ئاساسىي تېما : دېھقان ۋە ئىتئاۋاتلىقى:212ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 685
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 689 نوقتا
پۇل : 6890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:174(سائەت)

 دېھقان ۋە ئىت

    بىتەلەي دېھقان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق قارغا دۇچ كەپتۇ،قار ئىككى ھەپتە يېغىپتۇ،ھېچ توختاي دېمەپتۇ.بۇنداق جۇدۇنلۇق
كۈنلەردە سىرتقا چىققىلى بولمىغاچقا دېھقاننىڭ ئۆيىدىكىلەر ئوچاقنى چۆرىدەپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ.بىراق ئائىلىدىكى ئاشلىق،
قىشلىق كۆكتاتلارمۇ تۈگەي دەپ قاپتۇ.دېھقان ئامالسىز قويىنى ئۆلتۈرۈپ يەپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ.
    بىراق ھاۋا ئېچىلاي دېمەپتۇ.دېھقان بالىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئىڭراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىدىماي ئۆچكىسىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر
بوپتۇ. يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ،قار يەنىلا توختىماپتۇ،دېھقان ئامالسىز:
    __بۇ جۇدۇنلۇق كۈنلەر قاچانغىچە داۋاملىشار ؟ ئاھ خۇدا! ئەتە ئۆچكىنىڭ گۆشىنى يەپ بولساق ، مەن كالامنى كالامنى ئۆلتۈرۈپ
يەرمەنمۇ ئەمدى،__دەپ نالە قىپتۇ.
    __بىز دەرھال قاچايلى،ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتكەندىن كۆرە،سىرتتا توڭلاپ ئۆلگەن ياخشى،__دەپتۇ دېھقاننىڭ ئۆيىدىكى 
ئەھۋاللارنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان ئىت يەنە بىر ئىتقا مەسلەھەت سېلىپ.
    __نېمىشقا؟ سىرت بەك سوغۇق،قار قاچان توختايدۇ؟بۇنى خۇدا بىلىدۇ.ئۆينىڭ ئىچى نېمىدېگەن راھەت ۋە ئىللىق،__دەپتۇ يەنە
بىر ئىت ئەجەبلىنىپ.
    __بىز كېتىشىمىز كېرەك.قارا،ئىگەم يەر ئاغدۇرىدىغان كالىسىنى يەپ بولسا،نۆۋەت بىز ئىككەيلەنگە كېلىدۇ.

*********************
    باشقىلارغا كەلگەن كۈلپەت دائىم بىزگە بېشارەت.
    ئىنچىكە كۆزەتسە،ئەقىللىق ئادەملەر باشقىلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ئۆزىگە كېلىدىغان خەتەرنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ ھەم ساقلىنالايدۇ.

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-05 13:29 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باش مەسئۇل


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 26
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 26 نوقتا
پۇل : 260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1239(سائەت)

 

نەتىجە قازانغۇچىلار شۇڭا دائىم باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىن ماڭغۇچىلاردۇر.

بەندە سۆزلەيدۇ،
تەقدىر كۈلىدۇ.

Posted: 2009-03-05 15:53 | 1 -قەۋەت


خۇدايىم  توۋا !توۋا !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 984
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 984 نوقتا
پۇل : 9840 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1714(سائەت)

 

بۇ توغرىمۇ ؟

ئادەم ھاياتلا بولسا ......!

Posted: 2009-03-06 01:59 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation