ئاساسىي تېما : رەخمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك 10 خىل ئادەمئاۋاتلىقى:53ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 110
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 110 نوقتا
پۇل : 1100 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1763(سائەت)

 رەخمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك 10 خىل ئادەم

رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك 10 خىل ئادەم2008-11-24

 
  ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى ئۇچراتقاندا ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە تىرىشىڭ . چۈنكى ، ئۇ سىزدىن يىراقلاپ كەتكەندە ، بەختىڭىزنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز .

   دوستىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىزنى داۋاملىق ساقلاڭ . چۈنكى ، كىشىلىك ھاياتتا ھەقىقىي دوستقا ئېرىشىش قېيىن .

   شەپقەتچىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ . سىزگە شەپقەت قىلغان ئادەمنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ . چۈنكى ، ئۇ ھاياتىڭىزىنىڭ بۇرۇلۇش نۇختىسىنى پەيدا قىلغۇچىدۇر .

   ئىلگىرى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ . چۈنكى ، ئۇ سىزىنىڭ مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ئادەم .

   ئىلگىر سىزنى بىزار قىلغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ . چۈنكى ، ئۇ ئىرادىڭىزنى چىڭىتىشقا ياردەم بەرگەن .

  سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ . چۈنكى ، ئۇ بولمىغان بولسا ، كىشىلىك ھاياتنى ھازىرقىدەك چۈشەنمىگەن بولاتتىڭىز .

  سىز خۇپىيانە كۆيگەن ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنىڭ بەختىلىك بولىشىنى تىلەڭ . چۈنكى ، ئۇنىڭغا خۇپىيانە كۆيگەن ۋاختىڭىزدا ، سىز ئۇنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلغان .

  سىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئادەمگە رەھمەت ئېيىڭ . . چۈنكى ، ئۇ ئادەم ھاياتىڭىزىنىڭ بىر قىسمى بولغان .

   ئىلگىرى ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ، ئاراڭلاردىكى ئۇقۇشماسلىققا چۈشەنچە بېرىڭ ، چۈنكى پۇرسەت ھىمىشە بولىۋەرمەيدۇ .

  سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە بەل باغلىغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنكى ، ئۇ ئادەم بولغاچقا ، ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ۋە خوشال ھېس قىلىۋاتىسىز .
Posted: 2009-03-02 21:15 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> پىسخىكا مەسلىھىتى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation