ئاساسىي تېما : كىچىك ۋاقتىمدىكى قىزىقارلىق خىياللىرىمئاۋاتلىقى:303ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2138
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2192 نوقتا
پۇل : 21920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1621(سائەت)

 كىچىك ۋاقتىمدىكى قىزىقارلىق خىياللىرىم


    ياز ۋاقىتلىرى، ئۆيدە تۇيۇقسىز توك توختاپ كەتسە، چوڭلار «يەنە بىرسى توك ئوغۇرلاپتىدۇ -دە!» دەيتتى، ئۇ چاغلاردا ھەممە ئادەم لامپۇچكا ئىشلىتەتتى. مەن خىيال قىلاتتىم: توكنى قانداق ئوغۇرلايدىغاندۇ؟ لېكىن چوڭلار ئەزەلدىن دېمەيتتى. كېيىنچە ئۆزەم يەكۈن چىقىرۋالدىم، يەنى ئۇلار چوقۇم چىلەك ياكى داسنى كۆتۈرۈپ بېرىپ سىتولبىنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ توكتىن ئازراق تۆكۈۋېلىپ، لابپۇچقىغا قۇيۇپ ئىشلىتىدۇ.
    مەن كىچىك ۋاقتىمدا نوپۇسنى ئۆمۈميۈزلۈك تەكشۈرۈش دېگەن مەلىمىزنىڭ دوقمۇشىدا تۇرۇپ ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى بىر - بىرلەپ ساناش دەپ ئويلايتىم.
    كىچىك ۋاقتىمدا دەرەخ لىڭشىمىسا شامال چىقمايدۇ، دەپ ئويلايتىم، شۇڭا بارلىق دەرەخلەرنى كېسىۋىتىشنى خىيال قىلاتتىم. لېكىن يازنى ئويلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياناتتىم.
    ئۆيۈم يېزىدا بولغاچقا، قىشتا مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق، دەسلەپتە ئوت ياققاندا ئۆينىڭ ئىسسىشى ئاستا بولۇپ بەكمۇ توڭلايتىم، بەزىدە دادام سىرتتىن ئۆيگە كىرىپلا «ھەجەپ سوغاق بولدى، كوچىلارنى قۇلاق قاپلاپ كېتىپتۇ» دەيتتى. چۈنكى بۇنداق سوغاقتا ئادەملەرنىڭ قۇلىقى توڭلاپ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن - دە...... شۇنىڭ بىلەن كىيىمىمنى كىيىپ سىرتقا يۈگۈرەيتىم، لېكىن كوچىلاردا بىرەر تالمۇ قۇلاق كۆرۈنمەيتى. بۇ چاغلاردا مەن ئۆزەمنىڭ كېچىكىپ سىرتقا چىققانلىقىمدىن مەيۈسلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كېتەتتىم.
    كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداق بىر خىيالىم بولىدىغان، مۇشۇ تېلىۋوزوردا قويۇۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئارتىسلار نەق مەيدانغا كىلىپ ئورۇنلايدۇ دەپ قارايدىغان. چۈنكى يېزىمىزدا قويغان سەنئەت كېچىلىكى بولسۇن ياكى تىياتىرلار، دىراممىلار بولسۇن، ھەممىسىدە ئارتىسلار نەق مەيداندا ئورۇنلايتى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ تىياتىرلارنى باشقا قاناللاردا قويغاندا ئارتىسلار قانداق يەرلىرىنى ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئورۇندىيالمىغاندۇ دەپ بەكلا دىققەت قىلاتتىم، لېكىن پەرقىنى تاپالماي ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىگە قول قوياتتىم.
    كىچىك ۋاقتىمدا كىنولارغا چىققان ئارتىسلار، بولۇپمۇ باش قەھرىمان ئۆلۈپ كەتسە، ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ كېتەتتىم، لېكىن ئۇزاققا قالماي ئۇ باش قەھرىماننى باشقا كىنودا كۆرگۈنۈمدە، بۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئىشلىگەن كىنوسى دەپ ئويلايتىم.
    كىچىك ۋاقتىمدا، چوڭلارنىڭ گېپى بويۇچە قىزلارنى سۆيۈپ قويسا بالىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايتىم، شۇڭا مەنمۇ بالىلىق بولغۇم كىلىپ مەلىمىزدىكى قىزلارنى تۇتىۋېلىپ ھەممىنى نەچچە قېتىملاپ سۆيۈپ چىققان بولساممۇ، زادىلا بالىلىق بولالمىدىم، كېيىنچە يەنە چوڭلارنىڭ دېگەنى بويۇچە ئۆزەمنى «تۇغماس» ئىكەنمەن دەپ ئويلاپ كەلدىم..........................

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-03-05 14:44 | [پۈتۈكچى]


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ،،،
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:236(سائەت)

 

دەھشەت يۇمۇركەنسىزغۇ ، بەگزادە ،،،،
ئاشۇ  ۋاقىتلار ئەجەپ تاتلىق ۋاقىتلار دىسە ،،،، 

   no matter  what inside or out , allah knows ...

Posted: 2009-03-05 15:04 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 223
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 223 نوقتا
پۇل : 2230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:95(سائەت)

 

ۋاي توۋا بۇ بەگزادە قانداق بالىدۇ؟ ئو يوللىغان تېىمىلارنىڭ كۇپىنچىسى مۇشۇنداق قىزىقارلىق،ھەم شۇشەن  ئۇزىمۇ شۇنداق قىزىقارلىقمىدۇ ھەم شۇنداق شۇشەنمىدۇ؟ بۇ بەگزادىنى بۇ ئۇمرىمىزدە بىرەر قىتىم بولسىمۇ كۆرۇشكە نىسىپ بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە <كىچىك ۋاقتىمدا>

ئۇنتۇپ كەت!!!

Posted: 2009-03-05 16:46 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 794
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 796 نوقتا
پۇل : 7960 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:857(سائەت)

 

كىچىك ۋاقلىرىمدا مەندىمۇ مۇشۇندا خىياللار بولىدىغان.



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-03-05 21:19 | 3 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 989
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 991 نوقتا
پۇل : 9910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1583(سائەت)

 

  تۇغماس........كىچىگڭدىلا كەپىسىز چۇڭ بۇلۇپتىكەن سەندە مىنىڭ ئۇماق بەگزادەم...

مەندىمۇ مۇشۇنۇڭغا ئۇخشاش خىياللار بۇلغان ....كەپسىز چاغلىرىم...
                      ئەشۇ چاغلار ھەچىنىمىدىن بىغەم يۇردىغان چاغلار ئىكەنتۇق.......

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-05 21:28 | 4 -قەۋەت


خۇدايىم  توۋا !توۋا !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 984
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 984 نوقتا
پۇل : 9840 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1714(سائەت)

 

يەنىلا  بەك ئۇماق جۇمۇ سىز  بەگزادەم.............

ئادەم ھاياتلا بولسا ......!

Posted: 2009-03-06 01:23 | 5 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2138
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2192 نوقتا
پۇل : 21920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1621(سائەت)

 

كۆپ رەھمەت ھەدەشلەر، ئاكاشلار! كىچىكلىكتە قىلغان خىياللار تولىمۇ پاكىزدۇر! مەن چوڭ بولمىسام دەيمەن، لېكىن چوڭ بولماي ئامال يوقكەن~~~

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-03-06 01:33 | 6 -قەۋەت


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ،،،
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:236(سائەت)

 

ئاۋۇ ھەدەشلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن مىنى چىقىرىۋىتىڭ ،،،، 

   no matter  what inside or out , allah knows ...

Posted: 2009-03-06 02:00 | 7 -قەۋەت


خۇدايىم  توۋا !توۋا !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 984
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 984 نوقتا
پۇل : 9840 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1714(سائەت)

 

ھەدەش؟؟؟  

ئادەم ھاياتلا بولسا ......!

Posted: 2009-03-06 02:13 | 8 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2138
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2192 نوقتا
پۇل : 21920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1621(سائەت)

 

شۇنداق ساددا خىياللارنى قىلىۋاتسام، ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كېتىپتىغۇ...........

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-03-07 00:55 | 9 -قەۋەت


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ،،،
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:236(سائەت)

 

ھازىر بىزمۇ سىز بىلەن ئوخشاش شۇ ساددا خىياللارنى قىلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ ،،،، 

   no matter  what inside or out , allah knows ...

Posted: 2009-03-07 01:05 | 10 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation