ئاساسىي تېما : قەدىمكى تائاملىرمىزدىن گۆش قېقىئاۋاتلىقى:62ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2806
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2832 نوقتا
پۇل : 28320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3019(سائەت)

 قەدىمكى تائاملىرمىزدىن گۆش قېقى

   
        قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئەڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ئوتقا قاقلانغان گۆشنىڭ خام گۆشكە قارىغاندا ناھايىتى مەزىلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، يىمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يىيىش ئادىتىنى تەرەققى قىلدۇرغان . بىردىنبىر ئوزۇقلۇق بولغان ھايۋانلار گۆشى ئىنسانلارنى يېڭى ھاياتلىق باسقۇچىغا ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ ،ئەمما ، ئەجدادلىرىمىز تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق يەنىلا يۈز بېرىپ تۇراتتى . چۈنكى ئوۋ ئوۋلاش ھەر دائىم كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ تۇرمىغاچقا ، بەزىدە ئوۋنى كۆپ ئوۋلىسا ، بەزىدە ئاز ،ھەتتا پەقەت ئوۋلىيالماي ئاچ قېلىش ئېھتىمالى يۈز بېرەتتى . مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز " گۆش قېقى " تەييارلاش تېخنىكىسىنى ئىجات قىلىپ ، يۇقۇرقىلاردەك قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن . ئۇلار ئوۋنى كۆپ ئوۋلىغان ۋاقىتتا گۆش قېقى تەييارلاپ قويۇپ ، ئوۋ ئوۋلىيالمىغاندا بۇ خىل يىمەكلىكنى ئېستىمال قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىغان .

     " تۈركى تىللار دىۋانى" دە "گۆش قېقى" توغرىسىدا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: < يازۇق. كۈزدە ھەر خىل دورا - دەرمەكلەر بىلەن قورۇتۇپ قويۇلۇپ ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان گۆش> ( "تۈركى تىللار دىۋانى" 3-توم، 19-بەت) . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئەجدادلىرىمىز ئەينى دەۋردە ياراتقان "يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى" ئۇلارنىڭ ئىجتىماىي تۇرمۇشىدا زور يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىغا كىرىشكە ئاساس سالغان .
 
     "يادىكارلىقلاردىن مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر" ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-13 12:30 | [پۈتۈكچى]


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2811
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2837 نوقتا
پۇل : 28370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

بۇرۇن ئۆيلىرىمىزدە توڭلاتقۇ يوق چاغلاردا ، گۆشلەرنى تۇزلاپ قۇرۇتۇپ قوياتتۇق ~~~

Posted: 2009-03-13 13:16 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يېمەك -ئىچمەك

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation