Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باتۇرئۆپكە نىڭ 2009-03-09 23:19 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
ھازىر جاۋاپ بىرەي دىسەم بىرسىڭلار قاخشايسىلەر. بۇ ھەقتە بەك تەكرار گەپ بولۇپ كەتتى دەپ، ... جاۋاپ بەرمىسەم سىز نائۈمۈد قالدۇرغۇم يوق. مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىكى ئىنكاسلىرىمنى ئەقلى كۆزىڭىز بىلەن ئوقۇسىڭىز جاۋاپ تاپىسىز.
بۇ يەردە ئەقىل كۆزى بىلەن سېنىڭ ئىنكاسىڭىنى ئايدىل قىز ئەمەس بەلكى سەن ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن جەمىيەتكە نەزەر سال
ھەي جېنىم ئۇيغۇرۇم سېنىڭچە بىز ئەمدى قانداق قىلايلى ~سەن بۇلارنى ئوغرى دەپسەن ئەمسە بۇلار
ناخشا ئوغۇرلىمىسۇن ،ئېيتمىسۇن سەن ئۇلارغا ئىش تېپىپ بەرگىن
ئىجادىيەت ئىجادىيەت دەپ قاقشايسەن سەن بىرەر ئىجادىيەتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ماڭا
ناخشا ياكى
مۇزىكا ئىشلەپ بەر دەپ باقە شۇلار ساڭا ئىككى قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويامدىكىن ،مەن ساڭا دىسەم بىر شېئىر ئۆزى ئاز دىگەندىمۇ 400-500گىچە ،
مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرى ئاز دىگەندە 1000-1500گىچە ئالدىدۇ ،ئەمدى ئۇ مۇزىكىنى ئاكورتلاشتۇرۇپ ئۈنگە ئېلىشقىچۇ 500-600گىچە ،بىر
ناخشا قانچىگە توختىدى دەپ باقە ،ئاشۇنچىلىك پۇلنى خەجلەپ ئېيتسا يەنە ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپارسەن ھەقىچان ..بىزدىكى مۇشۇ ئۆزىمىزنى كولايدىغان ئىش قاچان تۈگەر ،مەن ئەسلى بۇ تىمىغا ئىنكاس يازماي دىگەن قارىسام بەكلا قايناپ كېتىپسەن مۇنبەردىكى 90%تىماڭ ناخشىچىلارنى سۆكۈش بوپتۇ ،بىلمىدىم ئۇ سەنئەتچىلەر سېنىڭ نەرىڭگە تاقشتىكىن تاڭ ،تۇرۇپ بۇ تىمىنى مۇنبەرنى قىزىتىش ئۈچۈن بىرەر جانابلارنىڭ ئويۇنىمىكىمۇ دەپ قالدىم ،ئەمما مەيلى قانداق بولسۇن يەنىلا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي دىدىم .
بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزگە -ئۆزىمىز ئورا كولايدىغان خۇسۇسيىتىمىزدىن باشقىلار بۇرۇندىن پايدىلىنىپ كەلگەن ھازىر ھەم يەنە پايدىلىنىۋاتىدۇ .
ۋاي سېنىڭ قەيسەر ئۆپكەڭگە ..بىر مۇنازىرە مۇنبىرىگە تاللاپ كىرگە ئىسمىڭگە باقماي مۆمىنەك مايمۇن دەپ كېتىشىڭنى ،سەنچۇ سەن نىمە سەن بەئەينى قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ تۇرىدىغان <تۈلكە>.ئۆزەڭنىڭ قۇۋۇمىنى ،مىللىتىنى غاجاپ نىمە پايدا ئالارسەن ،ساڭا قىلىدىغانغا ئىش چىقمىدىما .
مەيلى ئارزىگۈل ۋە ياكى مۆمىنجان ۋە ياكى باشقىسى بولسۇن ئاڭلىدۇقمۇ بولدى ،نىمە قىلىمىز بۇ يەردە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئوغرى دەپ ،ھېلىمۇ بۇ ئىسىمنىڭ بىزگە ماركا بولۇپ كەتكىنى يەتمەمدا ~ھېلىمۇ <<ئۇيغۇرنى ئۇيۇشقاق>>دەپ قاپتىكەن ،باشقا نىمە دىگەن بولسا ماۋۇ ئەينەكنىمۇ چېقىپ كىرىپ بىر-بىرىمىزنى بوغۇپ ،قان -جىدەل چىقىرىدىكەنمىز .