ئاساسىي تېما : ئۈمىد تارىئاۋاتلىقى:46ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 177
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 179 نوقتا
پۇل : 1790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:68(سائەت)

 ئۈمىد تارى

    سېھتار چالىدىغان بىر ئەما ئۆمرىدە يېڭىۋاشتىن يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بوپتۇ،بىر كۈنى بۇ سىھتارچى بىر تەرىقەتچى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، تەرىقەتچى ئۇنىڭغا:
    -مەن سىزگە كۆزىڭىزنى جەزمەن ساقايتالايدىغان بىر رىتىسىپنى بىرىمەن،ئەمما بۇرىتسىپنى مىڭ تال تارىنى چېكىپ ئۈزۈۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئاچىسىزبۇنىڭدىن ئىلگىرى رېتسىپ مەنپەئەت قىلمايدۇ ،-دەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن سىھتارچى ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان شاگىرتنى .ئەگەشتۈرۈپ جاھان كېزىپتۇ،ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك قىلىپتۇ!

    يىللار بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋىرىپتۇ، سىھتارچى مىڭىنچى تارىنى چېكىپ ئۈزىۋەتكەندە  تاقەتسىزلىك بىلەن يېنىدىكىلەرگە ھىلىقى رىتىسىپنى ئوقۇتماقچى بوپتۇ، ئۇنىڭ يىنىدىكىلەر رېتسىپقا بىر قاراپلا:
    -بۇ بىر قۇرۇق قەغەز ئىكەن،ئۇنىڭدا بىرمۇ قۇر خەت يوق ئىكەن،- دەپتۇ.
    سىھتارچى بۇگەپنى ئاڭلاپ بىردىنلا يىغلاپ كېتىپتۇ،ئۇ<<مىڭ تال تارىنى چېكىپ ئۈزىمەن>>دەيدىغان مۇشۇنداق بىر<< ئۈمىت>>تە ئەللىك ئۈچ يىل ياشىغان ئىكەن....
    بۇ ئەما  سىھتارچى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارلىماپتۇ،ئەكسىنچە بۇقەغەزنى ئۆزىگە ئوخشاشلا يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇۋاتقان ھىلىقى شاگىرتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

Posted: 2009-03-02 22:47 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation