ئاساسىي تېما : قانغا مىلەنگەن بىر تەڭگەئاۋاتلىقى:87ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 177
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 179 نوقتا
پۇل : 1790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:68(سائەت)

 قانغا مىلەنگەن بىر تەڭگە

بۇ ھېكايە « بەش تال شاپتۇل ئۇرۇقى » غا ئوخشاش ئىكەن. سىزلەرمۇ ھوزۇرلانغايسىلەر

    پىتىر قولىدىكى 70 سىنىت پۇلغا قاراپ_قاراپ قويغىنىچە بولكا دۇكىنىغا كىرىپ كەلدى. قولىدىكى پۇلغا ئەڭ كىچىك بىر تال بولكا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، ئاپىسىنىڭ مۆلدۈرلەپلا قالغان كۆزلىرى ئۇنى كەينىگە قايتۇرالمايىتتى. ،،،
    _بولكا ئالىمەن
    _قايسىنى ئالىسەن؟_ نامىرات بالىغا قاراش خوش ياقمىدى بولغاي، قوپاللىق بىلەن سورىدى دۇكاندار.
    _ دۇكىنىڭىزدا تۈنۈگۈن سىتىلماي ئىشىپ قالغان بولكا بارمۇ؟ ، چۈنكى مەندە ئەڭ كىچىك بىر تال بولكىنى سىتىۋالدىغانغىمۇ يىتەرلىك پۇل يوق ئىكەن. بولسا شۇنداق بولكىدىن بىرنى قولۇمدىكى 70 سىنىتقا بەرگەن بولسىڭىز؟ ئاپام بەك ئىغىر ئاغرىق. تۈنۈگۈننىڭ ياقى ئىغىزىغا سالغۇدەك ھىچنىمە يوق. 
    _ يوقال!!!!!!! بۇ سىنىڭ ساخاۋەت مەركىزىڭ ئەمەس. قولۇڭدىكى شۇ  پۇلغا يەنە شۇنچىلىك قوشۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن دۇكىنىمغا كىر ھە دىۋانە!!!!!!!!!
    ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن، قىشنىڭ جۇدۇن_چاپقۇنىدا پۇتىنى ياپقۇدەكمۇ ئاياققا ئىرىشەلمىگەن بۇ بىچارە بالا ، ئىككى يىل ئاۋال ھاراقكەشلىكتىن ئۆلگەن دادىسىدىن كىيىن ، ئاپىسىغا ۋە ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن سىڭلىسىغا ئىگە بولمىسا بولمايىتتى. ئۇنىڭمۇ باشقا باللاردەك ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغۇسى، مەكتەپلەرگە بارغۇسى كىلەتتى ، لىكىن ئاپىسى دائىم دەيدىغان:
    < بالام نامراتلىق بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن، ئامال يوق> _ دىگەن سۆزلىرى ئۇنى ئازاپلايىتتى، ئۇنىڭ ئۈستى_بىشىغا قاراپ ھىچكىمنىڭ ئۇنى ئىشلەتكۈسى كەلمەيىتتى.

    مانا ئەمدىلىكتە ئۆيگە يەنە قانداق قۇرۇق قول بارىدۇ  ھە ؟
    دۇكاندىن باشلىرنى ساڭگىلاتقىنىچە چىقىپ ، ئالدىدىكى بايلار كوچىسىدىن ھەر بىر دەرۋازىنى ئۈمىد بىلەن چىكىشكە باشلىدى،،،،،،،،
    _يوقال دىۋانە!!! تولىمۇ بىزار قىلدى بۇ خەق،،،
    ھەر بىر ئۆيدىن چىققان جاۋاپ

    يەنە بىر سائەت ئۆتتى. ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان بىرلا ئۆي قالدى. 
    تاك تاك تاك
    _ نىم ئىش؟ ئۆي ئىگىسىنىڭ مۇغەمبەر چىرايى كۆرۈندى. 
    _ ئانام ئىغىر ئاغرىق، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىر دوللار بىرىڭ، بولمىسا ئانام ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ.
    _ ھىھ 
    ئۆتۈنۈپ قالاي!!!!!!!!!!!!!!!!

    _ بىر دوللارنى بىكارغا بىرىدىغان ئىش يوق،،،،،
    _ جىك! جىك!
    _ ئاجايىپ يوغان بىر ئىت يۈگىرەپ ئىگىسىنىڭ يىنىدا پەيدا بولدى. 
    _ مانا بىر دوللار ، لىكىن بۇنى سەن ئىتىمنىڭ ئالدىدىن تارتىۋىلىشىڭ كىرەك. قانداق بولدىغان ئويۇنمىكەن؟
    _ بالا ئانىسى ئۈچۈن ئويلاشمايلا ماقۇل بولدى.
    _ ئۇ بالىنى ھويلىسىغا ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن ، دەرۋازىنى چىڭ تاقاپ ، بىر دوللارنى ئىتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى بىر چەتتە تاماشە كۆرۈشنى باشلىدى .
    _ پۇلنى قانداق ئالارمەن؟ شۇنچە ۋەھشى ئىتنىڭ ئالدىدىن......................
بالا ھەر قىتىم پۇلنى ئىلىشقا ئۇرۇنغاندا ئىتتىن دەھشەتلىك زەربە يىدى، قورسىقى ئاچ، ئاجىز بالىنى يىقىتىىش ، ئىت ئۈچۈن ھىچنىمە ئەمەس ئىدى ،،،،،،،،،،،،،
    _ 10 مىنۇت، 20 مىنۇت،،،،،،،،،،،،،،،،،
    _ يىرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن بالىنىڭ بەدەنلىرى قانغا بويالدى، لىكىن ئۇ تىخىچىلا پۇلنى ئىلىشقا ئۇرۇنۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ ئانىسىنى سۆيەتتى،،،،،،،،،،،
    _ بولدى ئال بۇ پۇلنى، تازا كۆردۈم تاماشىنى ،،،،،،،،،،
    كۆزلىرى قاراڭغۇلاشقان بىچارە بالا  تىترەپ تۇرغان پۇتلىرنى تەستە ھەركەتلەندۈرۈپ، كوچىغا ئاستا چىقتى. لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرى كۈلۈپ تۇراتتى.
    _ ئانام قانچىلىك خوش بولۇپ كىتەر بولكىنى كۆرسە؟ تىخى يىڭى بولكا ئالالايمەن.....
    بولكا دۇكىنىغا كىلەي دەپ قالدىممۇ؟ نىمانداق يىراق ھە،،،،،،،،ئىغىرلىشىپ كەتكەن قەدەملەر كوچىغا مەن  بۇ يەردىن ئۆتتۈم دىگەندەك ئازراق قاننى سىرغىتىپ ماڭاتتى. 
    _ جىنىم ئانا، مەن بارغۇچە چىداڭ!!!!! ، ئاز قالدى،،،،،،،،
     ئۇ ئاخىرى بولكا دۇكىنىغا  يىتىپ كەلدى
    _ مەن يىڭى پىشۇرغان بولكا ئالىمەن. تىز ئوراپ بىرىڭ!!! مانا پۇل! بالىنىڭ قولىدا قانغا بويالغان، بىر تەڭگە تۇراتتى
ئۇ تۇنجى قىتىم دۇكاندارنىڭ ئالدىدا خۇددى بايۋەتچىلەردەك گەپ قىلالىدى. 
    _ مانا !
    ئۆيگە بىرىپلا ئاپامنىڭ قانچىلىك خوش بولغىننى كۆرسەم بۇ ئاغرىقلارمۇ يوقىلىپ كىتىدۇ. مىنى ساقلاڭ ئانا مەن كىلىۋاتىمەن،،،،،،،
    بالا دۇكان  ئالدىغا چىقمايلا يىقىلدى. بىشىنى كۆتۈردىيۇ ! يەنە يەرگە چۈشتى.! 
    ئاچلىق، ھارغىنلىق، ئاغرىق ئۇنى ئاخىرى بولكا دۇكىننىڭ ئالدىدا يىقىتتى. كوچىدىكى كىشىلەر بولسا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايىتتى.
    بالا لەۋلىردىكى ئاخىرقى كۈچنى يىغىپ مۇنداق دىدى:
    _ جىنىم ئاپا بۇ ئىسسىق بولكىنى ئۇكام ئىككىڭلار ، ماڭا ئىلىپ قويماي يەۋتىڭلار ھە، مەن بايىلا يىگەچكە قورسىقىم توق

Posted: 2009-03-02 22:32 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1014
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1014 نوقتا
پۇل : 10140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:418(سائەت)

 

بۇ ئوتتۇز نەچچىنجى يىللاردىكى ھېكايىمۇ نىمە؟

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-03-03 09:33 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation