ئاساسىي تېما : روسىيىدە بىرنەچچە مىليونېر ئۆلۈۋالدىئاۋاتلىقى:170ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 67
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 67 نوقتا
پۇل : 670 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:32(سائەت)

 روسىيىدە بىرنەچچە مىليونېر ئۆلۈۋالدى

      پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىدە، ئاددىي كىشىلەر نەزەرىدىكى پۇلدارلار ئارقا – ئارقىدىن يىقىلدى. روسىيىدە ئىلگىرى ئەيش – ئىشرەت، كەيىپ – ساپا بىلەن ئۆتكەن سودا ساھەسىدىكى ماگناتلار تەس كۈنگە قالدى. ئىقتىسادىي زەربىنى كۆتۈرەلمىگەن بىر نەچچە  مىليونېر بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىدى. روسىيىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى ‹‹بارسا كەلمەس›› بۇ يولنى تاللىشى مۇمكىن ئىكەن.
       روسىيىدە چىقىدىغان ‹‹كومسومۇللار ھەقىقىتى گېزىتى››نىڭ 11 – فېۋرالدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا روسىيىنىڭ شانوۋگورود تەپتىش تارمىقى يەرلىك مىليونېر سېرگىي پولياكوۋنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى  ئۆلۈۋالغان، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. پولياكوۋ 56 ياش بولۇپ، روسىيە ‹‹خەلقئارا مودا›› داڭلىق كىيىم – كېچەك زەنجىرسىمان دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى. ئۇ 16 – يانۋار ئىشخانىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، روسىيىدىكى ئۆلۈۋالغانلارنىڭ بەشىنچىسى.
       پولياكوۋ ۋەسىيەتنامىسىدە ئىككى ئوغلى، ئاپىسى ۋە خوتۇنىدىن ئۆزىنى كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە: ‹‹تۇغقانلىرىم مېنى كەچۈرۈڭلار، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قەرزلىرىمنى تۆلەشكە ئامالسىز قالدىم، ئەلۋىدا››، دەپ يازغان.
       تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پولياكوۋنىڭ 300 مىڭ دوللارلىق تۇرالغۇ  قەرز پۇلى ۋە 1 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق مال كىرگۈزۈش قەرز پۇلى بار ئىكەن. پولياكوۋنىڭ ئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى  ئۆلۈۋېلىشتىن تۆت كۈن بۇرۇن ئۈچ بانكىغا بېرىپ قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىرمۇ بانكا ئۇنىڭغا قەرز بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن دادىسى شۇ كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
       پولياكوۋ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، روسىيىدىكى ئۆلۈۋالغان تۇنجى مىليونېر ئەمەس. پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى داڭلىق بايلارنىڭ بىر نەچچىسى ئۆلۈۋالدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: روسىيىلىك مىليونېرلار ئەزەلدىن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. تۇيۇقسىز پارتلىغان پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ‹‹جەننەتتىن دوزاخ››قا تاشلىدى. پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەرزى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيگەچكە، ئۇلار بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار  ئۆلۈۋېلىپ، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يولىنى تاللىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ قارىشىچە پۇل ۋە بايلىقىدىن ئايرىلىش ئۆز قىممىتىنى يوقاتقانغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. روسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىشى مۇمكىن. مىليونېرلارلا ئەمەس،  ئاددىي پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلۈۋېلىش ئېھتىماللىقى  زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئىشسىزلار كۆپىيىشى مۇمكىن . ستاتىستىكىغا قارىغاندا، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە روسىيىدە ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز كىشى ئۆلۈۋالغان.
       بۇنىڭغا قارىتا روسىيە دۆلەتلىك ئېكولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە ساغلاملىقى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بورىس پولورى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئۆرلەشكە باشلىدى. نۇرغۇن كىشى بېسىمنى قانداق يەڭگىللىتىشنى بىلمەيۋاتىدۇ. قورقۇنچلۇق پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە قارىتا، كىشىلەر پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان تۇرمۇش مەن ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇشمۇ؟ مەن ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇش زادى قانداق؟ دېگەننى ئويلىشى كېرەك، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئۆلۈۋېلىش ھەرگىز مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس. 
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
Posted: 2009-03-12 21:51 | [پۈتۈكچى]


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2806
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2832 نوقتا
پۇل : 28320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3017(سائەت)

 

بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ياخشىمۇ نىمە  ؟!

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-13 16:03 | 1 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2811
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2837 نوقتا
پۇل : 28370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن ... بۇنداق ئىشلار 1 - بولۇو شەخسىي بايلارغا تەسىر قىلىدىغان ئوخشايدۇ ~~~

Posted: 2009-03-13 18:24 | 2 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 323
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 323 نوقتا
پۇل : 3230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:57(سائەت)

 

ئەنقا

Posted: 2009-03-13 21:34 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> بۈگۈنكى دۇنيا

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation