڭقىتار ئىپار.
ئۇ ماڭار توختىماي ئەبەدىيلىك سايان،
يۈرىكى قولىدا،قىلىدۇ مۇھەببەت ئىزھار.

ئەستىن ئايرىغۇچى دەھشەتلىك ئون ئەسىر،
ئۇنى ھاياتتىن ئايرىيالمىدى ،قىلالمىدى رەت.
گۈزەللىك مەڭگۈ پۈتۈن،خۈنۈكلۈك كەسىر،
ئالەمدە ئالماسنى ئالىمىز ئۇنىڭدىن پەقەت.
ئەقىل_ھوش تەپتىدىن تاشلاردا تەسىر،
ئون ئەسىر!ئۇ بىزگە بەرگىلى تەلئەت.

ۋە لېكىن تەتۈر ئىدى ئەزەلدىن پەلەك گەردىشى،
ئەينەكلەرنىڭ بەتلىرىدە كۆپ ئىدى پۇتاق.
تېپىلاتتى تەڭداشسىزنىڭ كۈرمىڭ تەڭدىشى،
قان ئوغا بولاتتى،ئەزىز باش ئوچاق.
ئوپال دىيارىدا تۇرسا كۈننىڭ رەڭدىشى،
ئەي دۇنيا،كىملەرگە ئاچتىڭ سەن قۇچاق؟

كامپا_تەركانلىق يوللار مەنزىل تارتقان يىراققا،
شاۋقۇنلايدۇ بىر تىنماستىن دەجلە ۋە فىرات.
قاراڭغۇ بۇلۇڭ_پۇچقاقلار مەڭگۈ تەشنا چىراغقا،
چۈمۈلىلەر ئېزىقىدا كۆيگەن كەيپىيات.
ئەل ئىشقىدا ئالەم تولار لىپمۇ_لىپ پىراققا،
ئاشۇنداق پەيتلەردە تۇغۇلسا كېرەك ئەجەم،چەببىيات.

تىنماستىن دەۋرىگەن كاتتا بىر دېڭىز،
بۇژغۇنلار قېتىدا ياقۇت ۋە لەھەل.
دۇرلارنىڭ تەركىبى كەۋسەر ۋە قىمىز،
خاس ماڭا مەڭگۈلۈك،نەدىكى ئەجەل؟
زىل مەنە،زىل جلۋە يۈرەكلەردە ئىز،
تۆلەنگەن دەۋرانغا زېمىندەك بەدەل.

يىقىلسام قوپىمەن ۋاراقلار ئارا،
ئون سەككىز مىڭ ئالەمگە سالىمەن چۇقان.
ئون ئەسىر بۇرۇننى سۆزلەيدۇ دارا،
زوق_شوقى بەئەينى جۇش ئۇرغان ۋولقان.
كائىنات گۈللىگەن روھىمغا قارا،
دۇرلارغا قېقىلغان كۆزلەردە گۈلخان!

ئەزىمەت ئېرۇرسەن تاۋلىغان سۇبات،
ئۆلۈملەر يوللىغان ئەزەلدى يوققا.
ئون ئەسىر ئۆلمىگەن گۈزەل بىر سۇمبات،
يەر ئۈزرە يۈكسەكلىك،مۇتلەق بىر چوققا.
پەلەكتە پەرۋازدۇر ئارمان ۋە مۇراد،
نىگاھلار ئۆرۈلدى تاش تەشكەن ئوققا.

ئاشۇنداق سىياقتا كۆردۈم ئۇنى مەن،
ئۇنىڭكى كۆركىدۇر ئالەمدە ئېقىن.
بىرىنچى پۇقرالىق بىر ئۇنىڭغا تەن،
قۇياش،ئاي،يۇلتۇزلار ۋەسلىگە يېقىن.
ئۇ تامان ئاقىدۇ ئالقىشلار بەك ئەن،
ئون ئەسىز زىلزىلە،ئون ئەسىر چېقىن!

                __ئوسمانجان ساۋۇت
2005_يىل،2_ئىيۇل،ئۈرۈمچى


بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-13 14:10 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation