ئاساسىي تېما : ئانا تىلئاۋاتلىقى:66ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 685
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 689 نوقتا
پۇل : 6890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:174(سائەت)

 ئانا تىل


             1

يامغۇر يىغلىدى ئۆزىگە،
گۈڭگۈرت پۇرىقى كېلىدۇ يەردىن.
بىز بىر قەۋم ئاق قاردىن ئۆزگە
تېرەكتىكى قار يۇلتۇزىدەك،
بىز پەرقلىق گۈل،تېرەكلەردىن.
بىز بېلىق ئەمەس،ئاستا_ئاستا تاش،
بىز ئۆلۈش ئەمەس،ئىچىدە ياشاش.
بىز تۇيۇقسىز
دېڭىزدىكى كوچىدا
يۇتىۋاتقان ئاۋازىمىزنى،
تىڭشىغۇچى،
                سەدەپتەك تىمتاس.


              2

ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىۋالدۇق،
قىرلىق بوران ئۆتمەكتە چاقناپ.
بېلىق قارنىغا كىرىۋالدۇق،
ئاغزىمىزدا گۆھەرنى ساقلاپ.
قۇرۇق ياغاچقا كىرىۋالدۇق،
ئۇيغۇر تىلى چىقاردى ياپراق.



             3

«نادانغا قىلغان ئىسىت سۆزۈم
ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم».
يۈزۈم يورۇق ئانا تىل بىلەن
كۆزلىرىمدە ياش ئەگىگەندە،
كۈلگەندە،
قىلغاندا توي.
ئانا تىل ئۆلگەندە
ئوغلۇم، مېنى تىرىك كۆمۈپ قوي!


               4

كەلدى نورۇز،
                شامال غۇر_غۇر.
ئويمان_دۆڭلەردە،قۇملۇق ،كۆللەردە
چېچەكلەر توپ_توپ قەدىمكى ئۇيغۇر.
ئېرىمەكتە،
سۆگەتتە مەن
دىلدا ۋەتەن.
نازۇك چېچەك ئانا تىلىمىز،
بۇ چېچەكتە شېئىر بىر شەبنەم.

                __ئادىل تۇنىياز
2005_يىل،4_ئاينىڭ 17_كۈنى

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-13 13:18 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation