بۇگۇنكى كۇندىمۇ ،دۆلىتىمىزدە بۇنچىلىك نامرات كىشلەرنىڭ بارلىقىغازادىلا ئىشەنمەيتىم ...
ئەمما بۇ
رەسىمنى كۆرۇپ ،راستىنلا ھەيران قالدىم ...دۆلىتىمىزئاسىيادىكى شۇنچە باي شۇنچە قۇدىرەتلىك دۆلەت تۇرۇپ
ھىلىمۇ ھەم بىرە ۋاق قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدىغان ،بىرە تال ئۇچۇسىنى ياپقۇدەك كىيىممۇ كىيەلمەيدىغان ،
شۇنچىلىك نامرات پۇقرالىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۇپ زادىلا ئەقلىمگە سىغمىدى ...
باشقىسىنىمۇ قويۇپ تۇرايلى ھەتتا مونۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلىغۇدەك بىرە ئېغىز دەرىسخانىسىمۇ يوق ئىكەن ...
دەرىسخانا تۇگۇل ھەتتا خەت يازغۇدەك قارا داسكىسىمۇ يوق ئىكەن ...
يۇقارقى
رەسىمدىكى كۆرۇنۇشلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ گۇزەل ئەڭ چوڭ ساياھەت ئورنى بولغان گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ دافاڭ ناھىيىسىنىڭ
مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ،پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمى خالاس...
قايسى كۇنى بىر
خەۋەردىن چۇڭچىڭ شەھرىدىكى بىرباينىڭ 90گە يېقىنلىشىپ قالغان قېرى دادىسىنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان خاتىرە كۇنىنى ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن ، 10مىڭ ئادەمنى زىياپەتكە چاقىرغانلىقى شۇنىڭدەك پۇتكۇل زىياپەتكە ساق 1مىليارد خەلق پۇلى سەرىپ قىلىنغانلىقىنى
يېزىپتىكەنتتۇق .... ،دېمەك< بىركۇندە 1مىليارد خەلق پۇلىنى يەپ -ئىچىپ ،بۇزۇپ -چاچتى > . دېگەن گەپ ...
دۆلىتىمىزدە بۇنىڭدەك چوڭ يەپ -چوڭ ئىچىدىغان باي ئەمەلدارلار ئازئەمەس...
شۇنداقتىمۇ ،يۇقارقى
رەسىمدىكى بالىلارنىڭ شۇنچىلىك نامرات تۇرمۇش ئىچىدىمۇ ،ھاردىم -تالدىم دېمەي ،جاپاغا چىداپ
تىرشىپ ئۆگۇنىشى ،ئادەمنى راستىنلا قايىل قىلىدۇ ...