ئاساسىي تېما : ئاياللارنى قەدىرلەشئاۋاتلىقى:351ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



تەپەككۈردە ھاللىق سەۋىيىگە يىتەيلى!
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 4
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 8 نوقتا
پۇل : 80 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 ئاياللارنى قەدىرلەش

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-05)
ئاياللارنى قەدىرلەش
 
ئوغۇزخان
 
مەن بۇ يەردە مەزكور تېمىنى مەخسوس بىر مەزمون قىلىپ قويۇشۇمدا ئالاھىدە سەۋەپمۇ يوق. ئەمما پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ئوبىكتىپ شارائىت ۋە رىئاللىق مېنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختۇلۇشۇمنى سەمىمگە سېلىپ ئۆتتى. ئەمما ئالدىرىماڭ، مەن بۇيەردە قانداقتۇر دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە سىياسىۋى نوتۇق ياكى ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنى، كىشلىك ئەركىنلىكى قاتارلىق چوڭ مەسلىلەر ئۈستىدە تەكىتلىگىم يوق، ئۇ دۇنيا ئاياللار ھوقوق ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ گەپلەر بولۇپ، كەمىينە سەۋىيە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مەن بۇيەردە ئەڭ ئاددىي بولغان، بىز دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان كىچىك ئىشلارنى بايان قىلىپ، پىكرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.  مېنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلۋاتقان مەسىلەم ھەرگىزمۇ نۇقۇل قىزلار مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئائىلە قۇرغان ئاياللارنى ئاساسلىق كۆزدە تۇتىدۇ. چۈنكى توي قىلمىغان قىزلارنىڭ قانونلۇق ھامىيسى ئاتا- ئانىسى بولۇپ، قانداقتۇر بىر دوستى ھەرگىز قانونلۇق باشپاناھى ئەمەس. شۇڭا مەن كەڭ ئەرلىك ئاياللارنى كۆزدە تۇتۇپ پىكىر قىلىشنى لايىق تاپتىم. ئاياللارنىڭ بىردىنبىر قانونلۇق مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئەرلەر ئۆز تۇرمۇشىدا ئۆز ئايالىغا مەسئولىيىتىنى قانچىلىك ئادا قىلدى، جەمىيەتتىكى ئاياللار مەسلىلىرى ھەل بولۋاتامدۇ – يوق؟ ئەرلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايللارنىڭ مەنپەئەتى توسالغۇغا ئۇچرىدىمۇ – يوق دىگەن مەسلىلەرنى جەمىيەتنىڭ ئەڭ كەڭ ھوقوقدارلىرى بولغان ئەرلەر ئويلىنىپ كۆرۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئول بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلە تارىختا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قىزىق نۇقتا بولۋاتقان دۇنيا مەسلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كىلۋاتماقتا، شۇڭا ئەرلەر دۇنيا تەقدىرىنى تۇتقۇچىلار بولۇش مۇتلەق ئورنىدا تۇرغاندا بۇنداق مەسلىلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسى، مەسئولىيەت نۇقتىسى، ئائىلىدىكى ئاددى ئەرلىك – ئاتىلىق ئورنى نۇقتىسىدىن ئۇنۋېرسال ئويلاپ يىتىپ ئاياللارنى ھەقىقى مەنادىن قەدىرلەش كېرەك.  ئەينى يىلدىكى ئاياللار ئازاتلىق ھەركىتى گەرچە ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى ئەڭ يوقۇرى چەك دائىرىسىدا ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ يىراقتا دەپ ئويلايمەن. پۈتكۈل دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئاياللارنىڭ يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندىكى شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ئورنى، ئائىلىدىكى ۋەزىپىسى، جەمىيەتتىكى ئىمتىيازى ئەرلەر بىلەن تەڭ ئەمەس. بۇ خىل مەسىلە تەرەققىي قىلغان ئەللەردە گەرچە بەلگىلىك ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن تەرەققىي قىلۋاتقان ۋە كەينىدە قىلۋاتقان مەملىكەتلەر، شۇنداقلا ئىپتىدائى تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان قەبىلىلەردە بۇ مەسلىلەر تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك. ئاياللاردىن چىققان سىياسىي سەھنىدىكى باشلامچى – داھىيلارى، ئەمەلىي ھوقوقدارلارنىڭ كەمچىللىكى، كارخانىچىلار، جەمىيەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئازلىقى قاتارلىق رىئال مەسىلىلەر ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ يەنىلا كىچىكلىكىنى، دۇنيا ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ھالىتىدە ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. بۇ يەردە دىيىلگەنلىرى تېخى نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، ھىچ بولمىغاندا ئازدۇر – كۆپتۇر ئادەم سىياقىدا ياشاپ كىتۋاتقان ئاياللارنىڭ مەسلىلىرى. جاھانغا توغۇلۇپلا قوقاسنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن، خورلۇق، ئازاپ، جىسمانىي كەمسىتىلىش ۋە جازا ئىچىدە ياشاپ كىلۋاتقان ئىپتىدائى قەبىلىلەردە تېخى بۇنداق ئۇقۇملار بىخ ھالەتكىمۇ كەلمىگەن. ئاچارچىلىق، تاياق – دەشنەم، جىسمانىي جازا، ئېغىر ئەمگەك، تەسۋىرلىگۈسىز قىيىن تۇغۇت، تۈرلۈك نامالۇم ئاياللار كىسىلى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۇنيادىن تېزلا كىتۋاتقان ئاياللار تېخى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئىپتىدائى جەمىيەت ھالىتىدىكىدىن كۆپ ياخشىلانغىنى يوق. دىمەك، مەدەنىيەتلىك ئەللەردە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئاياللارنى يەنىلا ناھايىتى تەلەيلىك دىيىشكە بولىدۇ. ھىچ بولمىغاندا ئۇلار جىسمانىي جازاغا ئۇچرىمايدۇ. ياخشى داۋالىنىش مۇھىتىغا ئېرىشەلەيدۇ.

قەدىرلىك دوستلار، بۇلار ئەلۋەتتە بىز ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. بۇنىڭغا بىزنىڭ قۇربىمىزمۇ يەتمەيدۇ. ئىنسانىيەت ئىپتىدائىلىقتىن ئاجراپ، مەدەنىيەتلىك ئەل دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ قانون – تۈزۈمنى ئۆزلىكسىز كۈچەيتىپ، جەمىيەتتىكى تۈرلۈك زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ قانون – تۈزۈملەرنى يەنە شۇ ئادالەتنى ياقىلغۇچىلار قىلدى. ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىمۇ پەيدىنپەي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا پەرقنى ناھايىتى زور دىيىشكە بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ، ئەقىل – پاراسىتىنى گەرچە ئەرلەردىن قىلىشمايدۇ دىسەكمۇ، ئەمما جىسمانىي كۈچى ئەرلەرگە يەتمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللار ئانا بولۇشتەك غايەت زور ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئاياللار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مىھرىبانلىقنىڭ سىموۋۇلى. ئەمما ئۇلار بۇ بۇرۇچلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن بىر ئەرنىڭ ھامىيلىقىغا بەيئەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى بىر ھەقىقى ئايال ئالدى بىلەن بالا توغۇشى، ئەۋلات قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ ئايال دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ بالىسىغا كۈيۈنۈش، مىھرىبانلىقنى ئۈگۈتۈشى، بۇ ئادەتلەرنىڭ ئىنسانلار جىسمىدىن يىراقلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ خىزمەتتىن قايتىپ كىلىپ يەنە ۋاقت چىقىرىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشى، تاماق ئېتىشى كېرەك. دىمەك، ئايال بولۇش قىيىن، ئۇنىڭ بۇرۇچى تېخىمۇ مۈشكۈل. شۇڭا مەن ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى تېخىمۇ قەدىرلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. بۇ يەردىكى قەدىرلەش تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاجرىتىش، تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئازار بەرمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاياللار گەرچە ئەقىل – پاراسەت، بىلىش – قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەرلەر بىلەن بەسلىشەلىسىمۇ، ئەمما ھىسىيات ھۇجۇمى ۋە قىسمانىي كۈچ جەھەتتە ئەرلەردەك چىدامچان ئەمەس. ھىسيات جەھەتتىكى پۈچەكلىك خوددى كومپيۇتېر ۋىروسى كومپيۇتېرنى نىمكەش قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش ئاياللارنىمۇ نىمجان قىلىپ قويالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئىرادىسى ھەرقانچە كۈچلۈك ئايالمۇ خېلى زور تەسىرگە ۋە زەربىگە ئۇچىرايدۇ.

ئەزىمەت مەلۇم ئىدارىنىڭ غوللۇق كادىرى بولۇپ، خىزمىتى كۆڭۈللۈك، ئائىلىسىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىدى. بىر قىتىم ئىككىمىز ئائىلە توغرۇلۇق مەقسەتسىزلا سۆزلىشىپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئۆز ئائىلىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرۋىتىپ ئايالى توغرۇلۇق ئالاھىدە توختۇلۇپ ئۆتتى:

- ئىلگىرى مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەمما بۇ يىتەرلىك بولمايدىكەن. ياخشى كۆرۈش كۆڭۈلدىكى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان، مۇنداقچە ئېيىتقاندا سۇبىكتىپ نەرسە بولغاچقا ئايالىم ئىشەنسىمۇ ھىس قىلالمايدىكەن. ئەمما مەن مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ئەمىليەتتە ئىپادىلەشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئۇنى سۈيۈش ئىرادەم قىلچىلىك غۇبارسى ئىدى. ئايالىم مېنىڭ مۇھەببىتىمدىن ئىنتايىن رازى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بەرمىگىنىمنى ئانچە كۆڭلىگە ئېلىپمۇ كەتمەيتتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجودى بىلەن ئائىلىدىكى ئىشلارنى قىلاتتى. ھېرىپ – چارچاپ كەلگىنىمدە ئىللىق چىراي بىلەن مېنى كۈتۋالاتتى. ھەر قىتىم ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە تاماق تەييار ئىدى. ئەمما مەن نەدىن بىلەي، ئۇ مېنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە تاماقنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمىتىنىمۇ قايرىپ قويۇپ، بەزىدە روخسەت سوراپ بالدۇر قايتىپ كىلىپ مەن ئۈچۈن تاماق تەييارلايدىكەن. مەن بۇلارنى كېچىكىپ بىلدىم. بىز شۇنداق قىلىپ 10 يىلنى ئۆتكۈزدۇق. بالىمىزمۇ بار بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە ئىشلىرىدىكى چىۋەرلىكى، ئىللىق چىرايى، بالا تەربىيلەشتىكى ئىستىداتى قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرمىدى. ئۇ بىرەر قىتىممۇ تۇرمۇشتىن ۋايسىمايتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، دەسلەپكى باسقۇچى بولغانلىقىدىن ئەگەر ياخشى كۈتۈنمىسە ئاقىۋىتىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بېشىمدا شۇئان چاقماق چاققاندەك بىلىنىپ كەتتى. دوختۇرنىڭ دىئاگىنوز قەغىزىنى كۆرۋىتىپ قوللۇرۇم تىترەپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. ئۇنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم. كاللام مۇرەككەپ خىياللار بىلەن تولغان ئىدى. بۇ خىياللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئۆزەمنى ئەيىپلەش دىسەم توغرا بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭ كارۋاتتىكى ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم شۇنداق سېيرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىش مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەم ئۈلۈشكە رازى ئىدىم. ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايتتى، يەنە بالامدىن ئۇ خەۋەر ئالمىسا ھىچكىم ئۇنىڭدەك قىلالمايتتى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئائىلەمدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، قانچىلىك مۇھىم ۋەزىيپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ ھەر كۈنى ۋاقتىدا تاماق قىلغاچقا مەن قۇرسىقىمدىن غەم قىلمايتتىم. خىزمىتىمدىن قايتىپ كىلىپ ھىچ ئىش بىلەن كارىم يوق پۇتبول مۇسابىقى كۆرەتتىم ياكى كىتاپ ئوقۇيتتۇم، ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، كىر – قات يۇيۇشتەك ئىشلار، يەنە توك – سۇ پۇلى، تېلفون پۇلى تاپشۇرۇشتەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى سۈيۈملۈك ئايالىمنىڭ ئۈستىگە يۈكلەكلىك ئىدى. يەنە ئۇماق ئوغلۇمنى يۇيۇندۇرۇش، تاماق يىگۈزۈش، يەسلىگە ئاپىرىش – ئەكىلىشتەك ئىشلارمۇ ئۇنىڭ مەسئولىيىتى ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەنۋاسى خۇددى مېنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقتەك يۈرىۋېرىپتىمەن. ئاشۇ سۈيۈملۈك ئايالىم بولغاچقىلا مەن شۇنداق بىخىرامان ياشاپ كەلگەن ئىدىم. ئۆزەمنىڭ ئائىلىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپەم پۇل تىپىش بولۇپ، خىزمىتىمنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ ئائىلىنى بىقىش، بالامنى ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۇل توپلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزەمچە ھەممىدىن چوڭ ئىش قىلۋەتتىم دەپ بىلىپ ئايالىمغا كۆڭۈل بۆلمىگەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرمىگەن ئىدىم. ئىڭىمدا مەن يەتكۈدەك پۇل تىپىپ ھاردىم، چوقۇم مۇشۇنداق ئارام ئېلىشىم، راھەت كۆرۈشۈم كېرەك، ئائىلەمدىكىلەرگە ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرمىسەم، كۆڭلىنى رەنجىتمىسەملا مېنىڭ ئىشىم تۈگۈدى دەپ ئويلاپتىمەن. ئەپسوس مەن خاتالاشقان ئىكەنمەن. ئادەم پەقەت مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق دەپ بىلۋالسا چوڭ خاتالاشقان بولىدىكەن. چۈنكى ئايالىممۇ خىزمەت قىلىپ پۇل تاپاتتى، يەنە ئىشتىن چۈشۈپ تۈرلۈك ئايىقى چىقماس ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ پۈتۈنلەي مەن ۋە بالامنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن جاپا چىكىپ كەپتىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلىغىنىمدا ھاياتلىقنىڭ پەقەت ماددى بۇيۇم بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدىغانلىقىنى، يەنە مىھرى - مۇھەببەتتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرۇچنىڭ مەۋجوتلۇقىنى تۇنۇپ يەتتىم. بولۇپمۇ ئۇ كېسەل كارۋىتىدا ياتقان شۇ دەقىقىلەردە بۇ نوقتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم. بۇ خىل ھىسيات مېنىڭ قانداقتۇر كاتتا رەھبەر بولۇش، پۇلدار ئەرباپ، ئوغلى ماگىستىر ئاسپىرانتى، ئېسىل ماشىنىسى بولۇش شېرىن خىياللىرىمنى، كەسىپتە بىر سەكرەپ كۆزگە كۆرۈنۈش ئىرادەمنى بىتچىت قىلۋەتتى. ئۆزەم بىر ھىسىياتسىز، مىھرىسىز ئادەم تۇرۇپ قانداقمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجوتقا كەلتۈرەي؟ قانداقمۇ كىشىلەرنىڭ پاسىبانىغا ئايلىناي؟ شۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئۆزەمنىڭ نەقەدەر پەسكەش ئادەملىكىمنى تۇنۇپ يەتتىم. بەلكىم جەمىيەتتە باشقىلار ماڭا قانداقتۇر ياخشى باھالارنى بېرىشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئۈچۈن بۇلار بەرىبىر بىر تىيىن. مەن ئالدى بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا مىھرىبان ئاتا بولۇشۇم كېرەك. ئاندىن جەمىيەتتىكىلەرگە مىھرىبانلىقتىن ئۈلگە يارىتىپ، سۆيگۈ ئاتا قىلالايمەن. مەن ئۆزەمگە باھا بېرىشكە باشلىدىم، گەرچە مەن مەسئولىيەتچان، قاتتىق، جاھىل كىشى بولساممۇ، ئەمما بۇ قىتىمقى خەتەرلىك كېسەل مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قاراشلىرىمنى يەنىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇندىن كىيىن ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا مىھرىبانلىق، خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بولدۇم. تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە ئايالىمنىڭ كېسىلى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ ئاخىرى ساقىيىپ كەتتى. تەڭرىگە كۆپ شۈكۈرىلەر ئېيتتىم. مەن شۇندىن كىيىن تۈپتىن باشقىچە ئادەمگە ئايلاندىم. ئىدارىدە قول ئاستىمدىكىلەرگىمۇ ناھايىتى يىقىملىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەت يىتىلدۈردۈم. بەزىدە تەڭرىنىڭ شۇنداق كېسەلنى ئايالىمغا سېلىشى بەلكىم مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك قەدىرلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

- ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۋاتقان ھەربىر مىنوت ۋاقتىمنى ئىنتايىن قىممەتلىك دەپ بىلىمەن،- دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مەن ئۆزەمنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى ماڭا ئوخشاش، ھەتتا مېنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ قەدىرلىشىنى تىلەيمەن. ئاياللار ھەقىقەتەنمۇ مىھرىبانلىق – سۆيگۈنىڭ سىموۋۇلى. بەزىدە تېخى ۋاقتنىڭ تېزاراق ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلىپ قالىمەن. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ۋاقتلىرىم تېزلا ئاخىرلىشىپ بىرلىكتە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز. بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر بەخت ئەمەسمۇ. مانا ھازىر مەن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقىمۇ ئېرىشتىم. كەسپتىمۇ نەتىجە قازاندىم. مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن رازى.

ئۇ گەپلىرىنى توختاتتى. قىرىقتىن خېلىلا ئاشقان بۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدە پىشقان ئەرلەرگە خاس قەتئىلىك، ئىللىقلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئايالىنىڭ خىزمەتتىن قايتىدىغان ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدۇم. بەلكىم مەنمۇ ئۆزەمنى ئەيىپلەۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن. راستىنى ئېيتسام مەنمۇ شۇنداق قىلالىدىممۇ يوق دىگەن مەسىلىدە گاڭگىراۋاتاتتىم.

قەدىرلىك دوستلار، ئەمدى بۇنداق سۇئالنى بىز ئۆزىمىزگە قويۇپ ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئاياللارنىڭ ئونۋېرسال سىلىشتۇرمىدا ئەرلەردىن ئاجىزلىقى بىر رىئاللىق بولۇپ، ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا، قوغدىشىغا مۇھتاج. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارادا بىردەك تۇنۇشقا كىلىپ، دۇنيادا ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش توغرۇلۇق قانون – قارارلارنى چىقىرىپ، مەيلى ئۇرۇش ياكى باشقا تۇقۇنۇش بولسۇن، مەيلى ئاچلىق ياكى جىسمانىي بىخەتەرلىك بولسۇن ئاياللارنىڭ ھوقوق – مەنپەئەتىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشنى تەۋىسيە قىلدى. ئاياللارنى خورلىماسلىق، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراتماسلىق، جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئاساسلىق مەزمون قىلىنغان بۇ تەۋىسيە دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاشقا بەلگىلىك رول ئوينىماقتا. ئەمما، بىر قىسىم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۋاتقان ياكى قانون – تۈزۈم مۇكەممەل بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاياللارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ جىنىسىي پاراكەندىچىلىك، خورلاش، ئېغىر ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجوت بولماقتا. ئەلۋەتتە بۇنداق مەسلىلەر بارا – بارا ھەل بولىدۇ ھەم يوقىلىدۇ. ئەمما مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كىلۋاتقان ئائىلىۋى زوراۋانلىق ھەركەتلىرى داۋاملىق مەۋجۈت بولماقتا. مۇشۇنداق مەسلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى بار. بۈگۈنكى كۈندە جەمىيىتىمىزدە داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولغان جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش ئىقىمى، ئاشنىدارچىلىق ئېقىمى، رەڭلىك سورۇن ئېقىمى، ئىشرەتخانا، قاۋاقخانا، دىسكوخانا، ھەتتا ساتىراچخانا قاتارلىق ئورۇنلار ئەركەك سۈپەت ئەرلەرنىڭ غۇرورىنى دەپسەندە قىلىپ، ئائىلىسىدىكى  ئايالىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا مەجبور قىلماقتا.

ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرى مېنى ھازىرچە تىنىمسىز خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ چىقىرىدىغاندەك ئەمەس. خىياللىرىم يۈگەنسىز ئاتتەك ھەرسايان چاپاتتى. يېرىم كېچىدە مەست بولۇپ ئۆيگە قايتقان چاغلىرىمدا ئايالىمنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى ئېچىپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشى، بىشىمدا پەرۋانە بولۇشى، كېچە- كېچىلەپ ئۆيگە قايتمىغان چاغلىرىمدا ئايالىمنىڭ مەن ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغانلىقى، ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا بىشىمدا بەسىرەمجان بولۇپ پەرۋانىدەك خەۋەر ئېلىشى كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردىم، ئۇ مېنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەندىن بۇيان ھەقىقەتەن بەختلىك قىلالىدىممۇ دىگەندەك گادىرماش سۇئاللار مېنى توختاۋسىز غاچاپ، ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى. ئايالىمنىڭ تاتلىق تاماقلىرىدىن چىنىپ ئۆزەمچە رېستۇرانلاردا تاماق يىيىشىم، تېلفونىمدا قانداقتۇر ئاياللار بىلەن مەخپىي ئۇچۇرلىشىشىم دىگەندەك پەسكەش قىلىقلىرىم تۇيۇقسىز ئويغانغان ۋىجدانىم ئالدىدا مېنى ۋىجىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. مەن مانا مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك سوراقلار ئالدىدا بىردىنلا ئۆزەمنىڭ زادى قانچىلىك ئادەملىكىم توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم. ۋىجدان مېنىڭ ھەر بىر ئىشىمنى بىرمۇ – بىر تەپتىش قىلماقتا ئىدى.

ئىلگىرى دوستلىرىم ئالدىدا ھەدىسىلا بالدۇر توي قىلۋاپتىمەن دەپ ئاغرىنىپ يۈرگەنتىم. خۇپىيانە ئىشلارغا بېرىلىپ كىتىپ، ساھىپجامال قىزلار ئۈچۈن پۇلنى قەغەزدەك خەجلىگەن، ئۇلارنىڭ ناز – كەرەشمىلىرىگە مەست بولغان ئىدىم.

بۇ ئىشلارغىمۇ 7- 8 يىل بولدى. گەرچە مەن بۇلارنى ھىس قىلغۇدەك ئالاھىدە بىرەر ئەھۋال يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەزىمەتنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدىن بۇيان مەن ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگەرگەن ئىدىم. گەرچە ئۇنىڭ كەچمىشى قانداقتۇر بىر داغدۇغىلىق ۋەقە، تەسىر قوزغىغان قىسمەت بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى بىشارەت شاپاقنىڭ نەرقىدەك ۋىجدانىمغا خېلى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. مەن ئۆزگەردىم، شۇ كۈندىن كىيىن مەن ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئۇسوللار بىلەن ئايالىمغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەشكە تىرىشاتتىم. چۈنكى مېنىڭ ئايالىم بىر پەرىشتە، مېنىڭلا ئەمەس، ئايال ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر پەرىشتە، ئۇنى قانداق قەدىرلەش ئۆزىمىزگە باغلىق. بەلكىم بىز ئوخشىمىغان بىر مۇھىتتا، ئوخشىمىغان شارائىتتا ياشىشىمىز مۇمكىن. مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسولى كۆپ، جاۋاپ قايتۇرۇش شەكىلىمۇ ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۆيگۈ، مىھرى – مۇھەببەتنىڭ سىھرى كۈچى، ئاخىرقى مەنىسى- مەقسىدى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئايالىڭىزغا بىر تال گۈل سوۋغا قىلغۇدەك پۇرسىتىڭىز بولسا شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر بۇنداق شارائىتىڭىز بولمىسا ئەڭ ئېسىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بەخش ئېتىڭ. مەن بۇ يەردە شۇنىڭغا ھۆددە قىلالايمەنكى، ئايالىڭىز شۇ قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جاۋاپ قايتۇرىدۇ. سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئاياللارنىڭ مىھرىبانلىقنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ مەسئوليىتى ئۈستىدە ئەستايدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ. سىز ئائىلىڭىزگە زادى قانچىلىك بەخت ئىلىپ كىلەلىدىڭىز. سىز ئائىلىڭىز ئۈچۈن ياراتقان ئىقتىسادى قىممەتنى بەخت دەپ قارامسىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىدىن – كەچكىچە كۈلكە – چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتۈشىنىمۇ؟ ئۆز پەرزەنتىڭىزگە زادى قانچىلىك ئەجرىڭىزنى سېڭدۈردىڭىز. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىنچىكە ئويلىنىپ قارارىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى كۈتمەكتە. ئەمدى ھە دىسىلا سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. سىزنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كىلىپ ئايالىڭىز ۋە پەرزەنتىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىق، مۇنداقچە ئېيىتقاندا بەختتىن دېرەك بېرىدۇ. ۋىجدانى جايىدا ئەركەك ئۆزىنى ھەر چاغ ئايالنىڭ مۇھەپىزەتچىسى دەپ قارايدۇ. ئۈلۈش توغرا كەلسىمۇ ئالدى بىلەن ئۇ ئۈلۈشى، دۇنيادا بىر ئانىنى قالدۇرۇشى كېرەك. ئىرادىلىك ئەرلەرلا ئۆز ۋۇجودىدىكى ئەرلىك پاكلىقىغا داغ تەككۈزمەيدۇ. ساھىپجاماللارنىڭ ناز – كەرەشمىلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەيدۇ، ھاراق سورىنىدا بولۇشىغا ئېچىپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ ھەركىتى سىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتمىسۇن. گەرچە سىز ياش، جاسارتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان بولسىمۇ، سىزدىكى ھەرقانچە ئەسەبىي جىنىسىي قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش بىر مەزگىلدىن كىيىن ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۇ سىزگە مەڭگۈلۈك ئەمەس. ھەرقانداق چىرايلىق قىز ھامان گۈزەللىكىدىن كىتىدۇ. پەقەت ھەركەت گۈزەللىكىلا قالىدۇ. ھالال مەھبۇبىڭىزمۇ ئەسلى ناھايىتى ساھىپجامال بولۇپ سىز ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندا مەيلى ئاپەت، كېسەل، قىيىنچىلىق، نامراتلىق، ھەتتا بىشىمغا ئۈلۈم خەۋىپى كىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇنى سۈيىمەن، مەڭگۈ قەدىرلەيمەن دەپ بەرگەن ۋەدىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن. ئايالىڭىز سىز ئامراق تاماقلارنى قىلىپ سىزنى ساقلاپ ئولتۇرسا سىزگە رېستۇران تامىقى ۋە ساھىپجاماللار سۈيۈملۈك كۆرۈنەمدۇ؟ ھالال ئايالىڭىزنى يىغلىتامسىز؟ ئائىلىڭىزنى بۇزۇپ ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارغا پۈتمەس – تۈگۈمەس ئاۋارىچىلىق، ئازاپ ئېلىپ كەلمەكچىمۇ؟ ئايالىڭىز ھەم دىلپارىڭىز بالىڭىزنى ئېغىر كۈنلەرگە قويماقچىمۇ؟ بالىڭىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسامدۇ؟ سىز ئاغرىپ يىتىپ قالسىڭىز بېشىڭىزدا يەنە شۇ ئايالىڭىز پەرۋانە بولىدۇ، سىز يىقىلىپ قالسىڭىز ئۇ كىلىپ يۈلەيدۇ. بۇلارنى چۈشەنگەندە كېچىكىپ قالغان بولماڭ. بۇلارنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ۋاقتىڭىزدا كىچىكىپ قالغان بولماڭ. ھاياتنى قەدىرلەڭ، ھەقىقى سۆيگىنى قەدىرلەڭ. ھەممە كىشىنىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت داستانى يىزىشى زۆرۈر ئەمەس، زۆرۆر بولىدىغىنى شۇنداق داستان بولغۇدەك ئىشلارنىڭ بولۇشى. قەتئى ئىرادىلىك ئەر ئاغمايدۇ. ئۆز ئايالىنى ئۇنتۇپ باشقىلارغا قىزىقىش توغرا ئەمەس. ئىنسانلار دائىم توغرا نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ خاتا نەرسىلەرنى تاللايدۇ. ئاندىن يەنە «ئازمايدىغان ئادەم يوق» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆز قىلمىشلىرىنى سۈپەتلەيدۇ ھەم ئاقلاشقا تىرىشىدۇ. شۇنىسى تۈپكى سەۋەبىنى ئىزلەپ كەلسە بۇنداق ئىشلاردىن تامامەن ساقلىنىش مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق گەپلەرنى دىگۈچىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىغا مەسئول بولالمىغان، ئاجىز كىشىلەردىن ئىبارەت.

قەدىرلىك دوستلار، ئاياللار ئەسلە پەرىشتە ئىدى. ئۇ زىمىندا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن قانىتىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ يەرگە چۈشكەن. شۇڭا ئۇنى ياخشى قەدىرلەش كېرەك، چۈنكى ئۇ ئەمدى قايتىپ كىتەلمەيدۇ.

ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش دەخلىسىزدۇر!

Posted: 2009-03-04 22:28 | [پۈتۈكچى]


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2146
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2200 نوقتا
پۇل : 22000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1629(سائەت)

 

قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئاياللارنى جاندىنمۇ ئېزىز كۆرۈپ قەدىرلەش كىرەك، لېكىن يەنىلا ئۆزىنى - ئۆزى قەدىرلىمىسە، باشقىلارنىڭ قەدىرلىشى بىلەن قەدىرلىك بولۇپ قالمايدۇ!

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-03-05 01:49 | 1 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 408 نوقتا
پۇل : 4080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

مەرھۇم شىنجاڭ لىنيىسى مۇنبىرىدىكى ئوغۇزخان ئاكىمىزنى باسباس مۇنبىرىدە كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-03-06 14:28 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 86
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 94 نوقتا
پۇل : 940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 

يولدىن چىقماقچى بولۇۋاتقانلارنى يولغا قايتۇرالمىسىمۇ، ئويلاندۇرىدىغان ماقالە بولۇپتۇ.
Posted: 2009-03-06 17:37 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation