(ساتىرا) ئۆمەر ھىمىت
يەتمەي تۇرۇپ قىرىققا يېشىڭ، بۇلۇپ قاپسەن نەچچە نىكاھلىق. تۆۋە دەيمەن تېگەمدىغاندۇ ، قىز-چوكانلار ساڭا بىكالىق. ئۈچ مۆچەلدىن ھالقىدى يېشىڭ، سويما ئەمەس،تورلاشتى بېشىڭ.
تۇختىمايدۇ ئۆيىڭدە بىراق، بارمىقىڭدا توختايدىغان قىز. سەۋەپلىرىڭ چىقماس چويلىغا، بىرى ئورۇق،بىرى بەك سېمىز. بىرى تۇغماس،بىرى تۇغۇمچان، بىرى پاكار،بىرى بەك ئىگىز.
غىلتاڭ يەردە سوپۇن تۇرمايدۇ، تۇتامسىزدا خۇتۇن تۇرمايدۇ. ئەھلى نامەرت ئۆيدە زۇراۋان، ئەركەك دىگەن خۇتۇن ئۇرمايدۇ. خەق توققۇز ئاي قۇرساق كۆتۈرۈپ، سىنىڭ ئۈچۈن "خۇتۇن"تۇغمايدۇ.
ھايا بىلەن چىقسۇن زۇۋانىڭ، "قىز ئالارمىش يىگىت قېرىسى". نىكايىڭدا سوققان ناغرىنىڭ، دۈمى قېلىن ھايۋان تېرىسى. قۇرسا بەزمە خۇتۇنپۇرۇچلار، ساڭا تېگەر ئۆينىڭ تۆرىسى.
چىللاپ كېلەر قېلىن باغىقىڭ، ئىشىك قېقىپ تۇيۇڭغا مېھمان. نىكاھىڭنى مازارلىقتا قىل، ئەمدى بىزگە سالما داستىخان. بىر كۈن چۈشسەڭ ھاسا تاياققا، قىسمەت سەندىن ئالۇر ئىمتىھان.
سەبىلەرنى قىلمىغىن يىتىم، قاپاق پۇلدۇر،سۆلەت بارىڭى. قۇلاق سالغىن ئاۋام سۆزىگە، تۆت كۇچىدا كىمنىڭ پارىڭى. شەيتان ھەۋەس تىزگىنىنى تارت، قايت يۇلۇڭدىن خۇتۇن سارىڭى.
ئاپتورى:پىچان ناىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە
|