ئاساسىي تېما : قىزلارغا ،،،ئاۋاتلىقى:260ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ،،،
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:236(سائەت)

 قىزلارغا ،،،

ئالدىمدا دەريا تىنىمسىز ئاقماقتا ،خۇددى مەنزىلى ئېنىق چەۋاندازدەك . ئۇ ماڭا نۇرغۇن ھېسلانى قالدۇردى . شۇ تاپتا سول تەرىپىمدە مەندىن كۆزگە كۆرۈنگىدەك يىراقلىقتا بىر قىز ئولتۇردۇ . قارىماققا ئازاپ ئۇنىڭغا ھەمرادەك ،سىرداش دوستىدەك .ئوڭ تەرىپىمدە يەنىلا مەندىن كۆزگە كۆرۈنگىدەك يىراقلىقتا بىر جۈپ ياش دەريانىڭ ئۇ قېتىدا مۇھەببەت لەززىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ ،زوق -شوخ بىلەن كۈلىۋاتىدۇ . سول تەرىپىمدىكى ھېلىقى قىز يىراقلارغا نەزەر سالدى . شۇ تاپتا ئۇ دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى بىر جۈپ ياشنى كۆردى .ئۆزىنىڭ شۇنداق چاغلىرىنى ئەسلىدى .كۆزىگە ياش ئالدى بولغاي ،ئالقانلىرى بىلەن كۆزىنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈردى . ئۇ دەريانىڭ بۇ قېتىدا ئىدى . نىمە ئۈچۈن بۇ قىرغاققا كېلىپ قالغىنىنى بىلەلمىدى . دۇنيادىن زارلاندى ،بىزار بولدى . قەلبىدىكى ھەسرەتنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئايلىنىپ ،دەرياغا قوشىلىشىنى ئۈمۈت قىلدى . ئۇ راستىنلا ياش تۆكتى ،بىراق قەلبىدىكى ھەسرەت قىسمەنلا كۆز ياشقا ئايلىنالىدى . ئۇ شۇ تاپتا ماڭا سوئال تاشلىدى ،بەلكىم ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ <<روھى سەبدىشى >> دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك ،ماڭا ئېغىر -ئېغىر سوئاللارنى تاشلايتتى ..ئۇ ئاۋۋال دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى بىر جۈپ ياشنى كۆرسىتىپ :
_ئۇلار كۈلىدۇ ،مەن نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە ھەسرەت چېكىمەن ؟ مېنىڭ بەختىم نىمە ئۈچۈن ئاخىرغا چىقمىدى ؟ بەختىم نىمە ئۈچۈن مۇنۇ دەريادەك بىر ئىزدا كېتىۋەرمەيدۇ ؟
مەن جاۋاپ بەردىم :
_ قىزچاق ،مەن سىزگە ئېيتاي ،دۇنيانىڭ ماھىيىتى جاپا-مۇشەققەت . كەرەملىك اللە نىڭ ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بۇ دۇنياغا چۈشۈرىشى ،جاپا-مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ ،پاكلىنىپ ئۇ دۇنيادىكى جەننەتكە قايتىشقا ئۇل سېلىش ئۈچۈندۇر .شۇڭا بۇ دۇنيادا راھەتتىن كۆرە جاپا-مۇشەققەت ھەممىدىن كۆپ . راھەت كىشىنى كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەسلىككە ئاپىرىدۇ . جاپا- مۇشەققەت بولسا ،كىشىگە زور ئىجتىمائى بىلىم بىرىدۇ . نۇرغۇن كىشىلەر جاپا-مۇ شەققەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ ، ئىماننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ، جەننەتكە قايتىشقا كۆۋرۈك ياسايدۇ . راھەتتىكى كىشىلەر ۋاقتى-سائاتىغا كەلگەندە ،كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ . ئەلۋەتتە شۇ راھەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىلگىركى ۋاقىتلىرىنىڭ ئازاپ ،جاپا -مۇشەققەتتە ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ يەنىلا راھەت ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ . بۇ يەردە دەيدىغىنىم ، پانى دۇنيادا مۇتلەق راھەت ياكى مۇتلەق جاپا- مۇشەققەت مەۋجۈت ئەمەس . جاپا- مۇشەققەتنى توغرا يەڭگەندىلا ، راھەتنىڭ كېلىدىغانلىقى قانۇنىيەت . اللە تەئالا پۈتۈن جانلىقنى ئۆز جۈپتى بىلەن ياراتتى . كىشى شۇڭا ھەر بىر قەدەمنى ئويلىنىپ بېسىشى كىرەك . بولۇپمۇ مۇھەببەت ئىشىدا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ . سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلىشىڭىز ،سىز تاللىغان ،ئەقىدە قىلغان ئۇ يىگىتنىڭ ئەسلىدىلا سىزنىڭ جۈپتىڭىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردۇ . سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنگە ھەسرەت چېكىپ ،ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىشىڭىز ئەخمەقلىقتۇر . كىشى شۇڭا مۇھەببەت داۋامىدا ،( بولۇپمۇ قىز )ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ،ئىسلامدىكى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىش تۇتىدىكەن ،ئۇنىڭ ھەسرەت چەكمەيلا ئۆز جۈپتىنى ئاسانلا تېپىۋالالىشىغا سۆزسىز ئىشىنىمەن .شۇڭا سىزنىڭ ھازىرقى ئازاپلىرىڭىز بىھۇدە ،سىز ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاڭ .
سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا ،بىر ياش بالا ئۇ قىزنىڭ غېرىپ كەپىسىگە كىرىپ كەلدى ،يەنى يېنىدا ئولتۇردى . يىگىت بەلكىم بۇ قىزنىڭ ئازاپلانغان چېغىدىكى پىسخىك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىمەن دىگەن بولسا كىرەك ، ئىشنى ئۇنىڭ غەمكىن كۆڭلىگە شېرىك بولۇش بىلەن باشلىدى . ئەگەردە قىز ئېھتىيات قىلمىسا ،ئۇ مەقسىتىگە يېتىدۇ . گەرچە يىگىتنىڭ مەقسىتى ماڭا ئايان بولمىسىمۇ ( پاك ياكى ناپاك بولسۇن ) ئىشنىڭ ئاخىرى قىزنىڭ يىغلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ ئېيتالايمەن . چۈنكى ئۇ دەسلەپكى ئازاپتىن قۇتۇلغىنى يوق . شۇ ئازاپنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئازاپنىڭ ئەسلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، ياكى سىز ئۆزىڭىزنى تۈزىۋالمايلا ،يەنە بىرىنىڭ ئازاپتا قالدۇرىشىغا ئۇچرايسىز . سىز چوقۇم بىر ئازاپنىڭ كەينىدىن بىر خوشاللىقنىڭ كېلىشىگە تۈرىتكە بولىشىڭىز كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزىڭ ئازاپلانغىنىڭىزنى باشقىلارغا بىلىندۈرمەسلىكىڭىز كېرەك ، بولمىسا باشقىلار ئالدىدا <<بىچارە >> دىگەن نامغا قېلىپ ،ھەرخىل مەقسەت ،ھەرخىل رەۋىشتىكى ياردەملەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز . بۇنداق ياردەملەر سىزگە ياكى بەخىت ياكى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئازاپنى قالدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن . شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئازاپلىرىڭىز ،بەخىتسىزلىكىڭىزگە ئېچىنىپ يۈرمەي ،ئاھ ئۇرماي ،بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاڭ . ئىسلام پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈڭ . ئەخلاقلىق بولۇڭ ،توختىماي ئۈگۈنۈڭ . بۇ چاغدا بەخىتنىڭ سىزنىڭ سايىڭىز ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپلا قالماي ،بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى بەخىتلىك قىلىشقا ئۈلگۈرەلەيسىز ..


مەنبە ؛ ئەلكۈيى تورى .

   no matter  what inside or out , allah knows ...

Posted: 2009-03-03 13:09 | [پۈتۈكچى]


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2138
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2192 نوقتا
پۇل : 21920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1621(سائەت)

 

قىزلارغا............... مېنىڭ قىزلارغا دەيدىغان سۆزۈم بەك جىق........... دىسەم دىسەممۇ تۈگۈمەيدۇ~~~

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-03-03 22:08 | 1 -قەۋەت


مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 85
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 89 نوقتا
پۇل : 890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:11(سائەت)

 

ئاز-تولا دەپ باقمامسىز بەگزادە ! ئاڭلاپ باقايلى ! 

سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2009-03-04 19:26 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation