ئاساسىي تېما : ئالىيجانابلىق دېگەن نېمەئاۋاتلىقى:48ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



تەپەككۈردە ھاللىق سەۋىيىگە يىتەيلى!
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 4
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 8 نوقتا
پۇل : 80 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 ئالىيجانابلىق دېگەن نېمە

ئالىيجانابلىق دېگەن نېمە

ئوغۇزخان

بىر ئادەم چوڭ ئىشلارنى قىلىش غايىسىنى ئۆز كۆڭلىگە پۈكۈش، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە ئۆزىدە يەنە ھەقىقىي بىر ئىنسانلىق سالاھىيىتى يىتىلدۈرۈشى كېرەك. توغرا خاتانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، ياخشى - ياماننى كۆرۈپ يىتىش ئىقتىدارى ھەم يۈكسەك ئەخلاقى قاراش شەكىلەندۈرمەي تۇرۇپ قانداقتۇر چوڭ ئىشلار ئۈستىدە باش قاتتۇرۇش، خەلق، ۋەتەن، مىللەت ھەم ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىزدىنىش خەيرلىك تاماملانماسلىقى مۇمكىن. ھەرقانداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى باشلىدىم دەيدىغان تەپەككۇر ئىگىسى ئالدى بىلەن ئۆزىدە يۈكسەك ئەخلاق قارىشى، ئادىللىق قارىشى ۋە ئىنسانەرۋەرلىك قارىشى شەكىلەندۈرۈشى زۆرۈر. بولمىسا ئۇ ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بەلكىم مەغلوبىيەت بىلەن خاتىمىلىنىشى، كىشىلەرگە بەخت ياراتماقچى بولغان ھەرىكىتى ھەتتا تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى
مۇمكىن. پەقەت يۈكسەك ئالىيجاناپلىقلا كىشىنى خاتا ئىش قىلىشتىن توسىدۇ. ئىنساننى ھەرۋاقت جامائىۋى توغرا نىشانىنى بويلاپ ئالغا بىسىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئۆتكەن ئۆمرىلا ئەڭ مەنىلىك بولغان ھايات بولسا كېرەك.
بىر ئەقلىي تەپەككۇر ۋە ھېسسىي تۇيغۇغا ئىگە جانلىق دۇنياغا كۆز ئاچقان شۇ پەيتتە ئۇ ئالدى بىلەن بىر ئادەم، بىر ئىنسان ئاتىقىغا تەۋە، ئاندىن بىر مىللەت ياكى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى ۋە ئىنسانغا تەۋە خوسوسيىتى تۇغۇلغان شۇ دەقىقىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ كەڭ ئادەملەر توپىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قانداقتۇر بىر ئىجتىمائىي ئايرىمىغا تەۋە بولمايدۇ. بۇنداق تەۋەسىزلىكنى ئۇنىڭ جىسمىدىكى ئادىمىيلىك- ئىنسانچىلىق بەلگىلىگەن. ئۇ ئۆز جىسمىدىكى ئەقىل ۋە روھنى ئىشلىتىپ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پەقەت ئىنسانلار توپىنىڭ بىر ئەزاسىنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئېڭىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسئۇلىيەت، مېھرىبانلىق، بۇرۇچتىن ئىبارەت ئادىمىيلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
دېمەك، ئادەم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى يۈكسەك مەناغا ئىگە ئۇلۇغ نامدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرى پەقەت بىر جۈملە سۆزگە، يەنى ئادىمىيلىك – ئىنسانلىق، مېھرىبانلىق دېگەن سۆز بىلەن مۇجەسسەملەنسە كېرەك، چۈنكى ئىنساننىڭ توغما تەبىئىتى شۇكى ئۇ ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىدۇ. مەن مەزكۇر
تېمامدا دەل ئادەمنىڭ كىشىلەرگە تونۇش بولغان شۇ خوسوسىيەت – بەلگىلىرىنىڭ جەمىسى بولغان ئالىيجانابلىق توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلماي ياشاپ كېلىۋاتقان كەڭ ئادەملەر بىلەن پىكىرلىشىپ ئۆتىمەن. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئادەم ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ سىرتقى شەكلىنى ئاددىي پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «ئادەم» ئاتالغۇسى بولماي، بەلكى، ئادەم توغما ھامىلىدار بولغان ئىنسانىي بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت، مىھرىبانىلىق، قىسقىسى ئالىيجانابلىقنى ئۆز ۋۇجودىغا يىغىنچاقلاپ ياشاۋاتقان كىشىلەرگە، ئاي – كۈنى توشقاندا ئۆز باغرىدىن ئىنسانلار دۇنياسىغا توختاۋسىز ئاسايىشلىق، قۇت، ياخشىلىق، سۆيگۈ تەۋەللۇت قىلىۋاتقان ئاددىي، ئەمما ھەقىقىي ئادەملەرگە قارىتىلغان. شۇڭا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىدىغان ئادەم ئېتىقاد، مىللەت - دۆلەت ياكى بىر رايون ئايرىمىسىدىن مۇتلەق مۇستەسنا، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئوخشاش بۇرۇچ تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەردىن ئىبارەت. چۈنكى دۇنيانىڭ تەقدىرىنى پەقەت ھەقىقىي ئىنسانلار بەلگىلەپ كەلگەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ دۇنيا شۇنداق گۈزەل ھەم كۆركەم ھالەتكە كەلگەن. ئادەم چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىر مۇكەممەل ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا توغرا نىشاندىن ئېغىپ كەتمەي، ھەرۋاقت ئەڭ توغرا يولدا ئازماي ماڭالايدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ توغرا يولنى ھەر كىشى ئۆز قىزىقىشى بۇيىچە تاللايدۇ ۋە شۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
ئالىيجانابلىق توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچە بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ قېلىپى يوق بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ قانداقتۇر بىر ئادەمنىڭ كىيىنىشى – سالاپىتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق. ئالىيجانابلىق توغرىسىدا سۆزلىسەك ھەتتا ئۇلۇغ كىىلەرمۇ چىش يېرىپ بىرنەرسە دېمىسە كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئالىيجانابلىق بىلەن بىز بىلگەن ئالىيجانابلىقنىڭ ئارىلىقىدا پەرق مەۋجۈت. قىسقىسى، ئالىيجاناب كىشىلەر باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇققانلارغا ياردەم قولىنى سۇنالايدۇ، يىقىلغانلار تۇرالمىسا يۆلەپ قويىدۇ. ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان يارەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەندە خۇشال بولۇپ مەسخىرە قىلمايدۇ. باشقىلارنى كۈلدۈرەلمىسىمۇ تەڭ يىغلىشىپ بېرەلەيدۇ. جاھاندىكى ھەممە ياخشى ئىش شۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدىن ۋۇجوتقا چىقىدۇ. ئالىيجاناب كىشىلەر ئۆز نەتىجىلىرىنىڭ زورلىقىدىن پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ماختىشىنى، ئالقىش ياغدۇرۇشىنى كۈتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ بىلەرمەنلىكىنى كۆز – كۆز قىلىش مۇددىئاسىدىن كۆپ يىراق. تەمكىن، ئېغىر – بېسىق بولۇپ، بىر ئىشلارغا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ، باشقىلارنىڭ سۆزى بىلەنلا بىر كىشىگە باھا بەرمەيدۇ. تامىقىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقمايدۇ. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ۋايسىمايدۇ، بەلكى، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مەيدانى مۇستەھكەم، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولۇپ، تۇراقسىزلىقتىن يىراق. ئائىلىسىگە، ئائىلە ئەزالىرىغا، جەمئىيەتكە، خىزمەتداشلىرىغا ھەتتا ناتۇنۇشلارغىمۇ يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئالىيجاناب كىشىلەر مەيلى قانداقلا قىيىنچىلىق ياكى بىسىمغا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى ۋە ھاياتىنى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نەھەق سۆزلىمەيدۇ، ئۆز ئىرادىسىگە خىيانەت قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەر بەلگىلىك خاسلىققا ئىگىكى، بىز ئۇلارنى بايقىغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى چوڭ ساناپ يۈرۈشنىڭ قانچىلىك بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يۈزىمىز قىزىرىدۇ. بۇ كىشىلەر بىر ئۈمۈر غۇربەت كۈلبىلەردە نامرات ياشاپ ئۆتۈپ كېتىشكە، تاش چېقىپ جاپا تارتىشقا، جىنىنى تىكىشكە رازىيكى، يالاقچىلىق، كۆتەمىچىلىك، ھىجاراش بەدىلىگە، ئۆز غۇرورىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار توغۇلىشىدا ئۆزلىرىنى ئادەم دەپ ئاتىۋەتكەن، ياشاش يولىدا ھەق يولنى تۇتقان كىشىلەر بولۇپ، قانچىلىك بىسىمغا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر مىت قىلىپ قويمايدۇ. ئۆزىنى قۇدرەتلىك چاغلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق كۈچلۈك كىشىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ھامان ئۈمرىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ۋىجدان ئالدىدا جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ كىتەلمەيدۇ. ئىچىدە قانچىلىك كۈچلۈك نەپرەت، ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۆزگىگە قىساسكار، ئادىمىيلىك روھىغا ئىسىيانكار كىشىمۇ ۋىجدانى ئالدىدا ئاخىرىدا يەنىلا توغرا يولنى تاللاشقا مەجبور بولىدۇ. چۈنكى ئەقىللىق كىشىلەر ھەق يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقت ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شۇ جۈملىدىن ئۇلار ئۆز جىسمىغا ئورىنىۋالغان كۈچلۈك غەزەپ ئوتىنىڭ ئۆز ئەقىل – كاللىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلۋىتىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.
قەدىرلىك دوستلار، سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، سىز ھەرقانداق بىر ئىشقا باھا بېرىشتىن ئىلگىرى ئېڭىڭىزدا قانداقتۇر بىر خىل ئىجتىمائىي ئايرىمىچىلىق ياكى تار مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋالمىسۇن، چۈنكى سىزنىڭ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئايرىمىڭىز بۇ دۇنيادا تەنھا ئەمەس. مېنىڭچە، سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز ئاندىن ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بىر ھەقىقىي ئىنساننىڭ كۆزى بىلەن قاراپ توغرا باھا بېرەلەيسىز. ئۆز گىپىمنى داۋام ئەتسام، ئىنسان قانداقلا ئىشقا ياكى ھادىسىگە يولۇقىشىدىن قەتئىي نەزەر، تاللاش يەنىلا ئىنساننىڭ ئىلكىدىن قېچىپ كىتەلمەيدۇ. تاللاش ئاخىرقى ھىساپتا بىزنىڭ ئىنسانىي كىملىكىمىزنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئىنسانى كىملىكنىڭ ئورنى دۇنيادىكى ھەرقانداق سالاھىيەتتىن قىممەتلىك ھەم ئۈستۈندۇر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ھۆددىگەر ئىنسان قاراپ تۇرۇپ جۇدالىق زارىغا يول ئېچىپ بەرمەيدۇ. ئالىيجانابلىق دېمەك غۇرور دېمەكتۇر، ئالىيجانابلىق دېمەك ھەقىقىي ئادەم دېمەكتۇر. ئالىيجانابلىق ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت.

ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش دەخلىسىزدۇر!

Posted: 2009-03-13 13:23 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation