ئاساسىي تېما : باس باس مۇنبىرىدىكىلەرگە تۇنجى چاقچىقىم (يانغىن)ئاۋاتلىقى:381ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يانغىن
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 13 نوقتا
پۇل : 130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:29(سائەت)

 باس باس مۇنبىرىدىكىلەرگە تۇنجى چاقچىقىم (يانغىن)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-08)
]باس باس مۇنبىرىدىكىلەرگە تۇنجى چاقچاق

مۇئەللىم تارىخ دەرىسىدە قادىخاندىن سورىدى :
- تۈنۈگۈن پۇقرالىق ھوقۇقى توغرۇلۇق دەرس سۆزلىگەندىم ، قېنى ، شۇنىڭ ئىچىدىن ئون خىلنى كۆرسىتىپ باققىن . 
قادىخان  جاۋاب بېرەلمەي ، بېشىنى قاشلاپ تۇردى .
-ھە ، بولمىسا بەش خىلىنى ئېيىتىپ بەر .
قادىخان يەنىلا بېشىنى قاشلاپ تۇراتتى ، مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كەلدى :
- ھەي ، بىرەرىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەمسەن ؟ !
بۇ ۋاقىتتا قادىخاننىڭمۇ  جۇدىنى ئۆرلىدى :
-پۇقرا بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ، مەن سۈكۈت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


جانانىمنىڭ ئانسى ئاچچىقلاپ :
-بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشڭىغا رۇخسەت يوق.ئاڭلىدىڭمۇ؟ 
جانانىم  :ئاپا ،بۇ ئەلىشىر ناۋائىينىڭ سۆزى.
ئانىسى :ۋاي-ۋۇي بۇنىڭدىن كىيىن ناۋاي-پاۋاي دېگەنلەربىلەن ئوينىشىڭغا تېخمۇ رۇخسەت يوق...


بالىسى يەتتە ياشقا كىرىپ قالغاچقا، باغرىم  ئۇنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. بىرىنچى كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، باغرىم  ئۇنىڭ مەكتەپتە يىغلىغان -يىغلىمىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ سوراپتۇ:
-بالام، مەكتەپ ياخشىمىكەن، يىغلىمىغانسەن؟
بالىسى:يىغلىمىدىم، ئەكسىچە دەرس ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى كۈلدۈرىۋەتتىم..ھى..ھى...


بىر جۈپ قىز -يىگىت مۇڭدىشىشىۋاتاتتى، بومبا قىزدىن سورىدى :
- مەن بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇن نەچچە يىگىت بىلەن يۈرگەن ؟
قىز جىمىپ كەتتى .
-دەۋېرىڭ، مەن خاپا بولمايمەن .
-نېمىگە ئالدىرايسىز ، مەن يۈرگەن يىگىتلەرنى ساناۋاتىمەن .


باس باس  : ئاۋاز تەھرىرلەش ئىشخانىسىدىكى بومبانى  مەن ئىشتىن بوشاتتىم. 
قادىخان  : ۋاي نىمىشقا ئەمدى ؟... 
 باس باس: ئۇ مىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كالۋا دەپ يۈرگىدەك.
قادىخان : توۋا ...ئەسكىلىكىنى ئۇنىڭ، شىركەتنىڭ مەخپىيىتىنى سىرتتا دەپ يۈرگەنمۇ بارمۇ؟..

ئايتۈرۈك  كەچتە پەقەت ئۇخلىيالمايدىكەن، شۇڭا ھەر كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇخلاپ قېلىپ مۇنبەرگە كېچىكىپ قېلىپ ، باشلىقنىڭ تاپا - تەنىسىگە ئۇچىراپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا ئېلىپ ئىچكەندىن كېيىن، تېزلا ئۇخلاپ قاپتۇ .
شۇ كۈنى قېنىپ ئۇخلىغان ئايتۈرۈك ئەتتىگەندە بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىرماي ناشتا قىلىپ مۇنبەرگە بۇرۇنلا بېرىپتۇ، ئۇ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ مەغرۇرلانغان ھالدا سوراپتۇ :
- بۇگۈنغۇ كېچىكمىگەندىمەن ؟
- بۈگۈنغۇ كېچىكمىدىڭ، لېكىن ئۈچ كۈندىن بۇيان نەگە باردىڭ ؟
=============================
بىر كۈنى خۇمارىم بىلەن باس باس كاۋاپ يىمەكچى بولۇپ كاۋاپخانىغا كىرىپتۇ ۋە كاۋاپچى ئۇستامنى ئالدىغا چاقىرىتىپتۇ ، دە ، باس باس   خۇمارىمغا  :
- ئاداش ئوبدان قىلىپ بەشتىن ئون زىق كاۋاپ يىمەمدۇق ؟ 
خۇمارىم  :
- ئاداش تۆتتىن سەككىزنىلا يىمەمدۇق ؟ 
باس باس  :
- ۋاي ئاداش ئۈچتىن ئالتىنىلا يىمەمدۇق ؟! 
خۇمارىم  :
- ئىككىدىن تۆتنىلا يىمەمدۇق ؟
باس باس :
- ۋاي-ۋۇي .ئاداش زىرىسىنى ، لازىسىنى ئوبدان تەڭشىتىپ بىردىن ئىككىنىلا يىمەمدۇق ؟
بۇ چاغدا كاۋاپچى ئۇستامنىڭ ئاچچىقى كىلىپ :
-ۋاي ئاكىلا ئىككىڭلارغا زىقنى قىزىتىپلا ئەكىرىپ بېرەيمۇ يا ؟ دىگۈدەك ...


مۇشۇ تەشنا  ئىلگىرى پەقەت شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ئىكەندە بىر كۈنى ئاخىرى تەۋەككۈل دەپلا شەھەرگە كىرىپ ،بازار ئايلانغاچ كىتىپ بارسا بىر ئەر- ئايالنىڭ
ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى ئايالنىڭ ئەرنى <<لالما>> ،ئەرنىڭ ئايالنى<< بىشەم >>دەپ تىللاۋاتقانلقنى ئاڭلاپتۇ . <<توۋا .. ماۋۇ شەھەرلىكلەرنى ، شەھەردە ئەرنى لالما ،ئايالنى بىشەم دەيدىكەن >>دەپ ئويلاپ دۇكان ئارلاپتۇ . بىر دۇكانغا كىرىپ تىزىپ قويغان پەمىدۇر قىيامىنى كۆرۈپ دۇكانچىدىن:<< بۇ نىمە دەپ >>سوراپتۇ ؟
دۇكانچى پەمىدۇر قىيامى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .تەشنا  كۈلۈپ كىتىپ يەنە كۆڭلىدە << ھە، شەھەرلىكلەر قاننى پەمىدۇر قىيامى دەپ ئاتايدىكەن >>دەپ ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ بىر موتسىكىلىت ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ قاپتۇ . ھەم دۇكاندىكى موتسىكىلىتنى كۈرۈپ ،يەنە <<بۇ نىمە >>دەپ سوراپتۇ . دۇكانچى تاشنانى موتسىكىلتنىڭ يېنىدىكى ئۇچلىغۇچنى سوراۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئۇچلىغۇچ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ . تەشنامۇ قىزىق ، بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە يەنە << ھى..ھى...ھى..شەھەرلىكلەر ئاجايىپ قىزىق خەق ئىكەن . موتسىكىلىتنى ئۇچلىغۇچ دەيدىكەن ئەمەسمۇ >> دەپ دۇكاندىن ئەمدىلا سىرتقا چىقىپ تۇرىشىغا تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان موتسىكىلىتلىق بىر ئەر يولدا كىتىۋاتقان بىر ئايالنى سۇقىۋىتىپتۇ . ئايالنىڭ بەدەنلىرىدىن قانلار ئوقتەك ئېقىپ يولنى قىپقىزىل بوياپتۇ . ساقچىلار كىلىپ تاشنادىن ۋەقەنىڭ جەريانىنى سوراپتۇ،تەشنا  ھاپىلا -شاپىلا ساقچىلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ :
- ئاۋۇ يەردە بىر لالما ئۇچلىغۇچنى ھەيدەپ كىلىپ ماۋۇ بىشەمنى سۇقۇپ پەمىدۇر قىيامىنى چىقىرۋەتتى ...


مۇنبەردىكى باس باس غۇلجىغا ساياھەتكە چىقىپتۇ.ساياھەت جەريانىدا غۇلجىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىغا بېرىپ ، ساقىلنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردىكى بىر ساتراچخانىغا كىرىپتۇ.ساتراچ شوخ ئادەم بۇلۇپ،خېردارلار بىلەن چاخچاقلىشىشنى ياخشى كۈردىكەن ،ساتراچ باس باستىن سۇراپتۇ .
-سىز نەلىك ؟ 
باس باس جاۋاپ بىرىپتۇ .
-خوتەنلىك  .
ساتراچ بۇنى ئاڭلاپ :
- ياخشى ...ياخشى....بىر خوتەنلىكنىڭ  قېشىمغا كەلگىنىگە تۇلىمۇ خۇشالمەن .مەن ئۇ يەرلىكلەرنىڭ داڭقىسنى ھەم بەزى ئىشلىرنى ئاڭلىغان .ئاڭلىشىمچە بەزى خوتەنلىكلەر  كۈچلۈك ھەم چىداملىق كېلەرمىش ،ساتراچ ئۇلارنىڭ ساقىلىنى ئىسىق سۇ ۋە سۇپۇن ئىشلىتىپ ئالسا ،ئۇنىڭغا ئۇنماسمىش ،بەلكى ئازراق سۇ بىلەنلا سۇپۇنسىز ئېلىشنى بۇيرامىش ،مىنىڭ ئاڭلىغىنىم راستمىدۇر ؟... 
باس باس  بۇنى ئاڭلاپ مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ << كۈچلۈك ھەم باتۇر >> ئاتىلىشنى ئارزۇ قىلىپ دەرھاللا جاۋاپ بىرىپتۇ.
-راسىت...راسىت... مىنىڭ ساقىلىمنىمۇ ئازراق سۇ بىلەن سۇپۇنسىزلا ئېلىڭ . 
باس باس  ئاغرىققا بەرداشلىق بىرىپ چىشنى چىڭ چىشلەپ ئولتۇرۇپتۇ،لىكىن ئاخىرى ئاغرىققا چىدىيالماي ، كۈزى ياشقا لىق تولغان ھالدا ساتراچىغا دەپتۇ .
-بولدى بەس!! بولدى قىلىڭ ، قالغىنى سۇ ھەم سۇپۇن ئىشلىتىپ ئېلىڭ .
بۇنى ئاڭلىغان ساتراچ:
- ۋۇي ، نىمە بوللا غوجام ، بايام ئۆزلىرىنى  خوتەنلىك دىگەنتىلىغۇ ... 
باس باس  :
-ھە ، مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ  خوتەن  شەھىرىگە ئارلىقى خېلىلا يىراقتى شۇ ...


يۇمۇرجاننىڭ دادىسى مەست ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ - دە ، ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ :
- ئالتۇن تارتايمۇ ، يامبو تارتايمۇ ، كەلمەي كەلمەي كەلگەنىڭگە ئۆزەمنى ئاتايمۇ ؟... 
مۇنبەر كۈرىۋاتقان يۇمۇرجاننىڭ  ئاچچىقى كىلىپ دادىسىغا دەپتۇ :
- بولدى قىلە دادا . ئەمدى ئۆيگە كىرىپ خورەك تارت .
===================================== 
راتنا  تولىمۇ ئەقىللىق بىر شاتۇتى بېقىپتۇ، بۇ شاتۇتى ئۈگىنىۋالغان گەپلىرىنى راتناغا  ئېيتىپ بىرىپ ئۇنى پەقەتلا زىرىكتۈرمەيدىكەن. بىر كۈنى راتنا  مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتسا شاتۇتى ئەينەكتىن قاراپ تۇرۇپ:
- كۆرۈپ قالدىم، كۆرۈپ قالدىم ،دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان راتنا  ناھايىتى ئاچچىقلاپ ۋاقىراپتۇ:
-يەنە شۇنداق دەۋىرىدىغان بولساڭ تۈكلىرىڭنىڭ بىرنىمۇ قويماي يۇلىۋىتىمەن.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باس باس  ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، بۇ ۋاقتىسى باس باسنىڭ  چاشلىرىنى چۈشۈرۋىتىپ پوزىۋاش يۈرگەن ۋاقىتلىرى ئىكەن . بۇنى كۆرگەن شاتۇتى پىخىلداپ كۈلگىنىچە:
-ھەي بىچارە،سەنمۇ كۆرۈپ قالغانمىتتىڭ ...


ئۆ يدە ئادەم يۇق دەپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرگەن ئوغرى، بىرجۇپ ئەر-ئايالنىڭ تىلۋىزۇر كۆرۈ پ ئولتۇرغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن تىتىرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈ پتۇ .
-ئىسمىڭ نىمە؟-دەپ سوراپتۇ ئوغرى قولى بىلەن ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ئايال تەسلىكتە: 
راتنا  -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
-بۈ گۈ ن تەلىيىڭ كەلگەن بولسۇن،مىنىڭ ئانامنىڭ ئسمىمۇراتنا ،شۇڭا سېنى ئۆلتۈ رمەيمەن.
ئارقىدىنلا ئەردىن سوراپتۇ:
-ئسمىڭ نىمە؟
- مۇنبەردىكى ئىسىمىم قادىخان  ،لىكىن مىنى ھەممە ئادەم راتنا دەپ چاقىرىدۇ .
======================================
ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئورنى .بومبا (دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىكەن  ) ئەسكەرلىككە كىرىش ئارزۇسى تولىمۇ كۈچلۈك ھەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ بىريىگىتتىن سورىدى :
-ئىسمىڭ نىمە ؟
-خۇمارىم  . 
- سەن ئەرمۇ ، ئايالمۇ ؟
- ئايال ، -خۇمارىم جاۋاب بەردى .
-ئۇنداقتا ، ئەر بولۇشنى خالامسەن ياكى ئايال بولۇشنىمۇ ؟ - بومبا  يەنە سورىدى .
-ئايال بولۇشنى ! -خۇمارىم تولىمۇ كەسكىن جاۋاب بەردى .
-سېنىڭ نېرۋاڭدا سەل چاتاق بار ئىكەن ، ئەسكەرلىككە يارىمىغۇدەكسەن ، - دېدى بومبا .
قوبۇل قىلىنمىغان خۇمارىم پەرۋاسىز چىقىپ كەتتى .
يولدا كېتىۋاتقاندا ئاغىنىسى قادىخان  ئۇنىڭدىن سورىدى :
-توۋا ، ساراڭمۇ ئاداش سەن ؟نېمىشقا پۈتۈنلەي تەتۈر جاۋاب بېرىسەن ؟
-خېڭ ...ئۇ ساراڭدەك سوئال سورىغاندىن كېيىن ، مەنمۇ ساراڭدەك جاۋاب بېرىمەن - دە ! مېنى ھېچكىم ئەخمەق قىلىمەن دېگۈچى بولمىسۇن !...

ئەرلەر دورىغا ئوخشايدۇ
1.بەزى ئەرلەر ئاشقازان دورىسى:
ئىچىڭىز پۇشقاندا بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە تاماق يەيسىز، لىكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ سىز ئۈچۈن بىرگە تاماق يىيىشكە تاللىنىدىغان ئەر بولالمايدۇ.
2. بەزى ئەرلەر ئاغرىق توختىتىش دورىسى:
مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بۇنداق ئەرلەر سىزگە ھەمراھ بولالايدۇ. ئازاپلانغان كۆڭلىڭىز تەسەللىي تاپىدۇ. لىكىن ئۇنى سۆيەلمەيسىز.
3. بەزى ئەرلەر زۇكام دورىسى:
زۇكام دورىسنى يىسىڭىزمۇ - يىمىسىڭىزمۇ بەرىبىر ئاغرىقىڭىز ساقىيىدۇ. بۇنداق ئەرلەر بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا.
4. بەزى ئەرلەر زەھەرلىك دورا:
<ياماننىڭ ئوتى يامان> دىگەندەك بۇنداق ئەرگە ئۇچرىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايدۇ. ئۇنىڭ <زەھەرلىك دورا> ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۈچەي - قارنىڭىز تىشىلىپ كەتكۈچە ئىچىسىز.
5. بەزى ئەرلەر جۇڭيى دورىسى:
بۇنداق ئەرلەر مۇلايىم، كۆڭلىڭىزگە ئارام بەرمەيدۇ. بەزىدە سىزنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىزنى ھەقىقىي رازى قىلىدۇ.
6. بەزى ئەرلەر ئورۇقلىتىش دورىسى:
بۇنداق ئەرلەر بىر ئۆمۈر سىز بىلەن ھەمسەپەر بولالمايدۇ، يېرىم يولدا سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ.
7. بەزى ئەرلەر سۈرگە دورىسى:
بۇنداق ئەرلەرگە ئۇچرىسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ، تەقدىرگە تەن بېرىپ ئەپ ئۆتمىسىڭىز ئۇ سىزنى ئارامىڭىزدا قويمايدۇ.


قىزىقارلىق ئوخشىتىشلار
سىزگىرانات مەن بومبا .مەن كۇۋادىرات سىزرومبا.
سىزقۇشۇق مەن ئارا.مەن گىتتارسىز تارا .
سىزئاچقۇچ مەن قۇلۇپ ، مەن يەرشارى سىز قۇتۇپ .
مەن پەرھات سز شىرىن .مەن ئۆپكە سىزقېرىن.
سىز يۇپتۇر مەن مارىس.مەن زۇكام سىز سارىس.
مەن پاختا سىز خالتا ،مەن ماز سىزتاز .
سىز ئامانەت مەن بانكا ،مەن پىلىمۇت سىز تانكا .
سىز قۇلۋاق مەن قېيىق،مەن بامبۇك سىز ئېيىق.
سىز ئۆستەڭ مەن ئېرىق،مەن قۇناق سىزتېرىق .
سىز ھەرىپ مەن خەت ،مەن چىرايلىق سىز سەت.
سىز ساراڭ مەن ئوڭ ،سىز قاپاق مەن توڭ.
سىز كاناي مەن مەش،مەن چۇخەي سىز كەش.
سىز قازان مەن ساپلىق،سىز ئاچچىق مەن تاتلىق .
مەن گىلەم سىزبورا مەن ئۈرۈك سىز غورا.
مەن دەپتەر سىز سومكا،مەن ھاراق سىز رومكا .
مەن پەمىدۇر سىزلازا،مەن قىسقۇچ سىزچازا.
مەن قورغان سىز پوتەي،مەن ھاكىم سىز دوتەي.
مەن خۇراز سىزتاجى،مەن سۇنۋۇكۇڭ سىزباجى.
مەن تىكەن سىز شوخا،مەن ئۆردەك سىز تۇخا..
مەن تاماق سز قاچا ،مەن شائىر سىزگاچا .
مەن كىتاپ سىزدەپتەر،مەن لاچىن سىز كەپتەر.
مەن يۇلتۇز سىز ئاي،سىزنامرات مەن باي .
مەن يامغۇر سىز كۈنلۈك،مەن قازان سىز تۈڭلۈك .


QQ دا پاراڭلىشىش
___قىزچاق، ئىككەيلەن توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ ئەمما ، ئىككىمىزنىڭ يېشى ماس كەلمەيدىغان تۇرسا ؟
___ ھېچقىسى يوق . مەن سىزنىڭ چوڭ بولۇشىڭىزنى ساقلاشقا رازى .
___ئەمما، مەن سىزنىڭ چوڭ بولۇشىڭىزنى ساقلاپ بولالمايمەن. مەن ئاللىقاچان 68ياشقا كىردىم .
___ نىم نېمە......؟ ئاناڭنى ، 68ياش تۇرۇپ تېخى ئۆزىگە << شوخ مەلىكە >> دەپ ئىسىم قويۇۋالغىنىنى .....
***********************************************************************************************
___قىزچاق ، ئىككىمزى توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ھا...ھا...ھا...سىز يەنە ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىسىز.
___ياق، مەن چاقچاق قىلمىدىم .....راستىنلا .....
___بولدىلا، چاقچاق قىلمىسىڭىزچۇ؟
___يەنە بىر قېتىم سىزدىن چۇڭقۇر ئۆتۇنەي. بىز راستىنلا توردا يۈرۈپ قالايلى .
___ئەمما مەن سىزنىڭ ئۆز سىڭلىڭىز ئاكا.
___ھە...ۋۇي شۇم . نىمە بار ساڭا توردا .
********************************************************************************************
____قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
____بولىدۇ. ناۋادا سىزنى كۆرگۇم كەلسە ، سىز كېلىپ ماڭا ھەمرا بولامسىز ؟
____ ئەلۋەتتە. مەيلى سىز شىمالدا بۇلۇڭ ياكى ئۈرۈمچىدە بۇلۇڭ ياكى قەشقەردە بۇلۇڭ ،سىزنىڭ مېنى كۆرگىڭىز كەلسىلا مەن يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارىمەن . ھە راس.....سىز ھازىر قەيەردە...؟
___ مەن ھازىر ئامېرىكىدا .
___ ........
**********************************************************************************************
___ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ بولىدۇ . سىزنىڭ تەقى- تۇرقىڭىز قانداقراق ؟ رەسىمىڭىز بارمۇ ؟
___ ئەلۋەتتە . توردا مۇھەببەتلەشكەندىكىن تەقى - تۇرقى ئانچە مۇھىم ئەمەستۇ ؟
___ ئەلۋەتتە مۇھىم . مەن سىزنىڭ توردا يۇرىۋاتقان 108 يىگىتنىڭ قانچىنچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسەم بولمايدۇ .
___ ھە....108 ؟؟؟؟ ۋۇ ئاناڭنى .......
**********************************************************************************************
___ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ سىز پارتىيە ئەزاسىمۇ ؟
___ ياق ، بۇ مۇھىممۇ ؟
___ ئۇنداقتا ، سىز ئىتتىپاق ئەزاسىمۇ ؟
___ھە ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. بۇنىڭ توردا مۇھەببەتلىشش بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ ؟
___ ئۇنداقتا سىز پىئونېرمۇ ؟
___ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا ئەمەستىم . بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز .؟
___ ناھايىتى ئەپسۇس ...سىز يا پارتىيە ئەزاسى ئەمەس. يا ئىتتىپاق ئەزاسى ئەمەس. ئەڭ ئاددىسى پىئونېرمۇ ئەمەس تۇرۇپ ماڭا قانداق ماس كېلىسىز... مەن سىنىپنىڭ گۇرۇپ باشلىقى ....
___ .......
***********************************************************************************************
___قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ ئىش بولمىسا مېنى ئاۋارە قىلماڭ .
___ مەن راست دەۋاتىمەن . بىز توردا يۇرۇپ قالايلى .
___ ئىش بولمىسا مېنى ئاۋارە قىلماڭ .
___ مەن راس گەپ قىلىۋاتىمەن .
___ ئىش بولمىسا مېنى ئاۋارە قىلماڭ .
___ خەپ !!!..... مەن مۇشۇنداق QQ سىنى ئاپتوماتىك جاۋاب قايتۇرۇدىغان قىلىپ قويىدىغانلارغا نەپرەتلىنىمەن .
*********************************************************************************************
__ قىزچاق . بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
__ ھە ، سىز مېنى قوغداش ئۇچۇن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشالامسىز ؟
__ ھە . مەن رازى .
__ ئۇنداقتا سىز مەن ئۇچۇن قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ قورساق باقىدىغانغا پۇل تېپىپ بىرەلەمسىز ؟
__ مەن كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم . بولدى . بىز يۇرمەيلى .
**********************************************************************************************
___ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ سىز ئۇرۇشۇشنى بىلەمسىز ؟
___ ھە . بەزىدە ئۇرۇشىمەن . ئۇرۇشالايمەن ......باشلانغۇچنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 1-يىللىقتىكى بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ ، دوختۇرخانىغا كىرگۇزۇپ قويغان . دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن ياتقان ئۇ .
___ۋاھ....سىز نېىدىگەن قالتىس .....؟ سىزچۇ ؟ سىز ھېچنىمە بولمىدىڭىزمۇ ؟
___ مەنما ؟ مەن تۆت كۇن ياتقان .
___ ۋاي ، كۆزۇمدىن يوقىلە ۋاي ....كارغا كەلمەس غىتمەك .
___ .................................
***********************************************************************************************
___ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ بولىدۇ . بىراق ئاۋۋال دادام قوشۇلىشى كېرەك .
___ ئاللا . ما ئىشنى . تېخى دادىڭىزدىن سورايدىغان ئىشما.....؟ قېنى دادىڭىز ؟
___ ئۇ ھازىر ماڭا ياردەملىشىپ QQ دا خەت بېسىشىپ بېرىۋاتىدۇ ، مەن تېخى تۆت يېرىم ياشقا كىردىم .
خەت بېسىشنى ئۇقمايمەن .
___ ھەي ئاكاش . نېمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟
___ تاغا ، ياخشىمۇسىز ........
***********************************************************************************************
___ قىزچاق بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ ئاھ ، تەڭرىم . مەن ئاخىرى مۇھەببەتلەشتىم .
___ سىز تېخى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ ؟
___ شۇنداق ، مەن تېخى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىدىم . كۆپچىلىك مېنى ھەممىسى دىنوزاۋېر دەيدۇ .ئەمما سىز بەكلا ياخشىكەنسىز . سىز ماڭا تۇنجى سۆيگۇ ئاتا قىلدىڭىز .
__ سىز راستىنلا دىنوزاۋېرما ؟
__ مەن ئۇنداق ھېس قىلمىدىمغۇ ؟ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تەقى - تۇرقىم خېلى جايىدا . ئەمما بىز 48 ئادەم ئىچىدە 47 ئادەم ماڭا دىنوزاۋېر دەپ بېلەت تاشلىدى .
__ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى . ھازىرلا.......
__ يا يا يا يا يا ياق.....مە مە مە مە مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .......
__ ماڭ ، بېرىپ ئوتتۇرا ئىرا دەۋرىگە بېرىپ ياشا .
********************************************************************************************
___ بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
___ جىنىسىڭىز ؟
___ سىز قىز بولغاندىكىن مەن ئەلۋەتتە ئوغۇل بولىمەندە ؟
___ يوقال !!!
___ ؟؟؟
___ مەن ئوغۇل بالا .
___ !!!!


يۇمۇردىنمۇ ھۇزۇرلاندىڭلار ، ئەمدى دىققىتڭلار تۆۋەندىكى تېمىدا بولسۇن ...

ھاراق قورغانلىرىغا ھۇجۇم
ئاپتورى:ئەنۋەرجان قادىر
(1)
دەھشەتلىك ئۇرۇش مەيدانىدا قەھرىمان جەڭچىلەر قىزىل بايراقىنى لەپىلدەتكىنىچە دۈشمەن پوتىيدىن كېلىۋاتقان يامغۇردەك ئوقلارغا پەرۋا قىلماي ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا كېتىۋاتقان جەڭچىگە تۇيۇقسىز ئوق تىگىپ يىقىلدى.يەنە بىر جەڭچى ئۇنىڭ قولىدىكى بايراقنى ئالدى-دە،بارلىق جەڭچىلەرنى بايراققا ئەگەشتۈرۈپ داۋاملىق ئالغا ئىلگرلىدى....كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇئۇرۇش،قانداقتۇر ھازىرقى زاماندىكى ماشىنا ئادەملەرنى، باشقۇرلىدىغان بومبىلارنى جەڭگە سېلىپ قۇيۇپ،ئۆيدىن چىقماي قىلىدىغان نامەردلەرچە ئۇرۇشقا ئوخشىمايتتى.ئۇ ئەقىل-ھوشى جايىدا ئوت يۈرەك ئىنسانلار ۋەتەننىڭ ئارادلىقى ئۈچۈن قىلۋاتقان ئۇرۇش ئىدى.شۇنداق بولغانىكەن،ئۆلۈپ كەتكەن سەبدىشنىڭ قولىدىكى بايراقنى ئېلىپ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاشۇ جەڭچىلەر،تۇيۇقسىز كەلگەن بىر پاي ئوق بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ سەبدىشىغا ئوخشاش باشقىلاردىن ئاۋال ئۆلۈپ كېتىشى مۇكىنلىكىنى بىلەتتى.بىراق ۋەتەن،خەلىقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەچكە،ئۇلارنىڭ نەزىردىكى ئۆلۈم بىر ۋاخلىق لەززەتلىك غىزادەكلا ئىدى......ئۇرۇش غەلبە قىلدى.قىپقىزىل بايراق پۈتكۈل ۋەتەن ئاسمىنىدا لەپىلدىدى.....
(2)
دەھشەتلىك بومباردىمان قىلنىۋاتقاندەك يۇقىرى ئاۋازدا، جاز مۇزىكا ياڭراۋاتقان رېستۇراندا بىر توپ خوتۇن چەينەككە قاچىلىۋالغان ئاق ۋە قىزىل ھاراقلارنى پىيالىلەرگە قۇيۇپ ئوغىرلىقچە ئىچمەكتە......
بىر توپ ئەر ئەسكى شوپاڭدىكى قاسماق ساپالارغا چۆكۈپ،چاچلىرنى تۆگە يۇڭى رېىڭىدە بۇيىۋالغان كۈركە تومۇچۇقلار بىلەن ئولتۇرۇشۇپ ھاراق ئىچمەكتە......
ئون سەككىز-يىگىرمە ياشلاردىكى بىر توپ قىز-ئوغۇل كىشنى ئىلغا قلغىلى بولمايدىغان غۇۋا تانسىخانا،دېسكوخانىلاردا پىۋا،قىزىل ھاراقلارنى بۇلۇشىغا ئىچىشكەچ،ئەخلەت-چاۋارلار شامالدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچقاندەك،بورانداقالغان تەتۈر سۆگەتتەك ئۇياق-بۇياققا ئىرغاڭلىماقتا....
ئەتىسى ھېلىقى <<چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ>>مەسىت قوپقان خوتۇنلارنىڭ بەزىسى تۇل،بەزىسنىڭ يۈز-كۆزلىرى كۆك،بالىلار يېتىم...تۇمۇچۇقلار،قۇشقاچلار،چېكەتكىلەر قۇيۇپ بېرىۋاتقان ھاراقلارنى ھەشقاللا بىلەن ئېلىپ ئىچىۋاتقان ئەرلەنىڭ بەزىسى مەسىت پېتىچە ئۆلگەن،بەزىسى يېنىدىكى پۇل-مېلىدىن ئايرىلغان ھالدا ئېرىق-ئۆستەڭلەردىن قوپقان...ھېلىقى بىر توپ قىز-ئوغۇللار مەسلكتە <<مۇھەببەت>> تالىشىپ بىر-بىرىنىڭ باش ۋە قورساقلىرىنىڭ قاتتىق سانچىلغان بوتۇلكا سۇنۇقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى سىناۋاتقان.بەزىسى ياردار،بەزىسى ئۆلۈك...بىراق بۇ ئىنسانلار قۇربان بېرىشلەردىن قورقماي،يەنىلا مەردانىلك بىلەن ھاراق ئىچمەكتە.
ھاراق!ھاراق!ھاراق!!!
(3)
چىرايلىق بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان ھاراق(ياۋروپانىڭ ،جۇڭگونىڭ،شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك غاز بويۇن،بودەك بوتۇلكىلىق ھاراقلىرى....)گويا يىمىرىلمەس ئىستىھكامدەك يۈكسەكلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.بىر توپ ئەر-ئايال،قېرى -ياش،چوڭ -كىچىك بەندىلەر قوللىرىدا پىيالە،رومكا،ئىستاكانلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشكىنىچە،<<ئىستىھكام>>غا قاراپ ئىلگرلىمەكتە!ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلاردىن بىر مۇنچىسى تۇيۇقسىز ئۆلدى.كەينىدىكى سەپداشلار مەرھۇمنىڭ قولىدىكى ھاراق قاچىلىغىلى بولىدىغان ئەسۋابلارنى سۇندۇرۇۋەتمەي دەرھال قوللىرىغا ئالدى-دە،داۋاملىق ئىلگرلىدى...
ئاخر ئىنقىلاپ غەلبە قىلدى!ئىستھكام تۈۋىدە سانسىز تاۋۇتلار لەرزان ئۈزۈشكە باشلىدى.......
ئەپسۇس!ۋاقىت ئۆتكەنسىرى،ئۇلارنى دەپىنە قىلدىغان،ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدىغان ئادەم قالمايۋاتاتتى......

 
 

ئاخىردا باس باستىكى  بارلىق خانىم -قىزلارنىڭ بايرىمىنى چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن !
[ مەزكۇر پۈتۈك yanhin تەرىپىدىن 2009-03-10 04:21 دە تەھرېرلەندى. ]

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر ،
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر .
تېز پۈكۈپ ياشىما ،يالۋۇرما ھەرگىز ،
دىيارىڭ شىنجاڭ ،مىللىتىڭ ئۇيغۇر .

Posted: 2009-03-08 13:52 | [پۈتۈكچى]


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ،،،
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:236(سائەت)

 

رەھمەت ، يانغىن  ئەپەندىم 

   no matter  what inside or out , allah knows ...

Posted: 2009-03-08 14:24 | 1 -قەۋەت


مۇھەببەت راسلا مەۋجۈتمۇ؟
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 49
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 49 نوقتا
پۇل : 490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:85(سائەت)

 

بەك قىززىقارلىق بوپتۇ ،لىكىن مىنى يېڭى دەپ يەكلەپسىزدە؟؟؟

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىمانىمىزنى كامىل قىلغاي.......

Posted: 2009-03-08 14:56 | 2 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 332
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 332 نوقتا
پۇل : 3320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:58(سائەت)

 

ھا  ھا  ھا  ھا    نىمە دىگەن قىزقارلىق ھە!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەنقا

Posted: 2009-03-08 15:04 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 794
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 796 نوقتا
پۇل : 7960 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:857(سائەت)

 

              ئالامەت چاقچاق بوپتۇ بۇ.          



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-03-08 16:20 | 4 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2811
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2837 نوقتا
پۇل : 28370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

يانغىن قادىخانغا :
-- تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى ، كاتىۋىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ، -- دەپتۇ .
-- نىمانداق ياخشى - ھە ، مېنىڭمۇ شۇنداق كاتىۋىم بولسىچۇ ، -- دەپتۇ يانغىنغا مەسلىكى كېلىپ كەتكەن قادىخان .
-- ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن ، ئۇ ماڭا 5 مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيىگە كىرىشىمنى ، كۈتۈلمىگەن سوۋغا بارلىقىنى ئېيتتى ، -- دەپتۇ يانغىن .
-- ۋاھ ، نېمىدىگەن ياخشى ، ھەقىقەتەن بەختلىككەنسەن ، -- دەپتۇ قادىخان تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ .
-- مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ، -- دەپتۇ يانغىن -- 5 مىنۇتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرسەم ، كاتىۋىم بىلەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىرلىكتە شام ياندۇرۇپ تۇرۇپتۇ .

-- راستما ؟ ھەقىقەتەن بەختلىككەنسەن ، خىزمەتداشلىرىڭ ھەممىسى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن - ھە ! تازا خوشال بولغانسەن ؟ -- دەپتۇ قادىخان ھەۋەسلىنىپ .
-- بىراق ، ئۇ چاغدا مەن ياتاققا يالىڭاچ كىرىپتىكەنمەن .
-- نېمە يالىڭاچ !!! ......

Posted: 2009-03-08 19:20 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 794
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 796 نوقتا
پۇل : 7960 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:857(سائەت)

 

باغرىم مۇ  يۇمۇرغا خىلى ئۇستا ئىكەن جۇمۇ . ئالامەت يۇمۇردىن بىرنى كەلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ مانا.        



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-03-09 01:20 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1037
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1037 نوقتا
پۇل : 10370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:431(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باغرىم نىڭ 2009-03-08 19:20 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
يانغىن قادىخانغا :
-- تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى ، كاتىۋىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ، -- دەپتۇ .
-- نىمانداق ياخشى - ھە ، مېنىڭمۇ شۇنداق كاتىۋىم بولسىچۇ ، -- دەپتۇ يانغىنغا مەسلىكى كېلىپ كەتكەن قادىخان .
-- ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن ، ئۇ ماڭا 5 مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيىگە كىرىشىمنى ، كۈتۈلمىگەن سوۋغا بارلىقىنى ئېيتتى ، -- دەپتۇ يانغىن .
-- ۋاھ ، نېمىدىگەن ياخشى ، ھەقىقەتەن بەختلىككەنسەن ، -- دەپتۇ قادىخان تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ .
.......

    كەپتۇ ھە؟!...

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-03-09 02:39 | 7 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2809
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2835 نوقتا
پۇل : 28350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3038(سائەت)

 5 - قەۋەتتىكى پۈتۈكچى (باغرىم) گە ئىنكاس

يۇمۇر بولا مۇشۇنداق بولا 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-09 10:17 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 149
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 149 نوقتا
پۇل : 1490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:18(سائەت)

 

   
Posted: 2009-03-09 17:49 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 222
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 222 نوقتا
پۇل : 2220 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1678(سائەت)

 

ئەسسالام يانغىن ئاكا!ئىسىل تىمىلىرىڭىزنى باس- باستا كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم جۇمۇ.
ھەي بالىلار،ئاۋۇ ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىن چىقىۋاتقان ناخشىنى ئاڭلىيالمىدىميا؟
Posted: 2009-03-09 18:35 | 10 -قەۋەت


نىمە دىسەم بولار~
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 73
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 73 نوقتا
پۇل : 730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:636(سائەت)

 

   

ئۆتكەن ئىش - كۆرگەن چۈش.
ئايالنىڭ ئىپپىتى ___  ئەرنىڭ زىننىتى.

Posted: 2009-03-11 12:50 | 11 -قەۋەت


ئانا تۇپراق ئۈچۈن جنىم پىدا!!!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 51
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 51 نوقتا
پۇل : 510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:33(سائەت)

 

يانغىن ئاكا ،،ئەمدى يازغۇچىلىقنى تاشلاپ ،،مۇنبەر ھىسامى بولاي دەمسىز نىمە ؟؟؟؟  ئۇنداق قىلماي ئەسەرنىڭ
ئاخرنى چىقىرۋەتىپ،، ئاندىن مۇنبەردىن ئوت چىقىرۋەتسىڭىزمۇ كارىم يوق ،،، ئەسىرنىڭ ئاخىرسنى دەپ ئالدىراشلىغىمغا  قارىماي كۈندە تۇرغا چىقۋاتىمەن ...

بۇ تۇپراق مېنى ئۈز قۇينىدا ئۈستۈردى،بۇ ماكاننى قۇغداش مىنىڭ مۇقەدەس بۇرچۇم!!!

Posted: 2009-03-12 21:22 | 12 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يۇمۇر، تېپىشماق ۋە ئويۇنلار

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation