ئاساسىي تېما : «8 -مـــارت» ئــــايــــالـــلار بـــايــــرىـــــــــمىئاۋاتلىقى:290ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2806
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2832 نوقتا
پۇل : 28320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3017(سائەت)

 «8 -مـــارت» ئــــايــــالـــلار بـــايــــرىـــــــــمى

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-08)

«8 -مارت»ئاياللار بايرىمى خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى بولۇپ، دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك،تىنچلىق ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى. بىر ئەسىردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەر خانىم-قىزلىرى بۇ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن جەۋىر-جاپا ۋە تىرىشچانلىقلارنى سىڭدۈردى.
    1857 -يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى ئايال ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 12 سائەتلىك خىزمەت تۈزىمىگە ۋە ناچار خىزمەت شارائىتى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ،لېكىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان.
    1908-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 1500دىن ئارتۇق ئايال ئىشچىلار نيۇيورك شەھىرىدە نامايىش قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش، مائاشىنى ئۆستۈرۈش، بالا ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىنى قاتتىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شوئارى بولسا «بولكا ۋە ئەتىرگۈل» بولۇپ، بولكا ئىقتىسادىي كاپالەتكە، ئەتىرگۈل تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شۇ يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا جەمىيەت پارتىيىسى 2-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىنى «دۆلەت ئىچى ئاياللار بايرىمى» قىلىپ بەلگىلىگەن.
      1910 -يىلى گىرمانىيىلىك جەمئىيەتشۇناس CLARA ZETKIN ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىچى بايرىمىنى «خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى» قىلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ كوپىنھاگىندا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئاياللار جەمئىيەتشۇناسلىقى يىغىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن ئېنىق كۈنى بېكىتىلمەيدۇ. 1917-يىلى روسىيە ئاياللىرىمۇ نامايىش قىلىپ «بولكا ۋە تىنچلىق» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا تۆۋەن مائاش ۋە ناچار خىزمەت شارائىت ئۈستىدىن قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. كېيىن ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار ئازاتلىق، تىنچلىق، باراۋەرلىك بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.
    1924 -يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تۇنجى قېتىملىق ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن خاتىرە يىغىنىنى ئاچقان.
      1949 -يىلى دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى قارار قىلىپ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە مەملىكىتىمىزدىكى ئاياللار يېرىم كۈن ئېلىشقا، ھەرخىل خاتىرە پائالىيەتلىرى قىلىشقا قارار قىلىنغان.
    1977 -يىلى 12-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە تىنچلىق كۈنىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قىلپ بېكىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىنى بېكىتكەن.
يۇقۇرقىلاردىن سىرىت،بۇ يىلقى مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى سىياسىي كېڭەشنىڭ 10-نۆۋەتلىك 5-يىغىنىدا ‹8-مارت›ئاياللار بايرىمنىڭ نامىنى ‹8-مارت› خانىم قىزلار بايرىمى قىلىپ ئوزگەرتىشكە سۇنۇلغان.بەلكىم 2008-يىلىدىن باشلاپ ئەمىللىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
    شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ئۇيغۇر-قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ھەقىقى بايرىمى.مەن چىن قەلبىمدىن كەڭ دوستلارنىڭ بايرىمنى تەبرىكلەيمەن!!!  بۇگۇن ئانىغىمۇ،قىزغىمۇ،كېلىنگىمۇ بايرام.تۇنجى بولۇپ مېھرىۋان ئانىمىزغا گۈل ئېلىپ سوۋغا قىلىشنى ئۇنۇتمايلى!دوستلارغىمۇ كۆڭۈل سوۋغىمىزنى سۇنايلى! يىتىم -يىسىر،يالغۇز ئانىلارغىمۇ چىن قەلبىمىزدىن بايرام تەنتەنىسىنى .كۆڭۈل شادلىغىنى سۇنايلى!  كۆڭۈللەر شاتلانسۇن ، قەلبىمىز نۇرلانسۇن!!!

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-07 16:53 | [پۈتۈكچى]


مۇھەببەت راسلا مەۋجۈتمۇ؟
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 36
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:78(سائەت)

 

رەھمەت سىزگە مىنىڭمۇ بۇ بايرامنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تولىمۇ بىلگۈم بار ئىدى،خەۋەر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىمانىمىزنى كامىل قىلغاي.......

Posted: 2009-03-07 17:31 | 1 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 408 نوقتا
پۇل : 4080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

 باس باس مۇنبىرىدىكى بارىلىق خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل.
 

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-03-08 18:08 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 174
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 176 نوقتا
پۇل : 1760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:64(سائەت)

 

مىسكىن قىزنى قارشى ئالىمىز ھەم بارلىق مۇنبەردىكى بارلىق خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

ئوبروز ئەپەندىم، بۇ ئازادلىق بۇرۇنقى ژورنال ئوخشىمامدۇ؟
Posted: 2009-03-08 19:58 | 3 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 408 نوقتا
پۇل : 4080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

...................................
[ مەزكۇر پۈتۈك ئوبزور تەرىپىدىن 2009-03-12 19:44 دە تەھرېرلەندى. ]

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-03-12 19:39 | 4 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 408 نوقتا
پۇل : 4080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 



خانىم قىزلار ئاۋازى ژۇرنىلى 60 يىل  بۇرۇن يەنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە
مەخسۇس خانىم-قىزلار بايرىمىغا بېغىشلانغان ژۇرنال.

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-03-12 19:43 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ئۆرپ -ئادەتلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation