بىر كۈنى، يېرىم كېچە، تاتلىق ئۇيقىدا شىرىن چۈش كۆرىۋاتسام، تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايراپ كەتتى. يېرىم ئۇيقۇچىلىقتا تېلىفۇننى ئالدىم.
___ ۋەي، كىمۇ؟
___ مەن تاغا.
___ ھە... سەنمىتىڭ ئۇكام.
___ تېچ - ئامان تۇردىڭىزمۇ تاغا؟
___ خۇداغا شۈكرى.
___ ھامماممۇ ياخشى تۇرۋاتقاندۇ؟
___ ئۇمۇ ياخشى تۇرىۋاتىدۇ.
___ تاغا، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ئۆزگۈرۈپ قاپتىغۇ؟
___ چۈنكى سەن تېلىفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپسەن ئۇكام.
قارشى تەرەپ بىرئاز جىمىپ قالغاندىن كېيىن «دۇ....دۇ....» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
بىر كۈنى، چۈش ۋاقتى ئىدى، ئىشخانىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرسام، تۇيۇقسىز ئىشخانىنىڭ تېلىفۇنى سايراپ كەتتى. تېلىفۇننى ئالسام قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
___ ۋەي، ئايگۈلنى چاقىرىپ قويىڭە!
جەمىئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى، قىزلاردا ئەدەپ - قائىدە دېگەن قالماپتۇ، سالام - سائەتمۇ يوقلا بۇيرۇق قىلىدۇ ئادەمگە. سەل ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزەمنى بېسىۋالدىم، چۈنكى قارشى تەرەپ قىز بالا تۇرسا...... ئۇ قىز بىتاقەت بولدى بولغاي، ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ دېدى:
___ مەن.....ئايگۈلنى.....ئىزلەيتىم....
___ كەچۈرۈڭ، خاتا تېلىفۇن ئۇرۇپ قاپسىز، بۇ يەردە ئايگۈل ئىسىملىك ئادەم يوق.
___ مۇمكىن ئەمەس، بۇ ************ دېگەن يەرنىڭ تېلىفۇنىغۇ؟! مەن خاتا تېلىفۇن قىلمىدىم.
توۋا، ئۇ خاتا تېلىفۇن قىلمىغان بولسا، ئەمىسە مەن خاتا قىلدىممۇ؟! بۇ ئىشخانىدا بىرمۇ قىز يوق تۇرسا...... نىمانداق قىلىدۇ بۇ قىز! تېلىفۇننى قويۇۋىتەي دەپ ئويلۇدۇم، لېكىن ئۇنىڭ تېلىفۇننى قوپاللىقى مېنى سەل جىلە قىلىپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ مۇلايىم ئاۋازىم بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم.
___ شۇنداق، سىزنىڭ توغرا. باياتىن مەن خاتا ئاڭلاپ قاپتىمەن. سىز كىم بولىسىز؟
___ مەن ئالىيە.
___ ھە..... ئەسلى ئالىيەمىتىڭىز. ئايگۈل چەتئەلگە چىكەتتى.
___ نېمە؟ ئۇنىڭ بىلەن 3 ئاي ئالاقىلاشمىسام چەتئەلگە چىكىتىپ بوپتىغۇ......
___ ئايگۈل بىر ئاي بۇرۇن چەتئەلگە چىكەتكەن، تېخى تۈنۈگۈن تېلىفۇن قىپتىكەن، ئالىيە ئىسىملىك بىر قىز تېلىفۇن قىلىدۇ دېگەنتى.
___ شۇنداقمۇ...... ئۇ نېمە دېدى؟
___ دوستۇم ئالىيەگە بىر كومپيۇتېر ئېلىپ قويغانتىم، ئەۋەتىدىغان ئادرېسىنى بىلەلمىدىم، ئەگەر ئالىيە تېلىفۇن قىلىپ قالسا، مېنىڭ تېلىفۇنۇمنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن بولسىڭىز دېگەن ئىدى. سىز بىلگەندەكلا بۈگۈن تېلىفۇن قىپسىز.
___ ۋىييەي......شۇنداقمۇ؟! مەن شۇ ئالىيە بولىمەن، ئايگۈلنىڭ ھازىرقى تېلىفۇنىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ___ تېلىفۇندىكى ئاۋازدىن ئۇنىڭ شۇنداق خوشال بولۇپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
___ بولىدۇ، ئەمىسە يېزىۋېلىڭ......
مەن دەرھال ئۈستەلدىكى «دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش دەستۇرى» دېگەن كىتاپتىن خالىغان بىر دۇنيا خاراكتىرىدىكى شىركەتنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم.......
بىر كۈنى، يەكشەنبە، تورغا چىقىپ باس - باس مۇنبىرىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تور ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاچچىغىم كىلىپ تېلىگىراف شىركىتىنى تىللاپ ئولتۇرسام، تېلىفۇن سايراپ كەتتى، قارىسام 10000 نومۇردىن كەلگەن تېلىفۇنكەن. مەن تېلىفۇننى ئالدىم.
___ ياخشىمۇسىز، مەن تېلىگىراف شىركىتى ئابونتلار مۇلازىمەت مەركىزىدىن بولىمەن...... ___ قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ شۇنداق يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
___ شۇنداقمۇ؟ مېنى ئىزدەيدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟
___ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، سىزنىڭ بىزنىڭ تور كەسپىمىزنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بىلىپ باقايلى دېگەنتۇق، سىزدىن بىرنەچچە سوئال سورىسام بولارمۇ؟
___ ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى سوراڭ.
___ ئۆيىڭىزدىكى تورنىڭ سۈرىتى تېزمۇ؟
___ بىلمەيدىكەنمەن، قانداق بولسا تېز بولىدىغان بولىدۇ......
___ ھە، سىز بىزنىڭ تور بېكىتىمىزگە كىرىپ، «تور سۈرىتىنى سىناش» دېگەن يەردىن سىناپ باقسىڭىز بىلەلەيسىز.
___ شۇنداقمۇ، مەن ئۇ تور بېكەتكە كىرگەن، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان
كىنولارنى توردىن كۆرگىلى بولىدىغۇ.......
___ توغرا، سىز قانداق ھېس قىلدىڭىز؟
___ ئۇ يەردىكى
كىنولار بەك كونىكەن شۇ.
___ (ئۇ قىز ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدى ۋە دەرھال يەنە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ) مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم تورنىڭ سۈرىتى قانداقراق؟ مەسىلەن، بەزىدە
كىنو توختاپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بىرەمدۇ؟
___ ھە...... ھەر ھالدا بولىدۇ. بىر قېتىم «007» نى كۆرگەندە توختاپ قالغان.
___ شۇنداقمۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت توختاپ قالدى؟
___ يېرىم سائەتتەك توختىغان.
___ نېمە؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ ___ ئۇ ئىشەنمىگەن ھالدا سورىدى، ___ بۇنداق ئۇزاق توختاپ قالىدىغان ئەھۋال يوقتىغۇ، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىن چاتاق چىقمىغاندۇ؟
___ ياق، مەن ۋاقىتلىق توختۇتۇش كۇنۇپكىسىنى يەنە باسقاندىن كېيىن داۋاملىق قويۇلدى.
___ نېمە؟ سىز ئۆزىڭىز توختۇتۇپ قويغانمىتىڭىز......
___ شۇنداق، مېنىڭ قوسۇقۇم ئاغرىپ ئوبۇرنىغا كىرىپ كەتكەن، شۇڭا ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويغانتىم. ئۇنداق قىلسام بولمامتى؟ سىلەرمۇ يا بالدۇرراق ماڭا دەپ قويماپسىلەر......
___ (تېلىفۇندىن ئۇ قىزنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا خىزمەتدىشىدىن قەغەز سوراپ تەرىنى سۈرتىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى) ياق، ياق، توختاتسىڭىز بولىدۇ. يەنە باشقا ئەھۋاللار بارمۇ؟
___ باشقا ئەھۋاللار...... ھە راست، ئابدۇللانىڭ «تۇنجى سۆيگۈ» دېگەن ناخشىسىنى توردىن نېمىشقا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ؟ مەن ئابدۇللا ئاكاشنىڭ ناخشىللىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتىم. يېقىندىن بۇيان ئۇ
ناخشا ئېيتماي شىركەت ئېچىۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، ئۇ نېمىشقا
ناخشا ئېيتمايدىغاندۇ؟ بۇ توغرىسىدا سىز بىرەر يېڭى
خەۋەرلەرنى بىلەمسىز؟ يەنە بىر ئىش، ھازىر ئابدۇللا ئاكاشنىڭ ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداقراقكەن؟ ئاڭلىسام ئۆتكەن ھەپتە ئۇرۇشۇپ قاپتىكەن...... ئۇنىڭ ناخشىللىرى بەك مۇڭلۇق - ھە، سىز ئېيتالامسىز؟
مەن مۇشۇ تەرىقىدە ئابدۇللانىڭ بولامدۇ ياكى بولمامدۇ، ئىشقىلىپ ئېسىمدە قالغان ناخشىلارنىڭ ئىسمىدىن 20، 30 نى ئۇنىڭغا دېگەچ، بەزى ناخشىلارنىڭ بىرەر ئاھاڭلىرىنى غىڭشىپ ئېيتىپمۇ بەردىم، ئۇ قىز ئاخىرى چىدىمىدى بولغاي، گېپىمنى بولىۋەتتى.
___ ئەپەندىم، سىز ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىكەنسىز، لېكىن مەن ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىمەن، سىزنىڭ ناخشىڭىزنى يەنە ئاڭلىيالمايمەن، كەچۈرسىز.
___ ھە....... سىز خىزمەت قىلىۋاتقانمۇ، كەچۈرۈڭ، بىلمەپتىمەن. توغرا، سىز قايسى ئىدارىدا خىزمەت قىلىسىز؟
___ مەن.....مەن..... مەن تېلىگىراف شىركىتى ئابونتلار مۇلازىمەت مەركىزىدىن بولىمەن......
___ ھە....... شۇنداقمۇ؟ مېنى ئىزدەيدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟
گېپىم تۈگەپ تۇرىشىغا تېلىفۇندىن «گۈپ» لا قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كەينىدىن بىرمۇنچە قىزلارنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىپ پات پاراق بولىشىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتىم............